تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

«چىرايى ئوخشاش» دۆلەت گۆھەرلىرى ئاز ئۇچرايدۇ، شىنجاڭ «مۈشۈكئېيىق قويى»نى چۈشىنىپ باقايلى

يېقىندا،

چىرايى مۈشۈكئېيىققا ئوخشايدىغان بىر خىل قوي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ پىروگراممىسىغا چىقتى

بۇ قوينىڭ قۇلىقى قارا، كۆزى قارا، بۇرنى قارا بولۇپ

ئىسمى نوبېشى قويى

ئادەتتە يېڭىسار قويى دەپمۇ ئاتىلىدۇ

ئەسلىي ماكانى

قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېڭىسار ناھىيەسى

سىتلى يېزىسى نور بېشى رايونى

چىرايى ئوخشاپلا قالماي

ئۇنىڭدا يەنە مۈشۈكئېيىقنىڭكىدەك «خۇسۇسىيەت»مۇ بار

ئاز ئۇچرايدۇ!

ھازىر بۇ خىل قويدىن قوتاندا ئاران 27 مىڭ تۇياقلا بار

بۇ زادى قانداق قوي

ئۇنىڭ ھېكايىسىنى بىر ئاڭلاپ باقايلى

يېيىشلىكمۇ؟

كۆڭۈلگە تېگىپ كەتمەيدۇ، كۆپ ساندىكى كىشىلەر يەپ باقمىغان

ئۇزۇن مەزگىل شورلۇق يەردە بېقىلغانلىقتىن

نوبېشى قويىنىڭ گۆشى يۇمشاق، كۆڭۈلگە ئاسان تەگمەيدۇ

سانى ئاز بولغاچقا مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر يەپ باقمىغان

نوبېشى قويىنىڭ قانچىلىك يېيىشلىك ئىكەنلىكىنى

يەپ باققانلارلا بىلىدۇ

يېقىندا، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسى گو جيانىڭ

پىروگراممىدا مۇنداق شەخسىي باھا بەردى:

نوبېشى قويى گۆشىدە قىلىنغان كاۋاپ

بۇ دۇنيادىكى ئىككىنچى يېيىشلىك قوي گۆشى

ئۇنداقتا بىرىنچى يېيىشلىك بولغان قوي گۆشى قايسى

ئەلۋەتتە سۇدا پىشۇرۇلغان نوبېشى قويى

قوتاندىكى سانى

ئېشىشقا باشلىدى، ھازىر 27 مىڭغا يەتتى

نوبېشى قويى يېرىم يىرىك يۇڭلۇق قوي بولۇپ

يىرىك يەم-خەشەك بىلەن بېقىلىدۇ، ئوتلاش ئىقتىدارى كۈچلۈك

يايلىتىپ بېقىشقا ماس كېلىدۇ، مېڭىشقا ماھىر، كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك

يېڭىسار ناھىيەسىدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئۇزاق مۇددەت يېپىق ھالەتتە ئۆزى كۆپەيتىپ، ئۆزى يېتىشتۈرۈپ

كۆندۈرۈشىدىن شەكىللەنگەن يەرلىك قوي نەسلى

سولدىكى سۈرەت: نوبېشى قوچقىرى، ئوڭدىكى سۈرەت: نوبېشى ساغلىقى. (يېڭىسار ناھىيەلىك چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق ئىدارىسى تەمىنلىگەن سۈرەت)

     نوبېشى قويى بارلىققا كەلگەن جاي يەنى يېڭىسار ناھىيەسى سىتلى يېزىسىدىكى دېھقان ياسىن ئىبرايىم (بۇ يىل 80 ياش)نىڭ دېيىشىچە، بۇ نەسىلنى بېقىش تارىخى ئۇزاق بولۇپ، 400 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە ئىكەن، نوبېشى قويىنى باققان ئەجدادلاردىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، ھازىرقىسى 7-ئەۋلاد ئىكەن. ھازىر 7-ئەۋلاد ئۆمەرئېلى ياسىن (1989-يىلى تۇغۇلغان، يېڭىسار ناھىيەسى سىتلى يېزىسى بىنام كەنتىدىن) ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلغان بولۇپ، 60 تۇياق نوبېشى قويى بېقىۋېتىپتۇ.

نوبېشى قويىنىڭ قوتاندىكى سانى ھازىر 27 مىڭ تۇياققا يەتتى.  (يېڭىسار ناھىيەلىك چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق ئىدارىسى تەمىنلىگەن سۈرەت)

 نور بېشى رايونىنىڭ ئەتراپى شورلۇق چۆللۈك

يانتاق، قومۇش قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەر ئۆسىدۇ

يايلىتىپ بېقىلىدىغان قويلارنى ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىككى قېتىم يايلاتقاندا ئاندىن تويغۇزغىلى بولىدۇ

