مارالبېشى ناھىيەسى ئۆز جايىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق تۈرى ۋە سورت قۇرۇلمىسىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق بىلەن سېتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، پۈتۈن ناھىيە چارۋىچىلىق كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ ئىككى كۈندە، مارالبېشى ئەنشىن چارۋىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى خۇياڭ قويىغا ۋاكسىنا ئەملەش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.
(ئىختىيارىي مۇخبىر رىزۋانگۈل)

بۇ شىركەتنىڭ ئىممۇنىتېتلاش، دېزىنفېكسىيەلەش، يەم-خەشەك ئوزۇقى، ساقلىقنى ساقلاش، رەقەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ تۈرتكىسىدە، خۇياڭ قويىنىڭ تۆللەش نىسبىتى %220تىن يۇقىرى بولۇپ، قوزىلارنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى %96.44كە، نەسىللىك قويلارنىڭ يىللىق تۆللەش سانى 2.86 تۇياقتىن كۆپرەككە يەتتى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى