تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ چارۋىچىلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك نامايان قىلىندى

«تىيانشان تېغىغا كىرىپ يايلاق كۆچۈش ھەققىدە توختىلىش» توغرىسىدىكى يۈرۈشلۈك خەۋەرلەردە:

شىنجاڭ چارۋىچىلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك نامايان قىلىندى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ

يەنە بىر يىلدىكى باھار كېلىپ، بارلىق شەيئىي جانلاندى، شىنجاڭدىكى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا 7 مىليون تۇياقتىن ئارتۇق چارۋا ئارقا ـ ئارقىدىن ئەتىيازلىق يايلاققا كۆچۈش سەپىرىگە ئاتلاندى. 3 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنىدىن 18 ـ كۈنىگىچە، مەركىزىي رادىيو ـ تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى شىنجاڭ باش پونكىتى ئۇدا بەش كۈن كۆپ خىل تىلدا «تىيانشان تېغىغا كىرىپ يايلاق كۆچۈش ھەققىدە توختىلىش» توغرىسىدىكى يۈرۈشلۈك خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كۆرۈرمەنلەر، ئاڭلىغۇچىلار ۋە كەڭ تورداشلارنىڭ كەڭ دائىرىلىك دىققىتىنى قوزغىدى، كۆپچىلىك بەس ـ بەستە سۆز قالدۇرۇپ، خەۋەرلەرنى تارقىتىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، چارۋىچىلىق كەسپىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا قىزغىن مۇنازىرە قىلدى.

مەركىزىي رادىيو ـ تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى شىنجاڭ باش پونكىتى ھەرقايسى ساھەدىكى مۇخبىرلارنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدىكى چارۋىچىلىق رايونلىرىغا بېرىپ زىيارەت قىلىپ، بايىنبۇلاق چوڭ ئوتلىقى، ئىلى دەرياسى ۋادىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ پۈتۈن تاراتقۇ، كۆپ خىل تىلدا كۆپ قىسىملىق خەۋەر قىلىشقا ئەۋەتىپ، شىنجاڭ چارۋىچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىنى پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك نامايان قىلدى.

«كامېرا ئارقىلىق، قوي ـ كالىلارنىڭ تاغ ـ داۋانلاردىن ھالقىپ، يايلاق كۆچكەندىكى ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشىنى كۆرۈپ تولىمۇ ھاياجانلاندىم. گەرچە ھازىر شىنجاڭدا سىرتنىڭ تېمپېراتۇرىسى ناھايىتى تۆۋەن بولسىمۇ، لېكىن يايلاق كۆچۈش سەپىرىدە، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت خىزمەتچى خادىملارنى تەشكىللەپ، چارۋىچىلارنىڭ يايلاق كۆچۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى باشتىن ـ ئاخىر ياخشى ئىشلەپتۇ، بۇ كىشىگە تولىمۇ ئىللىقلىق تۇيغۇسى بېغىشلايدۇ. ئاخبارات خەۋەرلىرى بىزگە يايلاق كۆچۈش مەدەنىيىتىنى كۆپ نۇقتىدىن ھېس قىلدۇردى ۋە چۈشەندۈردى، بۇ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ.» 3 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى لى فاڭ «تىيانشان تېغىغا كىرىپ يايلاق كۆچۈش ھەققىدە توختىلىش» توغرىسىدىكى يۈرۈشلۈك خەۋەرلەرنى كۆرگەندىن كېيىنكى تەسىراتى توغرىسىدا توختىلىپ ھاياجانلاندى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭدا جەمئىي 7 مىليون تۇياقتىن ئارتۇق چارۋا ئەتىيازلىق يايلاققا كۆچۈرۈلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى تەخمىنەن 1 مىليون تۇياق چارۋا بايىنبۇلاق ئوتلىقىدا ئىكەن.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق چارۋىچىلىق ـ مال دوختۇرلۇق ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جاڭ يۇڭ ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ھاۋارايى ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىللە چارۋىچىلارنىڭ يايلاق كۆچۈش لىنىيەسىنى ياخشى پىلانلاپ، ئاساسىي قاتلام چارۋىچىلىق ـ مال دوختۇرلۇق تارماقلىرىدىكى تېخنىكلارنى نۇقتىدا تۇرۇپ مۇلازىمەت قىلىشقا تەشكىللەپ، دېھقان ـ چارۋىچىلارنى ئەتىيازلىق تۆل ئېلىش، ئۈششۈكتىن ساقلىنىش ـ ئىسسىنىش، يەم ـ خەشەكنى زاپاس ساقلاش ـ تولۇقلاش قاتارلىقلارنى ياخشى ئىشلەشكە يېتەكلىدى... «بۈگۈنكى كۈندە، بىز چارۋىلارنى يايلاققا كۆچۈرۈش خىزمىتىدە سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئورۇن بەلگىلەش تېخنىكىسىنى قوللاندۇق، بۇنىڭدا يايلاق كۆچۈش سۈرئىتىنى ھەرۋاقىت ئىگىلىگىلى بولىدۇ. ئۆلچەملەشكەن، كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق جەريانىدا رەقەملىك ئېلېكتىرون ئۆزەك تېخنىكىسىنى قوللاندۇق، بۇنىڭدا چارۋىلارنىڭ ھەرىكەت مىقدارى، ئوزۇقلىنىش مىقدارى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق توپلاپ ھەم تەھلىل قىلىپ، چارۋىلارنىڭ كۈيلەش مەزگىلىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ ھەم ۋاقتىدا ئالدىن سىگنال بېرىپ ئۇقتۇرۇش قىلىپ، باقمىچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ چارۋىلارنىڭ ھالىدىن دەل جايىدا خەۋەر ئېلىشىغا ياردەم بەرگىلى بولىدۇ.» جاڭ يۇڭ مۇنداق دېدى: ئاخبارات خەۋەرلىرىدە يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ چارۋىچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى كۆپ قاتلاملىق، ھەر تەرەپلىمە، ئىستېرېئولۇق نامايان قىلىنىپتۇ، كۆپچىلىكنىڭ ئىشەنچى تولۇپ تاشتى، غەيرىتى ئۇرغۇدى.

