تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ قەلب ساداسى丨 بۇرچىن ناھىيەسى: توردا دومبىرا ئارقىلىق «خەلققە نەپ يەتكۈزۈش كۈيى» ئورۇنلاش

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ جو، ئىختىيارىي مۇخبىر گۈلزىيا جېڭىس

  «پارتىيەنىڭ شانلىق مۇساپىسىنى ئەسلەپ ئۆتۈپ، پارتىيەنىڭ ئۇلۇغ مۇساپىسىنى ئۆگىنەيلى، كوممۇنىستلار ئازاب-ئوقۇبەت ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان روھنى نامايان قىلدى...» 11-ئاينىڭ 20-كۈنى، رىتىمى كۈچلۈك، راۋان بولغان سىن ناخشىسى دومبىرانىڭ لەرزان مېلودىيەسىگە تەڭكەش بولۇپ توردا تارقالدى.

布尔津县阔斯特克镇阔斯特克村“冬不拉”小分队队员在录制视频。(古丽孜亚.杰格斯提供)

  بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ قوستىق بازىرى قوستىق كەنتىدىكى «دومبىرا» شۆبە ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى سىنغا ئالماقتا.

سۈرەتنى گۈلزىيا جېڭىس تەمىنلىگەن.

  ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بۇرچىن ناھىيەسى قوستىق بازىرى قوستىق كەنتىدە، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى روھى شۇ جايدىكى «دومبىرا» شۆبە ئەترىتى تەرىپىدىن ناخشا قىلىپ تۈزۈلۈپ، قىسقا سىن قىلىپ ئىشلىنىپ، ۋىيشىن، QQ توپى، دوستلار چەمبىرىكى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق توردا ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈلدى.

  قوستىق كەنتى ناھىيە بازىرىدىن 40 كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، دۆلەت يولى پۈتۈن بازارنى كېسىپ ئۆتىدۇ، قاتناش ئىنتايىن قولايلىق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شۇ جايدىكى دېھقانلار تۈرلۈك ئېتىبار سىياسەتلەردىن پايدىلىنىپ خاس يېزا ئىگىلىكى ۋە ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ، تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى. پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن كېيىن، قوستىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى بىرلىكتە ئولتۇرۇپ ئاڭلىدى، كۆردى، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ مەزمۇنىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى.

  «بىزدە دوكلاتتىكى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى مەزمۇندىكىگە ئوخشاش ھېسسىيات بار، كۆپچىلىك ناھايىتى ھاياجانلاندۇق، شۇنىڭ بىلەن ئۆزلۈكىمىزدىن <دومبىرا> شۆبە ئەترىتىنى تەشكىللىدۇق. ئەترەت ئەزالىرى پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىكى مەزمۇنغا ئاساسەن تېكىست يېزىپ، رېپېتىتسىيە قىلدى، ناخشا مەشىق قىلدى.» «دومبىرا» شۆبە ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى ماخېزات ماخسات مۇنداق دېدى: بۇ قىسقا سىنلارنى ھەممە ئادەم يان تېلېفوندا ھەر چاغ، ھەر جايدا ئېچىپ قويسا بولىدۇ. ناخشا كۈيى لەرزان بولغاچقا، نۇرغۇن كەنت ئاھالىلىرى ئىشلەۋاتقاندا، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىۋاتقاندا ياقتۇرۇپ ئاڭلايدۇ. بۇنداق چۈشىنىشلىك شەكىل ئاممىغا ئۆزلىرىگە مۇناسىۋەتلىك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ غەمخورلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرالايدۇ، بەختلىك تۇرمۇشقا ئۆزىنىڭ كۈرەش قىلىشى ئارقىلىق ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

  ماخېزات تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەترەت ئەزالىرى ئاساسلىقى سىياسىي ساپاسى يۇقىرى، مۇزىكا ماھارىتى كۈچلۈك، تىل ئىپادىلىشى ئاممىغا يېقىن بولغان ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرى، پېنسىيەگە چىققانلاردىن تەركىب تاپقان. ئۇلار شەھەر- يېزىلاردىكى ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا گۇۋاھ بولغان، يېڭىچە بەدىئىي ئىپادىلەش شەكلىنى قوللىنىپ، كىچىك ھېكايىلەرنى سۆزلەپ، چوڭ داۋلىنى بايان قىلىشقا ماھىر بولۇپ، ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىدىغان مۇھىم قوشۇن.

  توردا تارقىتىش بىلەن بىللە، «دومبىرا» شۆبە ئەترىتى يەنە تور سىرتىدا لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ئۇلار چارۋىچىلىق رايونلىرىغا، چەت-يىراق كەنتلەرگە بېرىپ، نەق مەيداندا دومبىرا چېلىپ، ناخشا ئېيتىپ لېكسىيە سۆزلەپ، شوخ مېلودىيە ئارقىلىق پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە يەتكۈزدى.

  «پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يىلتىز تارتقۇزۇش ئۈچۈن، بىز ئەڭ تېز سۈرئەتتە، ئاممىغا ئەڭ يېقىن شەكىلدە تارقىتىپ، ھەممە ئائىلىنى خەۋەردا قىلىش ئۈنۈمىگە يېتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەنىڭ شانلىق مۇساپىسىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، گۈزەل تۇرمۇشنى ئورتاق بەرپا قىلىش ئىشەنچىنى مۇستەھكەملەشكە رىغبەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك» دېدى قوستىق كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى گۈلنا خۇرلىس.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.