11 - ئاينىڭ 3 - كۈنى سائەت 11دە، گۈلەمبەر روشەن تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى باج سىستېمىسىدىكىلەرگە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىدىن لېكسىيە سۆزلەپ بولۇپلا، دەرھال ناھىيە بازىرىغا 180 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان مارياڭ يېزىسىنىڭ دى كەنتى ۋە يېقىن ئەتراپتىكى پىل كەنتىدە لېكسىيە سۆزلەش ئۈچۈن يولغا چىقتى. گۈلەمبەر روشەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، تاشقورغان تاجىكئابات بازىرىنىڭ تەشۋىقات ھەيئىتى. گۈلەمبەر روشەن بېيجىڭدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قەشقەر ۋىلايىتى، تاشقورغاندىكى ھەرقايسى سىستېما، ھەرقايسى يېزا - بازارلاردا سەككىز مەيدان لېكسىيە سۆزلىدى. بۇ قېتىم، ئۇ تاشقورغاندىكى ئەڭ چەت، يىراق كەنتكە بېرىپ، پارتىيەنىڭ «ياخشى ساداسى»نى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»غىچە يەتكۈزمەكچى بولدى.