ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى رۇي فوتوسى، خەۋىرى) مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ چۆرېن يېزىسىغا جايلاشقان مورى ناھىيەسى شۆمۇ بىيو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئاساسلىقى نەسىللىك گۆش قويىنى كۆپەيتىش، يەم-خەشەك پىششىقلاش ۋە سېتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. كارخانىنىڭ تەرەققىياتقا ئىشلىتىدىغان ھازىر بار بولغان يېرى 420 مو، قوتان 12 مىڭ 800 كىۋادرات مېتىر، دانچە يەم-خەشەك ئىشلەپچىقىرىش سېخى ۋە ئامبىرى 1100 كىۋادىرات مېتىر بولۇپ، قوتاندىكى چارۋىنىڭ سانى 2000 تۇياقتىن ئاشىدۇ.
بۇ شىركەت ئۆزى كۆپەيتىپ، ئۆزى يېتىشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «دۇبو قويى» ۋە «ئاۋسترالىيە ئاق قويى»نى ئاتىلىق قىلىپ، خۇياڭ قويىنى ئانىلىق قىلىپ ئۈچ مەنبەلىك شالغۇتلاشتۇردى. تىرىشىش ئارقىلىق ساغلىقلارنىڭ تۆللەش نىسبىتى %200تىن ئاشۇرۇلدى؛ تۆللەش دەۋرىيلىكى سەككىز ئاي ئىچىدە مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، ئىككى يىلدا ئۈچنى تۆللەش ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈلدى. گۆش مەھسۇلاتى يۇمشاق، شىرنىلىك، تەمى ياخشى بولۇپ، فۇجيەن، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ قاتارلىق جايلارغا سېتىلدى.


8-ئاينىڭ 1-كۈنى، گۆش قويلىرى شۇ جايدىكى بايلىقتىن پايدىلىنىپ تەتقىق قىلىپ ياسالغان دانچە يەم-خەشەكنى يېمەكتە.

8-ئاينىڭ 1-كۈنى، خىزمەتچى خادىم قوتاننى تازىلىماقتا.

8-ئاينىڭ 1-كۈنى، گۆش قويلىرى ئاپتوموبىلغا چىقىرىلىپ، قەشقەر ۋىلايىتىگە سېتىلىشقا تەييارلانماقتا.

8-ئاينىڭ 1-كۈنى، گۆش قويلىرى ئاپتوموبىلغا چىقىرىلىپ، قەشقەر ۋىلايىتىگە سېتىلىشقا تەييارلانماقتا.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى