تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئۇلۇغ ئىنقىلاب قىلىشىنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرىمىز

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 2 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

باش شۇجى شى جىنپىڭ 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 2 - ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، چوڭ پارتىيەگىلا خاس قىيىن مەسىلىنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبى، ئاساسلىق ئىپادىسى ۋە ھەل قىلىش يولىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش نىشان - ۋەزىپىسى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر بايان قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، ئىدىيە چوڭقۇر، ئىچكى خاس مەزمۇن مول، بايانلار مۇپەسسەل بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيۋىلىككە، يېتەكلەشچانلىققا، قاراتمىلىققا ئىگە، ئۆزى ئۈستىدە ئۈزۈل - كېسىل ئىنقىلاب قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاتاكا سىگنالىنى مەڭگۈ ياڭرىتىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئۇلۇغ ئىنقىلاب قىلىشىنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ، كۈچلۈك سىياسىي نازارەتچىلىك ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.

«باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى چوڭ پارتىيەگىلا خاس قىيىن مەسىلىنىڭ شەكىللىنىش مەنبەسى ھەمدە بۇ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ پىكىر يولىنى چوڭقۇر ئېچىپ بېرىپ، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىزنى ئالتۇن ئاچقۇچ بىلەن تەمىنلىدى.» باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنى قايتا - قايتا ئۆگەنگەندىن كېيىن، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى دېلوغا قاراپ چىقىش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گو پېڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىستىلنى توغرىلاش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش يېڭى ۋەزىيىتىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە يەنىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، دىققەتنى ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار ۋە نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەنبەدىن تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دېلو ئارقىلىق تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ياخشى ماڭىمىز.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «كۈچلۈك سىياسىي نازارەتچىلىك ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.» پىچان ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئۆمەر لىتىپ چوڭقۇر ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: خەلق رايى ئەڭ چوڭ سىياسى. مەركىزىي خىزمەتنى زىچ چۆرىدەپ ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، نازارەت قىلىش، كاپالەتلەندۈرۈش، ئىجرا قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، قىل دېگەننى قىلماسلىق، قىلما دېگەننى قىلىش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ، مائارىپ، داۋالاش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش قاتارلىق ساھەلەرگە زىچ دىققەت قىلىپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان توسۇق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئارقىلىق، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى «ئۇششاق چىرىكلىك»نى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمىز.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى تۈزۈپ يولغا قويۇش − پارتىيەمىزنىڭ يېڭى دەۋردە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى گېپىدە تۇرۇپ ئاممىنى قايىل قىلىش تەدبىرى بولۇپ، جەزمەن دائىم بوشاشماي تۇتۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ تاكى ھەقىقىي تۈردە كىشىلەرنى تەربىيەلەپ يېڭى كەيپىيات يارىتىشقا قەدەر داۋاملاشتۇرۇپ، ئېسىل پارتىيە ئىستىلى ئارقىلىق جەمئىيەت ئىستىلى، خەلق ئىستىلىغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.» چاقىلىق ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى يۈخاڭ مۇنداق بىلدۈردى: مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭىتىشقىلا بولىدۇكى، بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. ئاساسىي قاتلام ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگىنى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى ئۇزاق مۇددەتلىك، ئۈنۈملۈك پولات قائىدە، قاتتىق بەلگىلىمە قىلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ يەپ - ئىچىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ سوۋغات، سوۋغاتلىق پۇل بېرىش - ئېلىش، شەخسىي ئاپتوموبىلنى ھۆكۈمەت پۇلىغا بېقىش قاتارلىق مەسىلىلەر باش كۆتۈرگەن ھامان زەربە بېرىپ، يوشۇرۇن، شەكلى ئۆزگەرگەن «تۆت خاھىش» مەسىلىلىرىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئالىمىز ۋە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىمىز.

«جەزمەن ئومۇمىي يىغىن روھىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئىجرا قىلىشنى چىڭىتىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر تۈزەش كېرەك.» يېڭىشەھەر ناھىيەسى ھاراپ يېزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ سۇڭگو مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش قاتارلىق مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ ئاساسىي قاتلامدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى چىڭ كۆزلەپ، تەڭ دەرىجىلىككە بولغان نازارەتچىلىك، كۈندىلىك نازارەتچىلىكنى پۇختا، ئىنچىكە قىلىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك نازارەتچىلىك ئۈنۈمى ئارقىلىق گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا مۇلازىمەت قىلىمىز ۋە كاپالەتلىك قىلىمىز.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم كۈچ، بۇرچى شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتى ئېغىر، زور.» جىڭ ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئەرزىيەت ئىشخانىسىنىڭ كادىرى ھەسەن ئەسقەر مۇنداق بىلدۈردى: ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئەرزىيەت كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيەگە مەڭگۈ سادىق بولۇپ، پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش سۇپىسىنىڭ ئەمەلىي قوللىنىلىش سۈپىتى، ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئامما نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئەرزىيەت، مەلۇم قىلىشنىڭ كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، قوبۇل قىلىش - بېجىرىش، پەرقلەندۈرۈش - ھۆكۈم قىلىش، ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلىش، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش - بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش، جاۋاب بېرىپ ئاممىنى يېتەكلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قېلىپلاشتۇرۇپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەپ، دەسلەپكى ئەرزىيەت ئىشلىرىنى پۇختا، ئىنچىكە ئىشلەپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭدە باشتىن - ئاخىر ئاتاكىدا ئەڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشقا كۈچ قوشىمەن.

(مۇخبىر لياڭ لىخۇا، قاتناشقان مۇخبىرلار لى ياڭ، جاڭ يەنفاڭ، جاڭ يۈنمېي، ئىختىيارىي مۇخبىرلار جاڭ فۇجۈن، ۋاڭ جىخەي، ياڭ دەندەن، جيا چۇنيەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.