تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

باش شۇجى شىنجاڭ ئۈچۈن تۈزۈپ بەرگەن گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلاننى بويلاپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش

​− شىنجاڭنىڭ 2022 - يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ

2022 - يىلى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ئىنتايىن ئۆزگىچە، ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە بىر يىل بولدى. قاتمۇقات قىيىنچىلىقلار بولسىمۇ، لېكىن تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمى مەردانە، كۈچلۈك بولدى، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش مېلودىيەسى باشتىن - ئاخىر ياڭرىدى.

بىر يىلدىن بۇيان، چىگىش، مۇرەككەپ دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت، كۆپ قېتىملىق يۇقۇمنىڭ زەربىسى قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىگە قارىتا، شىنجاڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى بىرتۇتاش پىلانلاش»نى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى مۇقىملاشتۇردى، تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈردى، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى، ئىقتىساد، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى سىجىل مۇقىم قىلدى.

ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىرادىنى ساقلاش

− مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلدى ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشتى

2022 - يىلى ۋاقىت شىكالىسى، شۇنداقلا كۈرەش قىلىش ئۆلچىمى بولدى. بۇ بىر يىلغا نەزەر سالساق، نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلدى، جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشتىن كەلدى.

«ئىككىنى بىرتۇتاش پىلانلاش»نى ياخشى ئىشلەش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەلىپى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئىشەنچنى چىڭىتىپ، بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى.

ئىلمىي پىلانلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇردا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەتكە قويۇپ پىلانلاپ، تەتقىق قىلىپ، مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۈنۈملۈك يول ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلدى ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشتى.

قانۇنچىللىق، مۇقىملىق، تەرەققىيات، ئېكولوگىيە، جەنۇبىي شىنجاڭ، سۇ بايلىقى، يادرولۇق رايون... 2022 - يىلى، «يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش»نى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ھەمدە تۈرلۈك خىزمەتلەرگە قارىتا كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى گۇاڭدۇڭ، جېجياڭ قاتارلىق ئۆلكە، شەھەرلەرگە تەكشۈرۈشكە بېرىپ ئىلغار تەجرىبىلەرنى ئۆگىنىپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئىقتىدارىنى ئاشۇردى. ھەربىر قېتىملىق كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇش، پىكىر ئالماشتۇرۇپ مۇھاكىمە قىلىش، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش − تەرەققىيات پىكىر يولى ۋە خىزمەت تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى.

ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. 2022 - يىلى 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن 15 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

2022 - يىلى 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، دىققەت شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەر زىچ چۆرىدىلىپ، 15 جەھەتتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپە ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئىككى قېتىملىق يىغىندا، ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەشنىڭ يۆنىلىشى، مۇھىم نۇقتىسى، سالمىقى ۋە رىتىمى دەل جايىدا ئىگىلىنىپ، مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان ۋەزىيەتتە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشنىڭ مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىپ، مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈرئىتى تېزلىتىلىپ، ئۈنۈمى ئاشۇرۇلدى، خەلق تۇرمۇشى سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى.

پائال تاقابىل تۇرۇش. 2022 - يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، يۇقۇم سەۋەبىدىن پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئىنتايىن زور زەربىگە ئۇچرىدى.

دەريا سۈيى جىلغىغا كىرگەن، شامال تاغ ئېغىزىدىن ئۆتكەن چاغ دەل ئەڭ جىددىي پەيت. يۇقۇمنىڭ قايتا - قايتا يامرىشى ئالدىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ئىلمىي تاقابىل تۇرۇپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش ئارقىلىق ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالغا تاقابىل تۇردى، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ يۇقۇمنى تىزگىنلىدى، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلدى، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش ھەم ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار سىياسەت - تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ئەڭ زور چەكتە قوغداپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئاساسىي گەۋدىسىنى ئەڭ زور چەكتە مۇقىملاشتۇردى.

يەنە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك ئېچىلغاندىن كېيىن، 2022 - يىلى 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش سىستېمىلىق پىلانلاندى، ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەر قىلىندى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات باسقۇچى ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتى زىچ كۆزلىنىپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر 17 تۈرگە كېڭەيتىلدى، تىرىشىپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن شىنجاڭ تۆھپىسى قوشۇلدى.

2022 - يىلى 12 - ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋاقىتقا، ۋەزىيەتكە ئاساسەن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرىدىغان 20 تۈرلۈك تەدبىر ۋە «يېڭى 10 تۈرلۈك تەدبىر»نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاتناش - تىرانسپورت، سودا - ئەشيا ئوبوروتى، يېمەك - ئىچمەك مۇلازىمىتى، مەدەنىيەت - ساياھەت قاتارلىقلاردا ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپلەرنىڭ ئايلىنىشى، بازارنىڭ ئايلىنىشى، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى.

چوڭ يۈزلىنىشنى كۆزىتىش، پۈتۈن ۋەزىيەتنى كۆزلەش، باتۇرلۇق بىلەن نەتىجە يارىتىش. 2022 - يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ كادىرلار، ئامما پۇختا قەدەم ئېلىپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، 2023 - يىلىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا پۇختا ئاساس سالدى.

تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلەش

− مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش

2022 - يىلى گەرچە قاتمۇقات قىيىنچىلىقلار كۆرۈلگەن بولسىمۇ، بىراق ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا يەنىلا يارقىن نۇقتىلار كۆپ بولدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ۋە يىرىك پىلان ئارقىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي گەۋدىسىنى ھەقىقىي مۇقىملاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىدا سۈپەتنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆسۈشى ۋە مىقدارنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

2022 - يىللىق شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈش دوكلاتىنى ۋاراقلايدىغان بولساق، رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئېشىش سۈرئىتىنىڭ 1 - پەسىلدىكى %7.0تىن، ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى %4.9كە، يەنە ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدىكى %3.9كە كەلگەنلىكىنى، گەرچە داۋالغۇش بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئېشىش ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز، بۇ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنىڭ كۈچلۈك، يوشۇرۇن كۈچىنىڭ يېتەرلىك، ئايلىنىش بوشلۇقىنىڭ چوڭلۇقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

«سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپلەرنى ماسلاشتۇرۇپ تەڭ ئىلگىرى سۈرۈش، يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرۇش 2022 - يىلى شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېلاستىكىلىقى، يوشۇرۇن كۈچى ۋە ئىشەنچىنىڭ ئاساسى بولدى.

− تاماق قاچىسىنى ئۆز قولىمىزدا مەھكەم تۇتتۇق. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا يەنە مول ھوسۇل ئېلىندى، ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى، بىرلىك ھوسۇل، ئومۇمىي ھوسۇلدا ئۈچ ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئاشلىقتا ھوسۇلنى ئۇدا يەتتە يىل ئاشۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

− سانائەت ئىقتىسادىنىڭ «ئاساسىي گەۋدىسى» پۇختا مۇقىملاشتۇرۇلدى! 1 - ئايدىن 11 - ئايغىچە، شىنجاڭنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 3.2 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

− مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلدى! «شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش» ئىستراتېگىيەسى چوڭقۇر يولغا قويۇلۇپ، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسى بەرپا قىلىش تېزلىتىلىپ، تۇرمۇش خاراكتېرىدىكى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، كۆپ خىللاشقان بولۇشقا قاراپ تەرەققىي قىلىشى تېزلىتىلدى.

«مۇقىملىق» ئومۇمىي ۋەزىيەت ۋە ئالدىنقى شەرت، «ئىلگىرىلەش» يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ نىشانى ۋە يۆنىلىشى. شىنجاڭ سېلىنمىنى زورايتىش، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچەپ، «ئۈچ ئاتلىق ھارۋا» ئارقىلىق ماس قەدەمدە كۈچ چىقىرىپ، ئىقتىسادنىڭ ھەم «مۇقىم بولۇشى»، ھەم «ياخشى ئىلگىرىلىشى»گە تۈرتكە بولدى.

زىمىستان قىش بولسىمۇ، شىنجاڭنىڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ قەدىمى يەنىلا توختاپ قالمىدى. يېقىندا، جۇڭگو نېفىت خىمىيەسى كۇچا يېشىل ھىدروگېن ئۈلگە كۆرسىتىش تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، ئىشچىلار كەپشەرلەش مەشغۇلاتى، تۇرۇبا ياتقۇزۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، قىزغىنلىق بىلەن ئىشلەۋاتاتتى. بۇ تۈر ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، مۆلچەرلىنىشىچە ھەر يىلى 485 مىڭ توننا كاربون Ⅳ ئوكسىدى قويۇپ بېرىش مىقدارىنى ئازايتقىلى بولىدىكەن.

سېلىنما ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ.

تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، باھار، ياز، كۈز، قىشتىن ھالقىپ ئۆتۈش، 2022 - يىلى، شىنجاڭ ئۇدا تۆت پەسىلدە «ئىش باشلاش سىگنالى»نى ياڭراتتى، ھەرقايسى جايلار «تۈرنى باش ئورۇنغا قويۇش» ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تۈرلەرنى تۇتۇپ، سېلىنمىنى زورايتىپ، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇردى؛ 7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، جەمئىي 448 ھەمكارلىق تۈرى ئىمزالىنىپ، سوممىسى 1 تىرىليون 171 مىليارد 300 مىليون يۈەن بولدى. بىر تۈركۈم مۇھىم، زور تۈرلەر تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا يىلتىز تارتىپ، چېچەكلەپ مېۋە بەردى، يېڭى ئېنېرگىيە كەسىپلىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىىپ، ئۆزئارا گىرەلىشىپ، شىنجاڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات موتورىنىڭ قوزغىلىشىغا تۈرتكە بولماقتا.

12 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، شىنجاڭدا 2022 - يىلى يېڭىدىن ئىش باشلاپ قۇرۇلۇش قىلىنغان، 100 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان مۇھىم، زور تۈر 3433كە يېتىپ، ئومۇمىي سېلىنما تەخمىنەن 2 تىرىليون 900 مىليارد يۈەن بولدى.

ئىستېمال ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا ئۇللۇق رول ئوينايدۇ.

بۇ يىل يېڭى يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى سودا تارماقلىرى نۇقتىلىق كۆزىتىپ تەكشۈرگەن سودا ئوبوروت كارخانىلىرىنىڭ تاۋار سېتىش سوممىسى جەمئىي 152 مىليون يۈەنگە يەتتى. «ئۈچ كۈنلۈك دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭ سۇنىڭ يىگوۋ پۈتۈن يول بويىچە جەمئىي 21 مىليون 687 مىڭ يۈەنلىك مال سېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30 ئاشۇردى» دېدى شىنجاڭ سۇنىڭ يىگوۋنىڭ بازار باش نازارەتچىسى تيەن شياۋفېي.

2022 - يىلى، شىنجاڭ ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا پائال تۈرتكە بولدى. 12 - ئايدىن باشلاپ، ھەرقايسى جايلار يېڭىدىن ئەلالاشتۇرۇلغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاساسىدا، يېمەك - ئىچمەك ئىستېمالىنى جانلاندۇرۇپ، ئاپتوموبىل ئىستېمالىغا ئىلھام بېرىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت ئىستېمالىنى كېڭەيتىپ، كېچىلىك ئىستېمالنى جانلاندۇردى، ئىستېمال بۇيۇملىرى بازىرىدا ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم ئېشىش ۋەزىيىتى ساقلاندى.

تاشقى سودا سانلىق مەلۇماتى ئوچۇق ئىقتىساد تەرەققىياتىنىڭ «بارومېتىرى».

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئېچىۋېتىش سۇپىسىنىڭ يېتەكلەش رولىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپلا قالماي، تاشقى سودا يېڭى كەسىپ ھالىتىدە يېڭىلىق يارىتىشتىمۇ يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

2022 - يىلى، ئۈرۈمچى تاموژنىسى ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپ ھالەتلىرىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون بىلەن ئاۋىياتسىيە پورتىنىڭ «رايون - پورت بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش»تىن ئىبارەت يېڭىلىق يارىتىلغان ئەندىزىسىگە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، ئىجارىگە بېرىش كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، باجدىن خالىي كۆرگەزمە قىلىش كەسپى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ياخشى ئۈلگە كۆرسىتىش ئېففېكتى شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا تەرەققىياتىغا ئېشىش يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشتى.

2022 - يىلىنىڭ ئالدىنقى 11 ئېيىدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورتى 200 مىليارد يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، 219 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %59.8 ئاشتى، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 51.2 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى.

قىيىنچىلىقنى يېڭىش داۋامىدا تەرەققىي قىلىپ ئالغا بېسىش، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش داۋامىدا ئۆزىدىن ھالقىش كېرەك. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭ ئىقتىسادى قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە. بوران - چاپقۇنغا تاقابىل تۇرۇپ باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قىممەتلىك ئىشەنچكە ئىگە بولدى.

چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش

− خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇش

دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا ئۆزگەرمەس قائىدە بولىدۇ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئاساس. تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەرنى قوللىنىپ پۇقرالارنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش بارلىق خىزمەتلەرنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى.

2022 - يىلى، شىنجاڭ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشتە گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ ئاشۇردى، بەخت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلدى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

يېڭىشەھەر ناھىيەسى ئاقىل يېزا ئىگىلىكى كەسىپلەر باغچىسىنىڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەينەك پارنىكىدا، شېڭسەيلەر ياپيېشىل ئۆسۈپ، يېشىللىققا، ھاياتىي كۈچكە تولغان مەنزىرىنى ھاسىل قىلغانىدى. يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ تازغۇن يېزىسى قۇلاقلا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى سېلىمىگۈل ئېلى تېخنىكلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە كۆكتات پەرۋىش قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەۋاتاتتى.

«بۇ خىزمەت مېنىڭ ئىشىك ئالدىدىلا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇيۇمنى ئىشقا ئاشۇردى، مەن پۇل تېپىپ، ئائىلەمدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپلا قالماي، يەنە ئىلغار يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋالدىم.» ئۇ مۇنداق دېدى: «ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشتە ھەم پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ يول كۆرسىتىشىگە تايىنىمىز، ھەم ئۆزىمىزنىڭ تىرىشىپ ئىشلىشىگە، ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىشىغا تايىنىمىز».

بىر يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا ئائىت تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، دىققەتنى كەسىپلەر ئارقىلىق يېزا - كەنتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى پۇختا، مۇقىم ئالغا سىلجىتىپ، يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش قاتارلىقلار ئارقىلىق گۈللىنىش ئاساسىي كۆرۈنۈشىنى سىزىپ چىقتى.

خەلق تۇرمۇشى چوڭ جەھەتتىن ئائىلە دۆلەتكە مۇناسىۋەتلىك. خەلق تۇرمۇشى كىچىك جەھەتتىن كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك، تۇرالغۇ، قاتناش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە چېتىلىدۇ.

2022 - يىلى، شىنجاڭ خەلق تۇرمۇشىغا ئالاقىدار ئەمەلىي ئىشلارنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن سىجىل ياخشى بېجىرىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالىنىش، ئىجتىمائىي كاپالەت، تۇرالغۇ قاتارلىق ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى. ئادەتتىكى ئاممىۋىي خامچوت چىقىمىنىڭ %70تىن كۆپرەكى خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلدى.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسىنى چىڭىتتى. 2022 - يىلى 9 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا يېڭىدىن كۆپەيگەن شەھەر - بازارلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 411 مىڭ 600 (بىڭتۇەندىكى 69 مىڭ 300 كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئىشسىزلاردىن قايتا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 177 مىڭ (بىڭتۇەندىكى 26 مىڭ 900 كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)؛ تۈرلۈك كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلىنىشنى تاماملىغانلار 2 مىليون 71 مىڭ ئادەم قېتىم؛ يېزا ئەمگەك كۈچلىرىدىن سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەنلەر 2 مىليون 979 مىڭ 600 ئادەم قېتىمغا يەتتى.

تۆۋەن چەك تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلدى. قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، شىنجاڭ شەھەر تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمىنى ھەربىر كىشىگە ھەر ئايدا 616 يۈەنگە ئۆستۈرۈپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %12 ئاشۇردى؛ يېزىلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى ھەربىر كىشىگە ھەر يىلدا 5290 يۈەنگە ئۆستۈرۈپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %15 ئاشۇردى. پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانا ۋە ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردىن پېنسىيەگە چىققان خادىملارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى ھەر ئايدا كىشى بېشىغا 176 يۈەن كۆپەيتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %4.3 ئاشۇردى؛ شەھەر - يېزا ئاھالىسى ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمىنى ھەر ئايدا كىشى بېشىغا 155 يۈەنگە ئۆستۈرۈپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن بەش يۈەن ئاشۇردى.

تۇرمۇش ئۈمىدكە تولدى. قورسىقى توق، كىيىمى پۈتۈن بولۇشتىن تېخىمۇ ياخشى مائارىپ، تېخىمۇ مۇقىم خىزمەت، تېخىمۇ قانائەتلىنەرلىك كىرىم، تېخىمۇ ئىشەنچلىك ئىجتىمائىي كاپالەتكىچە... تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرى، تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرى سىجىل تۈردە خەلق تۇرمۇشىغا «كۈچ قوشتى»، بەختلىك بولۇش «سۈرئىتىنى ئاشۇردى»، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچى تېخىمۇ ئاشتى.

بەختلىك، ئىناق، گۈزەل بولدى. خەلق تۇرمۇشى ساھەسىنىڭ ئىللىقلىققا تولۇشى، بەخت مەنزىرىسىنىڭ تەدرىجىي نامايان بولۇشى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش، خەلقنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەشنىڭ ئەڭ ياخشى ئىزاھاتى بولدى. ھەرقايسى مىللەتلەر ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقماقتا.

باھار ئالدىمىزدا، كەلگۈسى ئۈمىدكە تولدى. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ باشلىنىش يىلىدىكى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىمىز، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرى - تۆۋەندىكىلەر تېخىمۇ مۇستەھكەم ئىشەنچ، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ قىياپەت بىلەن باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا كۈچ قوشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.