تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

مەخسۇس سەھىپە مەزمۇنى

  شىنجاڭ قوڭۇر كالىسى 100 يىلغا يېقىن يېتىشتۈرۈش تارىخىغا ئىگە بولۇپ، دۆلىتىمىز ئۆز ئالدىغا يېتىشتۈرگەن تۇنجى سۈت، گۆش قوش مەھسۇلاتلىق كالا نەسلى ھېسابلىنىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە خەلق ھۆكۈمىتى شىنجاڭ قوڭۇر كالىسى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەزەلدىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، شىمالىي شىنجاڭدىكى قىسمەن ۋىلايەت، ئوبلاستلار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ كۆپ خىل مەخسۇس تۈر بويىچە نەسىل ياخشىلاش پىلانىنى يولغا قويۇپ، بىر قاتار سىياسەتلەرنى چىقىرىپ، شىنجاڭ قوڭۇر كالىسى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىدى. 2022-يىلى،  يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، شىنجاڭنىڭ قوڭۇر كالىسى كەسىپلەر توپى دۆلەتنىڭ ئەۋزەل، خاس كەسىپلەر توپى قۇرۇلۇش تۈرىگە كىرگۈزۈلدى. 2022 - يىلى شىنجاڭ قوڭۇر كالىسىنىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىدىكى مەھسۇلات قىممىتى 16 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2021 - يىلىدىكىدىن  %11.3ئاشتى، 125 مىڭدىن ئارتۇق دېھقاننىڭ مەنپەئىتىگە بىۋاسىتە باغلاندى ۋە ئۇلارنى بېيىشقا يېتەكلدى. 

 

شىنجاڭ قوڭۇر كالىسى − دۆلىتىمىز ئۆز ئالدىغا يېتىشتۈرگەن تۇنجى سۈت، گۆش قوش مەھسۇلاتلىق كالا نەسلى

ئالتاي قويى − يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇدا بېقىلغان ئەلا نەسىللىك قوي سورتى

بايىنبۇلاق قارا قويى −  ئېگىز تاغ يايلىقىدىكى «تىرىك تاشقاتما»

مەكىت ناھىيەسى دولان قويى − گۆشى ھەم يېغىدىن تەڭ پايدىلىنىدىغان قوي نەسلى

 گۇما قىزىل قويى ​دۆلەتنىڭ كۆپ تۆللەيدىغان قوي گېنى ئامبىرىغا كىرگۈزۈلگەن سورت

باشباي قويى − ۋەتەنپەرۋەر زات يېتىشتۈرگەن داڭلىق سورت

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.