«مىڭ يىللىق چارۋا يولى يايلاق كۆچۈش ئۆزگىرىشلىرىگە گۇۋاھ بولدى، بۇنىڭ ئارقىسىغا شىنجاڭ چارۋىچىلىق كەسپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش شەكلىدە بارلىققا كەلگەن ئۆزگىرىشلەر مۇجەسسەملەنگەن.» بۇ ئىككى كۈندە، تېلېۋىزوردىن شىنجاڭدىكى مىليونلىغان چارۋىنى يايلاق كۆچۈرۈش توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى كۆرگەندىن كېيىن، سۇجوۋ شەھىرىدە تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان جاۋ لېي ناھايىتى ھاياجانلاندى، ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدىن ئايرىلغىنىمغا كۆپ يىل بولدى، بۇ كۆرۈنۈشلەر ماڭا ناھايىتى يېقىملىق تۇيغۇ بېغىشلىدى، بولۇپمۇ ماشىنا ئارقىلىق يايلاق كۆچۈش، پەن ـ تېخنىكىغا تايىنىپ باقمىچىلىق قىلىش ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىن چىن قەلبىمدىن خۇشال بولدۇم.

«<تىيانشان تېغىغا كىرىپ يايلاق كۆچۈش ھەققىدە توختىلىش> توغرىسىدىكى يۈرۈشلۈك خەۋەرلەرنى كۆرگەندىن كېيىن، ئەتراپىمدىكى دوستلىرىم شىنجاڭنىڭ قارلىق تاغ، ئورمان، ئوتلاق قاتارلىق مەنزىرىلىرىگە مەپتۇن بولدى، شۇنداقلا چارۋىچىلارنىڭ سەمىمىيلىكىدىن تەسىرلەندى، بىز بۇ يىل چوقۇم شىنجاڭغا قايتىپ، يايلاق كۆچۈشنى بىرلىكتە كۆرۈپ، شىنجاڭدىكى خەلق ئۆرپ ـ ئادىتىنى ھېس قىلىپ بېقىشقا كېلىشىپ قويدۇق» دېدى جاۋ لېي.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شىمالىي شىنجاڭدىكى ئىلى دەرياسى ۋادىسىدا، 1 مىليون تۇياق چارۋىمۇ ئارقا ـ ئارقىدىن يايلاق كۆچۈش يولىغا ئاتلاندى.

