تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

گۇما قىزىل قويى دۆلەتنىڭ چارۋا - ئۆي قۇشلىرى ئىرسىيەت بايلىقىنى باھالىشىدىن ئۆتتى

دۆلەتنىڭ كۆپ تۆللەيدىغان قوي گېنى ئامبىرىغا يېڭىدىن بىر «شىنجاڭ قىزىلى» قوشۇلدى

سىكاننېرلاپ سىننى كۆرۈڭ

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 14 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما بويۈنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق - مال دوختۇرلۇق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ قازغان چارۋا - ئۆي قۇشلىرى ئىرسىيەت يېڭى بايلىقى − گۇما قىزىل قويى دۆلەت چارۋا - ئۆي قۇشلىرى ئىرسىيەت بايلىقى كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشى، باھالىشىدىن رەسمىي ئۆتكەن. بۇ، دۆلەتنىڭ كۆپ تۆللەيدىغان قوي گېنى ئامبىرىغا يېڭىدىن بىر «شىنجاڭ قىزىلى»نىڭ قوشۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

گۇما قىزىل قويى شىنجاڭنىڭ خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسىدىن چىقىدۇ، يۇڭى قوڭۇر قىزىل رەڭدە، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە كىلىمات شارائىتىدا تۇغۇلىدىغان، ناچار مۇھىتقا تاقابىل تۇرۇشچانلىقى كۈچلۈك بولغان بىر خىل چارۋا - ئۆي قۇشى ئەلا نەسلى. گۇما قىزىل قويى گۆشى ھەم يېغىدىن تەڭ پايدىلىنىدىغان يىرىك يۇڭلۇق قوي نەسلى بولۇپ، جۇغى چوڭ، ئەركەك ۋە چىشىسىنىڭ ئوخشاشلا مۈڭگۈزى يوق، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، سوغۇققا تاقابىل تۇرۇش، يىرىك يەم - خەشەككە چىداملىق بولۇش، ھەم قوتاندا، ھەم يايلىتىپ بېقىشقا ماس كېلىش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.

گۇما قىزىل قويى يەرلىك قوي نەسلى بولۇش سۈپىتى بىلەن شۇ جايدىكى دېھقانچىلىق رايونلىرىدا بىرقەدەر ئومۇميۈزلۈك بېقىلىدۇ، بىر يىلدا ئىككى قېتىم تۆللەش، بىر قېتىمدا بىردىن تۆتكىچە تۆللەش ئالاھىدىلىكى بار، ئوتتۇرىچە تۆللەش نىسبىتى %130 بولۇپ، ئادەتتىكى قويلاردىن يۇقىرى.

«چىرا قارا قويى، دولان قويىدىن كېيىن، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدا يېڭىدىن بايقالغان كۆپ تۆللەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغان شىنجاڭنىڭ يەنە بىر ياخشى يەرلىك قوي نەسلى ھېسابلىنىدۇ.» ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق باش پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى تەن شياۋخەي مۇنداق دېدى: 2021 - يىللىق شىنجاڭنىڭ چارۋا - ئۆي قۇشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتى ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، خوتەن ۋىلايىتىدە بېقىلىۋاتقان گۇما قىزىل قويىنىڭ سانى 357 مىڭ 600 تۇياق بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بېقىلىۋاتقان قوي سانى يەنىلا ئېشىپ ماڭغان.

2019 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق - مال دوختۇرلۇق ئىدارىسى دېھقانچىلىق رايونىدىكى گۆش قويى كەسپىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك تېخنىكا سىستېمىسىنى تەشكىللەپ بەرپا قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش - ئوقۇتۇش - تەتقىقاتتىكى كۆپ تەرەپنىڭ كۈچىنى بىرىكتۈرۈپ ھەمتۈرتكە بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق رايونلىرىدىكى كۆپ تۆللەيدىغان گۆش قويى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. گۇما قىزىل قويى بايلىقىنى ئۈنۈملۈك قوغداش ۋە ئېچىپ پايدىلىنىش ئۈچۈن، گۇما ناھىيەسى 50 مىليون يۈەن بىرلەشمە مەبلەغ سېلىپ يەر كۆلىمى 298 مو كېلىدىغان گۇما قىزىل قويى نەسلىنى يېتىشتۈرۈش، كۆپەيتىش بازىسى قۇرۇپ، گۇما قىزىل قويىنى قوغداش ۋە بايلىقنى قېزىش خىزمىتىنى باشلىدى. 2021 - يىلى، خوتەن ۋىلايىتى گۇما قىزىل قويىنى بۇ ۋىلايەتنىڭ زامانىۋى گۆش قويى نەسلىنى يېتىشتۈرۈپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تۈرىگە كىرگۈزدى.

2022 - يىلى 8 - ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق - مال دوختۇرلۇق ئىدارىسى گۇما قىزىل قويىنى دۆلەتنىڭ چارۋا - ئۆي قۇشلىرى ئىرسىيەت بايلىقى قاتارىغا كىرگۈزۈشنى ئىلتىماس قىلدى، نۆۋەتتە باھالاشتىن ئۆتتى ھەم ئېلان قىلىندى. بۇ قېتىم يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ باھالىشىدىن ئۆتكەنلەردىن گۇما قىزىل قويىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 13 چارۋا - ئۆي قۇشلىرى ئىرسىيەت بايلىقى بار.

ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق - مال دوختۇرلۇق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى گاۋ نىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: دۆلىتىمىز دۇنيا بويىچە ئەڭ مول چارۋا - ئۆي قۇشلىرى ئىرسىيەت بايلىقىغا ئىگە، نۆۋەتتە پۈتۈن شىنجاڭدا قېزىپ چىقىلغان چارۋا - ئۆي قۇشلىرى ئىرسىيەت بايلىقىدىن جەمئىي 49 نەسىل بار، بۇنىڭ ئىچىدە قوي نەسلىدىن 21ى بار، سانى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. گۇما قىزىل قويى ئىرسىيەت بايلىقىنىڭ باھالىنىشى شىنجاڭنىڭ تۈر بايلىقىنى يەنىمۇ بېيىتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.