نوبېشى قويىنىڭ قوتاندىكى سانى ئىزچىل مۇقىم بولماي كەلدى

1982-يىلىدىكى تەكشۈرۈشتە قوتاندا 8000 قوي بار ئىدى

1998-يىلى 3300گە چۈشۈپ قالغان

قوتاندىكى قوي ئەڭ كۆپ بولغان ۋاقىت 2016-يىلىنىڭ ئاخىرى بولۇپ

92 مىڭدىن ئاشقان

يېڭىسار ناھىيەلىك چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق پونكىتىنىڭ باشلىقى قەيسەر سادىقنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە،

چارۋىچىلارنىڭ قوغداش ۋە مۇۋاپىق پايدىلىنىش ئېڭى ئاجىز بولغاچقا

كېيىنكى مەزگىلدە قوتاندىكى قوي مىقدارى يەنە تەدرىجىي ئازىيىشقا باشلىغان

شۇ جايدىكى چارۋىچىلىق تارماقلىرىنىڭ تەشۋىق-تەربىيە ۋە قوغداشنى كۈچەيتىشىگە ئەگىشىپ

2021-يىلىدىن باشلاپ قوتاندىكى قوي مىقدارى كۆپىيىشكە باشلىغان

نۆۋەتتە قوتاندىكى سانى 27 مىڭغا يەتكەن

قوغداش

ئالاقىدار ئىلتىماس قىلىش ئىشلىرى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ

نوبېشى قويىنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى بىرقەدەر تۆۋەن بولۇپ

ئادەتتە بىر قېتىمدا پەقەت بىرنىلا تۆللەيدۇ. ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ ئىككىنى تۆللەيدۇ

 كۆپ تۆللەش نىسبىتى %10 ئەتراپىدا

نوبېشى قويىنى قوغداش ئۈچۈن

شۇ جاي نەسىل ساقلاش فېرمىسى، كۆپەيتىش فېرمىسى قۇردى

نوبېشى قويىنىڭ قوزىسى. (يېڭىسار ناھىيەلىك چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق ئىدارىسى تەمىنلىگەن سۈرەت)

پەقەت ئىلمىي قوغداش ئارقىلىق

تېخىمۇ كۆپ چارۋىچىنى بېقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغاندىلا

تۈر توپىنىڭ سانىنى تەبىئىي كېڭەيتىپ

تېخىمۇ كۆپ كىشىگە بۇ قوينىڭ ئەۋزەللىكىنى بىلدۈرگىلى بولىدۇ

 كۆپەيتىش خىزمىتى ئاسان ئەمەس

قوينىڭ «مۇھەببەت ھېكايىسى»نى

بىللە كۆرۈپ باقايلى

سىن مەنبەسى: @گو جيانىڭ مىكرو بىلوگى

      نوبېشى قويىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ بازار باھاسىنىڭ باشقا نەسىللىك قويلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولۇشىنى بەلگىلىگەن، ھەر بىر ساغلىقنىڭ باھاسى ئادەتتىكى قويدىن 300 يۈەندىن 400 يۈەنگىچە، ھەر بىر قوچقارنىڭ باھاسى 500 يۈەندىن 1000 يۈەنگىچە يۇقىرى، ھازىر، يەرلىكتىكى كۆپلىگەن دېھقان-چارۋىچى نوبېشى قويى بېقىشقا باشلىدى.

      تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ھازىر يېڭىسار ناھىيەسىدە نوبېشى قويى نەسلىنى قوغداش فېرمىسىدىن بىرى، كۆپەيتىش فېرمىسىدىن بىرى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ نەسىل پەيدا بولغان جاي ئاساس قىلىنىپ، بايلىق قوغداش رايونى ئايرىپ چىقىلغان. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئۈزلۈكسىز تىرىشىش ئارقىلىق، نوبېشى قويىنى دۆلەتنىڭ نەسىل بايلىقىنى قوغداشقا ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىدە بىر قەدەر ياخشى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، بۇ يىل 5-ئايدا ئاپتونوم رايوننىڭ باھالىشىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكەن ھەم دۆلەت چارۋا-قۇش ئىرسىيەت بايلىقى كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشىگە يوللانغان.

شىنجاڭ  قويى

نەسلى 21 خىل بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ

دۆلىتىمىز دۇنيا بويىچە ئەڭ مول

چارۋا، ئۆي قۇشلىرى ئىرسىيەت بايلىقىغا ئىگە

نۆۋەتتە شىنجاڭدا قېزىپ چىقىلغان چارۋا، ئۆي قۇشلىرى ئىرسىيەت بايلىقى

جەمئىي 49 خىل بولۇپ

بۇنىڭ ئىچىدە قوينىڭ نەسلى 21 خىل

سانى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ

ئالتاي چوڭ قۇيرۇقلۇق قويى

سىن مەنبەسى: ئالتاي ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

      ئالتاي چوڭ قۇيرۇقلۇق قويىنىڭ قۇيرۇقى چوقلۇقىدىن داسقىلا ئوخشايدۇ، ئەسلى نامى «بۇرۇلتوقاي چوڭ قۇيرۇقلۇق قويى». بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى ھەر يىلى ئالتاي چوڭ قۇيرۇقلۇق قويى تاللاش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ. بۇ يىل 9-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى پائالىيەتتە، ئېغىرلىقى 177 كىلوگىرام كېلىدىغان چوڭ قۇيرۇقلۇق قوي 1-لىككە ئېرىشتى.