«<تىيانشان تېغىغا كىرىپ يايلاق كۆچۈش ھەققىدە توختىلىش> توغرىسىدىكى بۇ بىر گۇرۇپپا خەۋەر تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدىكى ھەيۋەتلىك، گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىلەرنى نامايان قىلىپلا قالماي، يەنە كۆرۈرمەنلەرنى باشلاپ يايلاق كۆچۈش داۋامىدا بارلىققا كەلگەن دەۋر ئۆزگىرىشلىرىگە كامېرا ئارقىلىق گۇۋاھ بولدى.» قورغاس ناھىيەسى ساربۇلاق بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بازار باشلىقى قانات سىلامغازى مۇنداق دېدى: پەن ـ تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى ۋە سىياسەت جەھەتتىن مەدەت بېرىشنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، يايلاق كۆچۈشنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

قانات مۇنداق تونۇشتۇردى: ھازىر، ساربۇلاق بازىرىدا يايلاق كۆچۈش خىزمىتى جىددىي، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. چارۋىچىلار چارۋىلارنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، زۆرۈر ماددىي ئەشيا ۋە جابدۇقلارنى تەييارلاش بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتىدۇ. ھۆكۈمەت تارماقلىرىمۇ يايلاق كۆچۈش خىزمىتىگە بولغان يېتەكچىلىك قىلىش ۋە مەدەت بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، يايلاق كۆچۈشنىڭ بىخەتەر ۋە ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى «تىيانشان تېغىغا كىرىپ يايلاق كۆچۈش ھەققىدە توختىلىش» توغرىسىدىكى ئالاھىدە پىروگراممىدا، مەركىزىي رادىيو ـ تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى تۇنجى قېتىم AI كۆرۈش سېزىمى ئىجادىي تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، تىيانشان تاغ تىزمىسىنىڭ ھەيۋەتلىك، گۈزەل مەنزىرىسى ۋە ئەتىيازلىق يايلاق كۆچۈشتىكى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچنى ئەكس ئەتتۈرگەن ھەم AI تېخنىكىسى ئاساسىدا بايىنبۇلاق قارا باش قويى، شىنجاڭ قوتىزى قاتارلىق ھايۋاناتلارنىڭ ئوبرازىنى قايتا نامايان قىلىپ، كىشىلەرگە شۇ نەق مەيداندا تۇرۇۋاتقاندەك كۆرۈش سېزىمى بېغىشلىغان.

«خەۋەر كۆرۈنۈشلىرىدە، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى تېلېكامېرا ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ قارلىق تاغ، ئوتلاق قاتارلىق ھەيۋەتلىك، گۈزەل تەبىئىي قىياپىتى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، يايلاق كۆچۈش جەريانىدىكى ھەيۋەتلىك مەنزىرە نامايان قىلىنىپ، كىشىلەرگە يېپيېڭى تەسىرات، شۇ نەق مەيداندا تۇرۇۋاتقاندەك كۆرۈش تۇيغۇسى بېغىشلىدى.» ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە ـ رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى دىلدار نەبى مۇنداق دېدى: مۇشۇ يىللاردا، ساياھەتچىلىك بىلەن مەدەنىيەت كەسپىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى چارۋىچىلىق رايونلىرىدا يايلاق كۆچۈش جەريانىدىكى خاسلىقى روشەن يايلاق كۆچۈش مەدەنىيىتى شەكىللىنىپ، يايلاق كۆچۈش ئۆزگىچە، ئەلا سۈپەتلىك ساياھەت بايلىقىغا ئايلاندۇرۇلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، «تىيانشان تېغىغا كىرىپ يايلاق كۆچۈش ھەققىدە توختىلىش» توغرىسىدىكى يۈرۈشلۈك خەۋەرلەر كۆپ خىل تىلدا، سۇپا ھالقىپ خەلقئاراغا تارقىتىلىپ، دۇنياغا ھەقىقىي شىنجاڭ ھېكايىسى بايان قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.