تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

2022 - يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش بويىچە تەكشۈرۈش - باھالاشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى

​ما شىڭرۇي دۆلەت تەكشۈرۈش - باھالاش ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى

​ۋاڭ زوئەن، ئەركىن تۇنىياز، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، 2022 - يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش بويىچە تەكشۈرۈش - باھالاشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت تەكشۈرۈش - باھالاش ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى. ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ سابىق مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ زوئەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خې جۇڭيوۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنىدا ئالاقىدار خىزمەتلەردىن دوكلات بەردى.

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن دۆلەت تەكشۈرۈش - باھالاش ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرغانلىقىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتقان مۇھىم پەيتتە، ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈش - باھالاشنى قانات يايدۇرۇشى شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشىغا نىسبەتەن ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ۋە كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ھېسابلىنىدۇ. بىر يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسەتنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىش - ئۆلچەش، ياردەم قىلىش - يۆلەشنى كۈچەيتىپ، «تۆتنى توختاتماسلىق» تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى كۈچەپ زورايتىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ كەسىپ، ئىختىساسلىقلار، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە، تەشكىلات قاتارلىق جەھەتلەردىن ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشىنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىش كېرەك. بىز بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش - باھالاشنى پۇرسەت بىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 7 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەمدە ياخشى ئىشلەپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ يېزا - كەنتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، تەكشۈرۈش - باھالاش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ ۋە ئۇنىڭغا ياخشى ماسلىشىپ، ۋاقتىدا ئالاقىلىشىپ، دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈش - باھالاشتا كۆرسىتىلىپ بېرىلگەن مەسىلىلەرنى بىلگەن ھامان تۈزىتىپ، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ دەرھال تۈزىتىپ، ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىشنىڭ دەل جايىدا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى ئەمەلىي ئۈنۈم ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

ۋاڭ زوئەن مۇنداق كۆرسەتتى: 2022 - يىللىق تەكشۈرۈش - باھالاش خىزمىتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېجىرىشكە تاپشۇرغان بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ساھەسىدە قانات يايدۇرۇلغان تۇنجى قېتىملىق تەكشۈرۈش - باھالاش بولۇپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش خىزمىتىگە نىسبەتەن بىر قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، تەكشۈرۈش - باھالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىش، پۇختىلاشتىكى كۈچلۈك تۇتقا، خىزمەتلەرنى كۈچەيتىش، ياخشىلاشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتە، سىياسەتنىڭ ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈشتىكى مۇھىم شەكىل بولۇپ، ئالاھىدە سىياسىي ئەھمىيەتكە ۋە مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، خىزمەتلەرنى تېخىمۇ پۇختا تۇتۇپ، ئورتاق تىرىشىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئەستايىدىل ئىشلەپ، تەكشۈرۈش - باھالاش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، نىشان يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سىستېمىلىق پىلانلاپ، مەسىلىلەرنى بايقاش بىلەن تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ تەكشۈرۈش - باھالاشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. زىچ ماسلىشىپ، تەكشۈرۈشكە توغرا مۇئامىلە قىلىپ، مەسىلىلەرنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا ئىنكاس قىلىپ، تەكشۈرۈش - باھالاشنىڭ چىنلىقى، ئوبيېكتىپ بولۇشى ۋە دەل جايىدا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈشنى قاتتىق، پۇختا قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئىنتىزام تەلىپى ۋە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، تەكشۈرۈش - باھالاش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىشى كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تەكشۈرۈش - باھالاشنىڭ سىياسىيلىقى، كەسكىنلىكى، مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، تەكشۈرۈش - باھالاشنى قوبۇل قىلىشنى «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداش، «ئىككىنى قوغداش»نى سادىقلىق بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىشنىڭ مۇھىم ئەمەلىيىتى قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتىكى مۇھىم پۇرسەت قىلىپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى بىلەن ئۆلچەمگە، تەلەپكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن توغرىلىنىپ، مەسىلىنى تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شىنجاڭدا كەم - كوتسىز پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش - باھالاشنى پۇرسەت بىلىپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپىنى زىچ چۆرىدەپ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»غا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، تەكشۈرۈش - باھالاشنىڭ نەتىجىسىنى ھەقىقىي خىزمەت ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن شىنجاڭ كۈچىنى قوشۇش كېرەك. ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، تەكشۈرۈش - باھالاش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

چېن ۋېيجۈن، زۇمرەت ئوبۇل، قادېن كەبىن، مەڭلىك سىيىت، دۆلەت تەكشۈرۈش - باھالاش ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنىدىن كېيىن، ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەر شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلاملىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.