تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

تىرىشىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتايلى

− ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 7 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا

□گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

ئىشلاردا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يېڭىلىق يارىتىشنى ئاساس قىلىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ، تەدبىرنىڭ ئۈنۈمى بىر ئۈلۈش ئورۇنلاشتۇرما قىلىش، توققۇز ئۈلۈش ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن كېلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 7 - ئومۇمىي يىغىنىدا بۇ يىللىق شىنجاڭ خىزمىتىدىكى بىر قاتار نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە تىرىشىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، «دائىم غېمىدە بولۇش»تەك مەسئۇلىيەت ئېڭى بىلەن، تۈرلۈك خىزمەتلەردىكى ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشتا ئىشنى ياخشى باشلىشى، قەدەمنى ياخشى ئېلىشى كېرەك.

باتۇرلۇق بىلەن يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىي ئىشلەشكە ئېتىبار بېرىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش پارتىيەمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى. تارىخ ۋە رېئاللىق شۇنى قايتا - قايتا ئىسپاتلىدىكى، يېڭىلىق ياراتقاندىلا ئاندىن دەۋرنى ئىگىلىگىلى، دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلغىلى، ئەمەلىي ئىشلىگەندىلا ئاندىن پۇرسەتنى جەزمەن ئاۋۋال تۇتقىلى، كەلگۈسىنى ياراتقىلى بولىدۇ. نۇرغۇن ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرى شۇنى قايتا - قايتا ئىسپاتلىدىكى، تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرما ھەرقانچە ياخشى بولسىمۇ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتمىغاندا، ھەممىسى قۇرۇق گەپ بولۇپ قالىدۇ.

بۇ يىل پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش باشلىنىدىغان يىل، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىدىغان مۇھىم بىر يىل، بۇ يىللىق شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور، مەسئۇلىيىتى ئېغىر، زور. مەيلى ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتا بولسۇن ياكى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشتا بولسۇن، جەزمەن يېڭىلىق يارىتىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ كۈچ قوشۇپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئاساسنى پۇختىلاش كېرەك.

تىرىشىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئورۇنلاشتۇرمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشتا، ئالدى بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشتە يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈش، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە گەۋدىلەندۈرۈش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشتا گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. پەقەت جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىدىغان جۇشقۇنلۇق ۋە ھاياتىي كۈچ ھەم باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەيدىغان، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەيدىغان ئاڭلىق ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولغاندىلا، ئاندىن باشتىن - ئاخىر سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىغىلى، ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچىنى جاسارەتلىك بولۇپ نەتىجە يارىتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرغىلى، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

تىرىشىپ يېڭىلىق يارىتىپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشتا، جاسارەت بىلەن «يىرىك پىلان خەرىتىسى» «يول خەرىتىسى»نى «قۇرۇلۇش خەرىتىسى» «ئەمەلىي مەنزىرە خەرىتىسى»گە ئايلاندۇرۇش كېرەك. شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداش؛ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەت - دىن خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاق، دىنلار ئىناق بولغان ياخشى ۋەزىيەتنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش؛ پارتىيەنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسنى سىجىل مۇستەھكەملەش؛ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ۋە ئاچقۇچلۇق قېزىلما بايلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشۇش؛ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ۋە ئۇنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى تۆھپە قوشۇش دەرىجىسىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈش؛ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش؛ دىققەتنى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى مەسئۇلىيەت، بۇرچقا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىڭتۇەننىڭ باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش داۋامىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش؛ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىش؛ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. تۈرلۈك ئىشلار، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھەممىسى يېڭىلىق يارىتىش غەيرىتى، ئەمەلىي ئىشلەش روھى، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلىنى ساقلىشىمىزغا ئېھتىياجلىق. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، بىز ئاندىن تەرەققىياتتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، تىرىشىپ كىرىزىس ئىچىدە يېڭى پۇرسەت يېتىلدۈرۈپ، ئۆزگىرىش ئىچىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتالايمىز، ئاندىن تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇلۇغۋار پىلاننى بالدۇرراق گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرالايمىز.

بۈگۈنكى شىنجاڭ تەرەققىياتتا پۇرسەت بىلەن خىرىس تەڭ مەۋجۇت، ئەۋزەللىكمۇ، كەمتۈكلۈكمۇ بار بولۇپ، كۈچ توپلاپ كۈچەپ، داۋان ھالقىپ، ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتىدىغان ئاچقۇچلۇق باسقۇچتا تۇرماقتا. ۋەزىپە قانچىكى مۈشكۈل بولغانسېرى، سىستېما قارىشىدا، توغرا يولنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا شۇنچە چىڭ تۇرۇش كېرەك؛ خىرىس قانچىكى كەسكىن بولغانسېرى، شۇنچە دادىللىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، جاپاغا چىداپ ئىشلەش، ئەمەلىي ئىشلەش كېرەك؛ نىشان قانچىكى ئۇلۇغۋار بولغانسېرى، شۇنچە مەن قىلمىسام كىم قىلىدۇ دەيدىغان بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، ئىلگىرىلىمىسەك چېكىنىپ كېتىمىز دەيدىغان كىرىزىس تۇيغۇسى بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، «دائىم غېمىدە بولۇش»تەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش ئارقىلىق تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ نەتىجە ھاسىل قىلىشىغا، ھەقىقىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يېڭىلىق ياراتقۇچىلار ئىلگىرىلەيدۇ، ئەمەلىي ئىشلىگەنلەر قۇدرەت تاپىدۇ. ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەتنى چىقىش قىلىپ، تىرىشىپ يېڭىلىق يارىتىپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىستىل ئارقىلىق ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 7 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى جايىدا ئەمەلىلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قەتئىي تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىدە، جاسارەتلىك بولۇپ نەتىجە يارىتىپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.