قەشقەر بارچۇق قويى

سۈرەت\مارالبېشى ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

       بارچۇق قويى ئەلا يەرلىك نەسىلدىن بولۇپ، 200 يىللىق باقمىچىلىق تارىخىغا ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «نام كارتىسى ئۈنۈمىگە ئىگە چارۋىچىلىق ئالاھىدە بازىرى بەرپا قىلىش»نى چۆرىدەپ، شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق مەركىزى شىنجاڭ چارۋىچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى قەشقەر شۆبىسىنىڭ مارالبېشى ناھىيەسىگە ماكانلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، بارچۇق قويىنىڭ مەھسۇلات مىقدارىدىكى بوغما ھالەتنى بىرلىكتە ھەل قىلدى. ھازىر مارالبېشى ناھىيەسىدە ھەمكارلىشىپ باقمىچىلىق قىلىدىغان دېھقان-چارۋىچى 380دىن ئاشتى، ھەر بىر ئائىلىنىڭ يىللىق كۆپەيگەن كىرىمى 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولدى.

تارباغاتاينىڭ باشباي قويى

      باشباي قويى تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ يەرلىك نەسىللىك قويى بولۇپ، ۋەتەنپەرۋەر زات باشباي يېتىشتۈرگەن، بۇمۇ بۇ خىل قوي نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ سەۋەبى. باشباي بىر خىل قارا گۆش تىپىدىكى ئەلا سۈپەتلىك يېڭى نەسىل بولۇپ، قوي گۆشى ئىچىدىكى گۆھەر ھېسابلىنىدۇ.

بايىنبۇلاق قارا باش قويى

      بايىنبۇلاق قارا باش قويى يەنە چاتېڭ چوڭ قۇيرۇقلۇق قويى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ شىنجاڭدىكى ئۈچ چوڭ قۇيرۇقلۇق قوي نەسلىنىڭ بىرى بولۇپ، ئېگىز تاغ يايلىقىدىكى «تىرىك تاشقاتما» دېگەن چىرايلىق نامىمۇ بار، ئۇ يەنجى ئېتى، جۇڭگو مېرىنوس قويى ۋە «ئېگىزلىك تانكىسى» دەپ نام ئالغان تىيانشان ياۋا قوتىزى بىلەن بىللە «يايلاقتىكى تۆت گۆھەر» دەپ ئاتىلىدۇ.

مەكىت دولان قويى

     دولان قويى شىنجاڭنىڭ گۆشى ھەم يېغىدىن تەڭ پايدىلىنىدىغان ئەلا نەسىللىك قوي نەسلى بولۇپ، ئاساسلىقى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي جەنۇبىي چېتىگە تارقالغان، ئۇنىڭ مەركەزلىك بېقىلىدىغان رايونى مەكىت ناھىيەسىدە بولغاچقا، مەكىت قويى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. دولان قويىنىڭ جۇغى چوڭ، ئۆسۈپ يېتىلىشى تېز، گۆش نىسبىتى يۇقىرى.

گۇما قىزىل قويى

گۇما ناھىيە مۇجى بازىرى لەڭگەر كەنتى گۇما قىزىل قوي يادرولۇق نەسىل يېتىشتۈرۈش بازىسىدىكى قىزىل قويلار. چېڭ جياڭتاۋ فوتوسى

      گۇما قىزىل قويى چىرا قارا قويى، دولان قويىدىن كېيىن، شىنجاڭدا يېڭىدىن بايقالغان يەنە بىر ئەلا سۈپەتلىك كۆپ تۆللەيدىغان خۇسۇسىيەتكە ئىگە شىنجاڭنىڭ يەرلىك قوي نەسلى. گۇما قىزىل قويى گۆشى ھەم يېغىدىن تەڭ پايدىلىنىدىغان يىرىك يۇڭلۇق قوي نەسلىگە كىرىدۇ، جۇغى چوڭ، قوچقار ۋە ساغلىقىنىڭ ھەر ئىككىلىسىنىڭ مۈڭگۈزى بولمايدۇ.

ماناس ساففولك قويى

لوپنۇر قويى

ئاراتۆرۈك تۇزكۆل قويى

...

شىنجاڭنىڭ قوي نەسلى مول

قوي گۆشلىرىمۇ ناھايىتى يېيىشلىك

بۇلتۇر پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ قوي گۆشى مەھسۇلات مىقدارى 607 مىڭ 200 توننا بولغان بولۇپ

مەملىكەت بويىچە 2-ئورۇندا تۇردى

قىش يېقىنلاپ قالدى، باھارمۇ يىراق ئەمەس

يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يېڭى «چوپان ناخشىسى»نىڭ

تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا تېخىمۇ جاراڭلىق ياڭرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.