تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ۋە مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئاچتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ۋە مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى

ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 12 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن كېڭەيتىلگەن يىغىن ئاچتى، يىغىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى، مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركەزنىڭ يېڭى يىل، باھار بايرىمى مەزگىلىدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توغرىسدىكى ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، نەتىجىلەرنى خۇلاسىلەپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەھلىل قىلىپ، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەگە ئۈلگە تىكلەپ بەردى، ئۈلگە بولدى. ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئەستايىدىل ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ قەتئىي، ئاڭلىق ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەشەببۇس قىلغان ئىشلارغا قەتئىي ئاۋاز قوشۇش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قارار قىلغان ئىشلارنى قەتئىي شۇ بويىچە قىلىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەنئى قىلغان ئىشلارنى قەتئىي قىلماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، «ئۈچ جەزمەن»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى قاتارلىقلارنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىدىغانلىقىنى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا تەلەپ ۋە ئۆلچەم بويىچە توغرىلىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى بەنزىسىنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى ئېچىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجىنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە تەرەققىيات باسقۇچى قاتارلىقلارغا قويۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى مەركىزىي ۋەزىپە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇقىم، بىخەتەر تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى قاتتىق ساقلاپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئاشلىق ھوسۇلىنى مۇقىم ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش مۇھىم بازىسى بەرپا قىلىش؛ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش قىلىپ، ئاشلىق، ياغ، پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، يېشىل ئورگانىك مېۋە - چېۋە، كۆكتات، ئەلا سۈپەتلىك چارۋا مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق كەسىپلەر توپى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، يېزا - كەنت خاس كەسىپلىرىنى زورايتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، بېيىش يولىنى كېڭەيتىش؛ ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق، گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى ياخشى يولغا قويۇپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا - كەنت ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش؛ پارتىيەنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، ھۆكۈمەتلەرنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، بەش دەرىجىلىك شۇجىلار يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەشكىلىي سىستېمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قوشۇن بەرپا قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭ كۈچىنى قوشۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «2023 - يىللىق يېڭى يىل، باھار بايرىمى مەزگىلىدىكى ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش » ۋە مەركەزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توغرىسىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ تىنچ، تەرتىپلىك ھالدا تەڭشىلىپ نورمال باسقۇچقا ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، «B تۈردىكى يۇقۇمنى B تۈر بويىچە باشقۇرۇش» ئومۇمىي لايىھەسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەرىجىگە ئايرىپ، قاتلامغا ئايرىپ، تارقاقلاشتۇرۇپ قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، دورا، تەكشۈرۈش تەجرىبە دورىلىرى قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش، زاپاس ساقلاش، تەقسىملەپ يەتكۈزۈشنى ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ساغلاملىققا كاپالەتلىك قىلىش، كېسەلنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ ئاممىنىڭ بايراملىق ماددىي مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، كۆمۈر، توك، ماي، گاز، تىرانسپورتنى ماسلاشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىش ھەم خەلق تۇرمۇشى تاۋارلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە دېھقان ئىشلىگۈچىلەرنىڭ نېسى قالغان مائاشىنى ئېنىقلاپ تارقىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش؛ جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خەۋپ - خەتىرى، يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش ۋە تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش؛ ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان بايرام كەيپىياتى يارىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: كېلەر يىلى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش باشلىنىدىغان يىل. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىلىرى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى ۋە مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنى قاتارلىقلاردىكى تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، پارتىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى، ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

يىغىندا پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى يېڭى ھۆكۈمى، يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىسى، يېڭى تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە نىزامنامىسى ۋە پارتىيە ئىچىدىكى تۈرلۈك نىزاملارنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، سىياسىيدا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشالايدىغان، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان كادىرلار قوشۇنى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ ھالەت بىلەن يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش، رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.