
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قاراقاش ناھىيەسى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، خاس باقمىچىلىق كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشتى. نۆۋەتتە، پۈتۈن ناھىيە بويىچە كۆپ تۆللەيدىغان قوي باقمىچىلىقى كۆلەملەشتۈرۈلۈپ، ئاممىنىڭ بېيىش قىزغىنلىقى تېخىمۇ ئاشۇرۇلدى. يېقىندا، قاراقاش ناھىيەسى كۇيا بازىرى يۈچۇەن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى روزىباقى ئابدۇباقىنىڭ باقمىچىلىق قوتىنىغا كىرگەندە، قوتان پاكىز، رەتلىك بولۇپ، قويلار يەم-خەشەك يەۋاتاتتى.
(ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز خې نا، بېلىقىز راخمان)

روزىباقى(سولدا) ۋە كەنت كادىرلىرى قوتاندىكى قويلارنى تەكشۈرمەكتە. 2019-يىلى، رۇزىباقى بۇ كەنتتىكى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ھەم چارۋىچىلىق تېخنىكلىرىنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە ياردىمىدە قوي بېقىشقا باشلاپ، قويچىلىق كەسپىنى تەدرىجىي جانلاندۇردى.

2022-يىلى، روزىباقى 120 تۇياق كۆپ تۆللەيدىغان قوي كىرگۈزگەنىدى. ھازىر، ئۇنىڭ قوتىنىدا 550تىن ئارتۇق چوڭ-كىچىك قوي بار.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى