تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

گۇما قىزىل قويى ئەسلىدە كۆپ تۆللەيدىغان «گۆھەر» ئىكەن

− شىنجاڭنىڭ كۆپ تۆللەيدىغان يەرلىك قوي نەسلىنى بايقاش خاتىرىسى

سىكاننېرلاپ سىننى كۆرۈڭ

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل

ئۆمەرئابلا توختى يەم - خەشەك يەۋاتقان يەتتە قويغا كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ تۇراتتى، ئۇنىڭ خۇشاللىقتىن كۆزلىرى يۇمۇلۇپ كەتكەنىدى.

«ئاۋۇ بوينىنى ئۇزۇن سوزۇپ تۇرغىنى <موما>سى، چوڭراق تۆتى ئۇنىڭ ئوغۇل - قىزلىرى، ئىككى كىچىكى ئۇنىڭ نەۋرىلىرى، بۇلار بىر ئائىلىدىكى ئۈچ ئەۋلاد.» ئىزچىل گۇما ناھىيەسى چودا يېزىسى گولا كەنتىدە ياشاپ كېلىۋاتقان ئۆمەرئابلا ئائىلىسىدىكى گۆھەرلىرىنى مۇشۇنداق تونۇشتۇردى.

ئەلۋەتتە گۆھەر - دە! كىشىلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تەسىراتىدا، ئادەتتىكى قوي نەسلى بىر يىلدا پەقەت بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا بىرنىلا تۆللەيدۇ، ئەمما ئۆمەرئابلا ئائىلىسىنىڭ بۇ قويلىرى بىر قېتىمدا تۆتنى تۆللەيتتى.

بۇ قانداق قوي؟

«بۇنداق نەسىل كەم ئۇچرايدۇ!» چارۋىچىلىق مۇتەخەسسىسلىرى نەق مەيداندا تەكشۈرگەندە ماختاپ كەتتى.

ئىلگىرى، شۇ جايدىكىلەر ئۈچۈن بۇ ئادەتتىكى ئىش بولۇپ، پەقەت بۇنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد بېقىپ كېلىۋاتقان يەرلىك قوي ئىكەنلىكىنىلا بىلەتتى، بۇنىڭ كۆپ تۆللەيدىغان قىممەتلىك قوي نەسلى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلمىغانىدى.

بۈگۈنكى كۈندە بۇ يەرلىك قوي بىردىنلا ئۆزگىرىپ، «گۇما قىزىل قويى» دېگەن ياڭراق ئىلمىي نامغا ئېرىشتى.

6 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، گۇما قىزىل قويى دۆلەت چارۋا - ئۆي قۇشلىرى ئىرسىيەت بايلىقى كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشى، باھالىشىدىن رەسمىي ئۆتتى.

گۇما ناھىيەسى تەكلىماكان قۇملۇقى بىلەن قارا قۇرۇم تېغى ئارىسىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇلۇڭ - پۇچقاقتىكى كىچىك يېزا - كەنتكە يوشۇرۇنغان بۇ «كۆپ تۆللەيدىغان گۆھەر»نى مۇتەخەسسىسلەر قانداق بايقىغان؟ بۇ بىر قىزىقارلىق ھېكايە.

تۇغقانلىشىش جەريانىدىكى كۈتۈلمىگەن بايقاش

«مەن ئۇ كۈننى 2017 - يىلى 12 - ئاينىڭ 13 - كۈنىنى مەڭگۈ ئۇنتۇيالمايمەن. مەن گۇما ناھىيەسى چودا يېزىسىغا تۇغقانلىشىشقا بېرىپ، ۋاڭ شىنچۈەن، مۇتەللىپ ئابدۇقادىر قاتارلىق ئىككى كادىر بىلەن قوشماقلاشقان تۇغقىنىم ئۆمەرئابلانىڭ ئۆيىدە تۇردۇم » دېدى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى قىزىركەلدى ئابدۇراخمان گۇما قىزىل قويىنى دەسلەپتە كۆرگەن چاغدىكى مەنزىرىنى ئەسلەپ.

چارۋىچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇزاق مۇددەت يېزا ئىگىلىكى، يېزا خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغاچقا، قىزىركەلدىنىڭ ھەربىر ئائىلىگە بارغاندا ئالدى بىلەن ھويلا - ئاران ۋە قوتانلارنى كۆرۈپ باقىدىغان ئادىتى بار ئىدى.

«شىنجاڭدا، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ قوي باقىدىغان ئەنئەنىسى بار. ھويلا - ئارانلىرىدا قوي بولمىسا، خۇددى تۇرمۇشىدا قۇياش نۇرى كەم بولغانغا ئوخشاش بولىدۇ» دېدى قىزىركەلدى.

ئاددىي قوتاندا يەتتە - سەككىز قوي بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بىر قوينىڭ قورسىقى ئالاھىدە چوڭ ئىدى، تۆللەشكە ئاز قالدىمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس، تۆللەشكە ئاز قالسىمۇ، قوينىڭ قورسىقى كۆرۈنەرلىك يوغىناپ كەتمەيدۇ...

«قويلىرىڭىز ئاغرىپ قالدىما؟» دەپ سورىدى قىزىركەلدى.

«ياق، تۆللەي دەپ قالدى، تۆتنى تۆللەيدۇ، شۇڭا قورسىقى يوغان».

«نېمە؟» قىزىركەلدى ھەيران قالدى. ئۆمەرئابلانىڭ سۆزى ئېنىقلا قىزىركەلدىنىڭ بىلىدىغانلىرىغا جەڭ ئېلان قىلغانىدى، دۆلىتىمىزدە كۆپ تۆللەيدىغان قوي ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان بولۇپ، خۇياڭ قويى ۋە كىچىك قۇيرۇقلۇق خەنياڭ قويى قاتارلىقلار بار، شىنجاڭنىڭ يەرلىك قويلىرى ئادەتتە يىلدا بىرنى تۆللەيدۇ، تۆتنى تۆللەش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۈچنى تۆللەيدىغانلىرىمۇ ئاز ئۇچرايدۇ.

«چاقچاق قىلىۋاتمايدىغانسىز، جەمئىي تۆتنى تۆللىگەنمۇ ياكى بىر قېتىمدا تۆتنى تۆللەمدۇ؟» قىزىركەلدى ئۇلاپ سورىدى.

«ئىككى قېتىم تۆللىگەن، بىر قېتىمدا تۆتنى، بىر قېتىمدا ئۈچنى تۆللىدى، بۇ قېتىم تۆتنى تۆللىشى مۇمكىن» دىدى ئۆمەرئابلا ئەستايىدىللىق بىلەن بارمىقىنى چىقىرىپ ئىشارەت قىلغاچ.

«تۆت تۇياق! تۆت تۇياق؟» قىزىركەلدى قايتا - قايتا تەكرارلىدى. بۇ بەكلا ئالاھىدە ئىش ئىدى.

قىزىركەلدى قوتانغا كىرىپ، كۆز ئالدىدىكى يۇڭى قىزغۇچ قوڭۇر رەڭلىك، قۇلىقى يوغان ھەم بۇرۇن تۆشۈكى سەل پولتىيىپ چىققان قويلارنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتتى. ئۇ بۇ بىرنەچچە قوينىڭ تاشقى قىياپەت ئالاھىدىلىكىدىن قارىغاندا شىنجاڭنىڭ يەرلىك يىرىك يۇڭلۇق قويى ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئوخشىمايدىغىنىنىڭ، ئۇلارنىڭ قۇيرۇقى ساغرىسىنىڭ ئۈستىگىچە ئاچماق بولۇپ، كۆكسىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقىنى، ئۈچ - تۆت پاقلاننى ئېمىتەلەيدىغانلىقىنى بايقىدى.

«مەن پاقلانلارنىڭ تۇغۇلغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرىمەن! ئۇلار تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن، مەن قايتمايمەن» دېدى قىزىركەلدى قەتئىيلىك بىلەن.

«تۆتنى تۆللىدى! تۆتنى!» شۇ يىلى 12 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتە، سىرتتىن قايتىپ كېلىۋاتقان قىزىركەلدى قاتارلىق ئۈچ كىشىنى كۆرۈپ، ئۆمەرئابلا ئۈنلۈك ئاۋازدا خۇش خەۋەر يەتكۈزدى.

قىزىركەلدى ئەمدىلا تۇغۇلغان قىزغۇچ قوڭۇر رەڭلىك قوزىلارنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھەيران قالدى، راستكەن، تۆت تۇياق ئىكەن! ئۇ ئۆمەرئابلانىڭ مۈرىسىگە قاتتىق ئۇرۇپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بىلەمسىز، ئۆيىڭىزدە بېقىۋاتقىنىڭىز دۆلەتنىڭ <گۆھەر>ى! ئوبدان بېقىڭ جۇمۇ».

ئۆمەرئابلا ھەم چۈشەنگەندەك ھەم چۈشەنمىگەندەك قىلسىمۇ، ئەمما قىزىركەلدى گۆھەر تېپىۋالغاندەك بولغان ئىدى. ئۇ دەرھال ئىلگىرى ھەمكارلاشقان شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ھايۋانات ئىلمى شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى جۆكېن ئەنۋاشقا تېلېفون بەردى ھەم كۆڭلىدە ئەتراپىدىكى بارلىق كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، دۆلەتنىڭ بۇ «گۆھەر»ىنى قۇتقۇزۇشقا ئىرادە باغلىدى.

يەرلىك قوينىڭ «گېن مەخپىي شىفىرى» يېشىلدى

«كۆپ تۆللەيدىغان قوي؟ يەنە تېخى يىرىك يۇڭلۇق؟ ئۇنداق ئەمەستۇ؟ ئاۋۋال ماڭا سۈرىتىنى كۆرسىتىپ بېقىڭە.» تېلېفوننىڭ ئۇ تەرىپىدە، جۆكېن ئۆزىنىڭ قۇلاقلىرىغا ئىشەنمەيلا قالدى.

«بۇنداق يەرلىك قوي دۆلەت ئىچى - سىرتىدا ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ، بىز 30 نەچچە يىل جاپالىق ئىزدىدۇق.» سۈرەتنى كۆرگەن شۇ دەقىقىدە، جۆكېن بۇ خەۋەردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشقا تەقەززا بولۇپ، ھاياجانلانغىنىدىن ئىشخانىدىن ئېتىلىپ چىقتى. ئۇ يېنىدىكى − بىر شۆيۈەندىكى پىروفېسسور ليۇ ۋۇجۈننىڭ ئىشخانىسىنىڭ ئىشىكىنى گوم - گوم قىلىپ چېقىۋەتكۈدەك چەكتى.

ئىنتايىن ھاياجانلىنىش ئىلكىدە، شۇ كۈنى كەچتە جۆكېن ليۇ ۋۇجۈن بىلەن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، يەنە ئاپتوموبىلغا ئالمىشىپ گۇما ناھىيەسىگە يېتىپ كەلدى.

جۆكېن بىلەن ليۇ ۋۇجۈن ئائىلىلەرگە كىرگەندىن كېيىن، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ بۇ خىل قوينى ئومۇميۈزلۈك باقىدىغانلىقىنى، قويلارنىڭ بىر قېتىمدا ئىككىدىن تۆللەيدىغانلىرىنىڭ كۆپ ساننى ئىگىلەيدىغانلىقىنى، ئەڭ كۆپ بولغاندا بەشنى تۆللىگەنلىكىنى بىلدى. بۇ خىل قوينىڭ يۇڭىنىڭ رەڭگى پەسىللەرنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئۆزگىرەيتتى.

ئۇلار ئۆيمۇ ئۆي كىردى. ئۇلار قىزىل قويغا قىزىقتى، كەنت ئاھالىلىرى ئۇلارغا قىزىقتى. ئەۋلادمۇئەۋلاد باققان قويلار چوڭ مۇتەخەسسىسلەرنى جەلپ قىلغانىدى.

جۆكېن بىلەن ليۇ ۋۇجۈن ئون ئائىلىلىك دېھقاننىڭ قوي پادىسىنى تاللاپ، قويلارنىڭ بەدەن شەكلى، سىرتقى قىياپىتى، يۇڭىنىڭ رەڭگى، كۆپىيىش ئىقتىدارى، قوزىلارنىڭ ئەي بولۇش ئەھۋالى ھەم يەم - خەشەك مەنبەسى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ ئەۋرىشكە ئالدى ھەم بىر قېتىمدا ئىككى قوزا، ئۈچ قوزا ۋە تۆت قوزا تۆللىگەن قويلارنىڭ ئەۋلادىدىن 60 نەچچىنى تاللاپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ تۆللەش سانى ۋە نەسەبنامىسى قاتارلىقلارنى خاتىرىلىدى...

«بىز بۇ توپنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگەرگەن ئالاھىدە گېنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا يۇقىرى تۆللەش نىسبىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بايقىدۇق» دېدى جۆكېن.

بۇ تەتقىقاتقا يەنە شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ھايۋانات ئىلمى شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دوتسېنت ئىمىن سۇلايمانمۇ قاتناشتى. شۇنىڭ بىلەن، بىر باشباي قويى مۇتەخەسسىسى، بىر قازاق قويى مۇتەخەسسىسى، بىر قىزىل قوي مۇتەخەسسىسى بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئەتراپلىق پەن تەتقىقات خىزمىتىنى باشلىدى.

بىر يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، كۆپ تۆللەش گېنىنى تەكشۈرۈشتىن تۆللەش ئىقتىدارى، سۈت ئاجرىتىش ئىقتىدارى، كۆپىيىش ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈشكىچە، تەبىئىي چېتىشىشتىن ئوخشاش مەزگىلدە كۈيلەش، سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىشقىچە... ئۇلار خۇددى كىچىك بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاندەك قوي پادىسىنى كۈتۈپ، يۈزلىرى ئاپتاپتا كۆيۈپ قارىداپ كەتتى.

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ھايۋانات ئىلمى شۆيۈەنىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالاپ بېكىتىشىچە، گۇما قىزىل قويى كۆپىيىش نىسبىتى يۇقىرى، سۈت مىقدارى كۆپ، گۆش مىقدارى يۇقىرى، ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدا ئاز ئۇچرايدىغان ئەلا نەسىللىك يەرلىك قوي گۇرۇپپا توپى ھېسابلىنىدىكەن. قوش تۆللەشتەك گېننىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشىگە ئىگە بولۇشتىن ئىبارەت بۇ تەتقىقات نەتىجىسى 2019 - يىلىدىكى خەلقئارالىق نوپۇزلۇق ژۇرنال «PeerJ» دا ئېلان قىلىندى.

قىزىل قوينى كۆڭلىگە پۈككەچكە، قىزىركەلدى 2018 - يىلى چودا يېزىسى لەڭگەر كەنتىگە بېرىپ كەنتتە تۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ، شۇ بارغانچە ئۈچ يىل تۇردى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقاچقا، قىزىركەلدى بىر تەرەپتىن ئائىلىلەرگە كىرىپ گۇما قىزىل قويىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن شۇ جايغا قىزىل قوي پەن تەتقىقات يادرولۇق توپى قۇرۇش ئىلتىماس دوكلاتىنى تاپشۇردى ھەم ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ 1 مىليون يۈەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى بىلەن قوللىشىغا ئېرىشتى.

قوي سېتىۋېلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇش، 300 تۇياق قىزىل قوي سېتىۋېلىش، يادرولۇق نەسىل يېتىشتۈرۈش توپى قۇرۇش... ھەممەيلەن خۇشاللىققا چۆمگەن پەيتتە، يېڭى مەسىلە كۆرۈلدى: كۆلەملەشكەن باقمىچىلىقتىن كېيىن، قوي پادىلىرىدا گىرەلەشمە يۇقۇملىنىش پەيدا بولۇپ، بىراقلا 40 نەچچە ساغلىق ۋە قوزا ئازىيىپ كەتتى.

شۇ بىرنەچچە كۈندە، قىزىركەلدى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن كېچە - كۈندۈز قوتاندا بولدى. بىر كۈنى ياشىنىپ قالغان بىر كەنت ئاھالىسى ئۇلارغا جىگدىنىڭ تولغاققا شىپا بولىدىغانلىقىنى، بۇ رېتسىپنى سىناپ باقسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بوۋاينىڭ ئۇسۇلى بويىچە قويلارنىڭ كېسىلى ئاخىرى تىزگىنلەندى.

چودا يېزىسىنىڭ لەڭگەر كەنتى تەدرىجىي ھالدا قىزىل قوي كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇردى: كۈنىگە 30 توننا يەم - خەشەك پىششىقلايدىغان زاۋۇت قۇردى، دورىلىق يۇيۇش كۆلچىكى، نەسىللەندۈرۈش پونكىتى قاتارلىق چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ قۇردى، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 220دىن ئارتۇق نامرات ئائىلىگە 700دىن ئارتۇق قىزىل قوي ئېلىپ بەردى، 80 نەچچە قوتان سېلىپ بەردى.

2022 - يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق - مال دوختۇرلۇق ئىدارىسى گۇما قىزىل قويىنى دۆلەتنىڭ چارۋا - ئۆي قۇشلىرى ئىرسىيەت بايلىقى قىلىشنى رەسمىي ئىلتىماس قىلدى.

بۇ يىل 2 - ئايدا، گۇما قىزىل قويىنىڭ ئىرسىيەت بايلىقى دۆلەت چارۋا - ئۆي قۇشلىرى ئىرسىيەت بايلىقى كومىتېتى ئىشخانىسى تەشكىللىگەن قوي كەسپى كومىتېتىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ نەق مەيداندا تەكشۈرۈشىدىن ئۆتتى.

گۇما قىزىل قويىنىڭ كۆپ تۆللەش قىممىتى ئاشۇرۇلدى

باش يازدىكى مۇجى بازىرىنىڭ لەڭگەر كەنتى ھاياتىي كۈچكە تولغان بولۇپ، شىنجاڭ شىيۈ مۇياڭرېن دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ قىزىل قوي يېتىشتۈرۈش بازىسىدىكى تۇتاش كەتكەن ئۆلچەملەشكەن قوتانلىرىدا مەرىگەن ئاۋازلار ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

شىركەت خىزمەتچىسى ئابدۇۋەلى ئابدۇكېرىم مۇخبىرنى باشلاپ، يول بويى كۆرسەتكەچ، تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە بېقىلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى گۇما قىزىل قويى، پۈتۈن بەدىنى قوڭۇر قىزىل رەڭ بولغانلىرى پاقلان، سەل تۇرۇپ ئۇلارغا ۋاكسىنا ئەملەيمىز، قۇلىقىغا بەلگە سېلىپ قويىمىز، ئۇچۇرىنى خاتىرىلەيمىز، ئۇ تەرەپتىكى 2 - نومۇرلۇق قوتاندىكى قويلار دورا بىلەن يۇيۇنۇشنى ساقلاۋاتىدۇ...»

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ھايۋانات ئىلمى شۆيۈەنىنى پۈتكۈزگەن ئابدۇۋەلى 2021 - يىلى 7 - ئايدا شىنجاڭ شىيۈ مۇياڭرېن دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە كەلدى، «مېنىڭ كۈندىلىك خىزمىتىم ساغلىقلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، قوزىلارنى نوپۇسقا ئالدۇرۇش، ساقلىقنى ساقلاش. ھەر ئايدا 5000 يۈەن كىرىم قىلىمەن».

«يېتىشتۈرۈش بازىسىدا پەن تەتقىقات، يېتىشتۈرۈش، كېڭەيتىش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك پەن - تېخنىكا ھەمكارلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلدۇق.» شىركەتنىڭ زاۋۇت باشلىقى ئەلى ئوسمان يان تېلېفونىدا ساقلانغان ھۆججەتلەرنى ئېچىپ، بىر ۋاقىتتىكى ھامىلە سانى، قوزىنىڭ جىنسى، تۇغۇلغان ۋاقتى قاتارلىق تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى كۆز ئالدىمىزدا نامايان قىلدى. نۆۋەتتە، يېتىشتۈرۈش بازىسىدىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەت يادرولۇق تۈر توپىنى كېڭەيتىپ، گۇما قىزىل قويىنىڭ قوش تۆللەش، كۆپ تۆللەش ئەۋزەللىكىنى ئاشۇرۇش.

دوتسېنت ئىمىننىڭ تەلەپپۇزىدىن پەخىرلىنىش ھېسسىياتىغا تولغانلىقى چىقىپ تۇراتتى: «گۇما قىزىل قويىنىڭ ناچار شارائىتقا تاقابىلچانلىقى، كېسەلگە قارشىلىق كۈچى بىرقەدەر كۈچلۈك بولۇپ، قوتاندا باققىلى ھەم يايلىتىپ باققىلى بولىدۇ. يىرىك بېقىش شارائىتىدا، يەنىلا بىرقەدەر يۇقىرى كۆپىيىش ئىقتىدارىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. دېھقانلار تارقاق بېقىش شارائىتىدا، گۇما قىزىل قويىنىڭ تۆللەش نىسبىتى %129.59كە، كۆلەملەشتۈرۈپ بېقىش شارائىتىدا تۆللەش نىسبىتى %141.44كە يەتتى».

بۇ سانلىق مەلۇماتلار نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

«بۇ، گۇما قىزىل قويىنىڭ كۆپ تۆللەش، قوش تۆللەش گېنىنىڭ يېتىشتۈرۈش ئىستىقبالىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، كەلگۈسىدە شىنجاڭ، ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتتە رىقابەتلىشىش كۈچىگە ئىگە كېڭەيتىلىدىغان يېڭى نەسىل ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.» ئىمىن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: باشقا كۆپ تۆللەيدىغان قويلارغا سېلىشتۇرغاندا، گۇما قىزىل قويى ئاز يەيدۇ، گۆش چىقىش نىسبىتىمۇ يۇقىرى، ھەربىرىنىڭ گۆشى ئاز دېگەندىمۇ ئوخشاش ياشتىكى باشقا قويلارغا قارىغاندا 10 كىلوگىرام ئەتراپىدا كۆپ چىقىدۇ.

بىر يىل ئىلگىرى، ئۆمەرئابلا ئاغرىپ قېلىپ، ئامالسىز بەش قويىنى قوشنا يېزىدىكى بىر دېھقانغا سېتىپ بەرگەنىدى. قوينىغۇ ساتتى، لېكىن ئۇ ھەمىشە قويىنىڭ ياخشى يەم يېيەلمەسلىگىدىن ئەنسىرەپ، ئارىلاپ - ئارىلاپ سېتىۋالغۇچىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كۆرۈپ تۇردى، شۇنداق قىلىپ 12 قېتىم كۆرۈپ كەلدى. «بۇ يىل 1 - ئايدا، مەن ئۇلارنى قايتۇرۇپ سېتىۋالدىم، ئەمدى خاتىرجەم بولدۇم.» ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ قويلار خۇددى ئۆزۈمنىڭ بالىسىغا ئوخشاش بولۇپ، دائىم غېمىدە بولىمەن.

گۇما قىزىل قويىنىڭ كۆپ تۆللەش خۇسۇسىيىتىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، نىلقا ناھىيەسىنىڭ قاراسۇ يېزىسى جالىنغول كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى نۇرنالىم بۇنىڭغا مەپتۇن بولۇپ قالدى.

«مەن ئىزچىل بىر قېتىمدا نەچچە پاقلان تۆللەيدىغان يەرلىك قوينى بېقىشنى ئويلاۋاتاتتىم، ئاخىرى تاپتىم.» نۇرنالىم گۇمىغا بېرىپ، ئون نەچچە قوشقار، 60 ساغلىق سېتىۋالدى، بۇلتۇر ئۇلارنى 100 يەرلىك قوي بىلەن نەسىللەندۈرگەندىن كېيىن، 138 تۆل ئالدى، «ئۇلارنىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارى ئالاھىدە كۈچلۈك ئىكەن».

گۇما ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى رېن يەنجۈن مۇنداق ھېسابات قىلىپ بەردى: بۈگۈنكى كۈندە، خوتەن ۋىلايىتىدە بېقىلىۋاتقان «گۇما قىزىل قويى»نىڭ سانى 357 مىڭ 600 تۇياق، بۇنىڭ ئىچىدە گۇما ناھىيەسىدىكى 182 مىڭ 400 تۇياق بولۇپ، 66 مىڭ 200 دېھقان ئائىلىسىنىڭ بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولدى. «كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» باقمىچىلىق ئەندىزىسى قوللىنىلغاندىن كېيىن، گۇما قىزىل قويىدىن بىر يىلدا ئېلىنغان تۆل 180 مىڭ تۇياقتىن 270 مىڭ تۇياققا كۆپىيىدۇ، بۇنىڭ بىلەن باقمىچىلىق ئۈنۈمىنى تەخمىنەن %60 ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.

رېن يەنجۈن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون گۇما قىزىل قويى ئىرسىيەت بايلىقى نەسىل قوغداش مەيدانى ھەم يادرولۇق نەسىل يېتىشتۈرۈش مەيدانى، گۇما قىزىل قويى ئىرسىيەت بايلىقى گېن ئامبىرى قاتارلىقلارنى قۇرۇش ئارقىلىق، گۇما قىزىل قويىنىڭ داڭقىنى چىقىرىپ، گۇما قىزىل قويىنىڭ كۆپ تۆللەش قىممىتىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقان ئائىلىلىرىنى گۇما قىزىل قويىنى بېقىش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.