تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كۈرەش قىلغاندا ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرغىلى، كۈرەش قىلغاندا مۆجىزە ياراتقىلى بولىدۇ

− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى جاسارەت بىلەن ئۇلۇغۋار نىشاننى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

«تارىخنىڭ ئۇزۇن ئېقىنى مەۋج ئۇرۇپ ئاقماقتا، ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەر ئۇدا كۈرەش قىلىپ بۈگۈنكى جۇڭگونى ياراتتى.»«ئەتىكى جۇڭگودا كۈرەش ئارقىلىق مۆجىزە يارىتىلىدۇ.» شى جىنپىڭ ئېلان قىلغان 2023 - يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى كىشى قەلبىنى ئىللىتىپ، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: كۈرەش قىلغاندا ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرغىلى، كۈرەش قىلغاندا مۆجىزە ياراتقىلى بولىدۇ، يېڭى بىر يىلدا، يۈ گۇڭنىڭ تاغنى يۆتكىشىدەك ئىرادە، تامچە سۇنىڭ تاشنى تېشىشىدەك جاسارەت بىلەن، پۇختا، ئەستايىدىل بولۇپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئۇلۇغۋار نىشاننى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرىمىز.

يېزا ئىگىلىك چوڭ سانلىق مەلۇماتى، ئاقىل يېزا ئىگىلىكى، رەقەملىك يېزا - كەنت... سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇھىم ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان جاي بولۇپ، بۇغداي، كۆممىقوناق قاتارلىقلاردىن يىلمۇيىل مول ھوسۇل ئالدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سانجى ئوبلاستى يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشتا خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچلۈك پەن - تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.

رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە، يەرشارىۋى ئاشلىق كىرىزىسى ئالدىدا، دۆلىتىمىز ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا «ئۇدا 19 يىل مول ھوسۇل ئېلىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق قاچىسىنى قولىدا مەھكەم تۇتتى، دەپ كۆرسەتتى. بۇ، سانجى ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەركىزى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جياۋ جىمىڭدا ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى قوزغاتتى: «ھازىر، بۇغداي، كۆممىقۇناق تېرىش تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەشنى ياخشى تۇتۇپ، پەن - تېخنىكىنى كېڭەيتىش خىزمىتىنى ئالدىن ياخشى پىلانلاپ، ئاقىل يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭى بىر يىلدا دېھقانلارنى كۆڭۈل قويۇپ تېرىش، ئىلمىي پەرۋىش قىلىشقا يېتەكلەپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاشتا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز».

بۈگۈنكى جۇڭگو ھاياتىي كۈچكە تولغان جۇڭگو. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پەقەت ئىشەنچنى چىڭىتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىسەكلا، بەلگىلەنگەن نىشانىمىزغا چوقۇم يېتەلەيمىز.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قەشقەر شەھىرىنىڭ پاختەكلى يېزىسى ئۆز جايىنىڭ مول سۇ بايلىقى ۋە ئۈزلۈكسىز جانلىنىۋاتقان مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكىگە تايىنىپ، يېزا ئىستىلى، يېزا قىياپىتى، ئەتراپتىكى مۇھىتنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى، تۈزىدى. بۈگۈنكى كۈندە پاختەكلى يېزىسىنىڭ مەنزىرىسى خۇددى سۈرەتتەك گۈزەللەشتى، دېھقانلار ئارامگاھلىرى مېھمانلارغا لىق تولدى، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى. يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى مەمەت ھاكىم مۇنداق دېدى: «ئاساسىي قاتلام كادىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش يولىدا سىجىل كۈرەش قىلىمىز».

شىنجاڭ يۆبەنۋەن يېمەك - ئىچمەك باشقۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئوپچە ئوزۇقلۇق تاماق ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، يەتكۈزۈپ بېرىشنى بىر گەۋدە قىلغان مەركىزىي ئاشخانا كارخانىسى. «2022 - يىلى يۇقۇم كارخانىنىڭ تەرەققىياتىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتتى، لېكىن ھۆكۈمەت قوللانغان باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشكە دائىر بىر قاتار تەدبىرلەر كارخانىنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچىنى ئۇرغۇتتى.» بۇ شىركەتنىڭ باش مۇدىرى مېڭ شياۋشۈەن مۇنداق دېدى: دەل رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە ئېيتقاندەك، يول گەرچە يىراق بولسىمۇ، توختىماي ئىلگىرىلىگەندىلا مەنزىلگە يەتكىلى بولىدۇ؛ ئىش گەرچە تەس بولسىمۇ، بەل قويۇۋەتمىسىلا ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ. يېڭى بىر يىلدا، بىز كەسىپ زەنجىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تازىلانغان كۆكتاتنى ئايرىپ ئامباردا ساقلاش مەركىزى ۋە ئالدىن تەييارلانغان كۆكتات زاۋۇتى ئۆيلىرىنى ئۆزگەرتىش ھەم ئۈسكۈنىلەرنى كىرگۈزۈشنى تېزلىتىپ، كارخانىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتىمىز.

