تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

تېكەس «ئۆلچەملەشكەن+كۆلەملەشكەن» باقمىچىلىق ئارقىلىق چارۋىچىلىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تېكەس ناھىيەسىنىڭ كۆكتېرەك قىرغىز مىللىتى يېزىسى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئۆلچەملەشكەن، كۆلەملەشكەن باقمىچىلىقنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، چارۋىچىلىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى. يېقىندا، كۆكتېرەك قىرغىز مىللىتى يېزىسى پىڭئەن كەنتىدىكى 10 مىڭ تۇياق قوي باقمىچىلىق بازىسىدا، قوي قوتانلىرى ئازادە، يورۇق، پاكىز، رەتلىك ئىدى. 10 مىڭ تۇياق قوي باقمىچىلىق بازىسى تۈرى پىڭئەن كەنتىدە ماكانلاشقاندىن بۇيان، كارخانا مەركەزلىك بېقىش بىلەن دېھقانلار تارقاق بېقىشنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق، قوي باقمىچىلىقىنىڭ سانى ۋە سۈپىتىدە يىلدىن ـ يىلغا ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئوتلاق، چارۋا باقمىچىلىقى كەسپى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات «تېز يولى»غا قەدەم قويدى. (ئىختىيارىي مۇخبىر ئېلزات، لۇ شاڭگو)

قوي قوتىنىدىكى سېمىز قويلار.

 كۆلىمى 122.33 مو كېلىدىغان بۇ بازىدىكى قاتار-قاتار سېلىنغان قوي قوتانلىرى.

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.