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە، يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، كەڭ كادىرلار، ئامما، بولۇپمۇ تېببىي خادىملار، ئاساسىي قاتلام خىزمەتچىلىرىنىڭ «جاپا - مۇشەققەتتىن قورقماي، ئۆز ئورنىدا قەتئىي چىڭ تۇرغانلىقى»نى ماختىغانلىقىنى ئاڭلىغاندا، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى جۇڭيى دوختۇرخانىسى(ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسى) كۆز كېسەللىكلىرى 1 - بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى گاۋ يۈنشيەن چوڭقۇر ئىلھاملاندى: «يېقىنقى ئۈچ يىلدا، كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەر ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۆزگىرىشچان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن ئېلىشىپ، مىسلى كۆرۈلمىگەن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارنى بىرلىكتە يەڭدى. نۆۋەتتە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش يېڭى باسقۇچقا كىردى، بىر تېببىي خىزمەتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىنى قوغداش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تىرىشىمەن، ساغلام جۇڭگو قۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمەن».

رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق، قار - مۇز ئەزىمەتلىرى مۇسابىقە مەيدانىدا ئۇچقاندەك چېپىپ، كىشىنى پەخىرلەندۈرىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، دەپ كۆرسەتتى. ھازىر ئاپتونوم رايوننىڭ 1 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قىزغىن كەيپىياتتا ئۆتكۈزۈلۈۋاتىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ قار - مۇز تەنھەرىكىتى خىزمەتچىلىرىنى ئىنتايىن رىغبەتلەندۈردى. ئالتاي ۋىلايىتىدىكى تېز مۇز تېيىلىش تۈرىنىڭ يېتەكچىسى، قوشۇمچە تىرېنېر قۇرماش كۇلىستان مۇنداق دېدى: «يېڭى بىر يىلدا، مەن ئۆز خىزمىتىمنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، ياش - ئۆسمۈر تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ياخشى ئاساس سېلىشىغا ياردەم بېرىپ، شىنجاڭ كوماندىسى، دۆلەت كوماندىسىغا تېخىمۇ كۆپ ئىختىساسلىقلارنى يەتكۈزۈپ بېرىپ، جۇڭگونىڭ قار - مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن».

كۇچا شەھىرى ياقا بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتچىسى دۇ ياۋيۈ «90 - يىللاردا تۇغۇلغان»، ئۆتكەن بىر يىلدا، ئۇ كەنتلەرگە بېرىپ ئائىلىلەرگە كىرىپ، ئامما بىلەن بىرلىكتە ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى بىلەن بىرلىكتە دېھقانلارنىڭ زىرائەتلەرنى ئىلمىي تېرىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاممىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى.

ياشلار روناق تاپسا دۆلەت گۈللىنىدۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى كەڭ ياشلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىشىغا تايىنىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى دۇ ياۋيۈگە زىممىسىدىكى بۇرچنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى: «يېڭى بىر يىلدا، مەن يېڭى دەۋر ياشلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىپ، داۋاملىق تۈردە يېزىلاردىكى كەڭ تۇپراقتا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، كۈرەش قىلىش ھالىتىم ئارقىلىق ياشلىق باھارىمنى ئۇرغۇتۇپ، دەۋرگە يۈز كېلىپ، ياشلىق باھارىمغا يۈز كېلىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ياشلىق كۈچۈمنى تەقدىم قىلىمەن».

«ئۆتكەن بىر يىلدا، بىزنىڭ باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىز پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدە بارغانسېرى ياخشى تەرەققىي قىلىپ، جەمئىي 16 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.» بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى قاراماغاي بازىرى دىيى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مانات نۇردانبېك مۇنداق بىلدۈردى: «يېڭى بىر يىلدا، مەن داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، تەرەققىيات يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، تىرىشىپ ئۈچ يىل ئىچىدە ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى ھەربىر ئائىلىنىڭ 100 تۇياق سۈت تۆگىسى بېقىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلايمەن».

(مۇخبىر جاڭ يۈنمېي، قاتناشقان مۇخبىرلار ۋېي يۇڭگۇي، خەن چىنيەن، تويا، سۇ لۇپىڭ، دۇڭ لياڭ، گۇەن مېڭيىڭ، جاڭ تىڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.