تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسى ئانار بۇلۇت، تىيانشان تورى بىلەن بىرلىكتە «پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيلى» تېمىسىدىكى توردا جاۋاب بېرىش (كۆپ خىل تىل-يېزىق) پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ

پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنىڭ پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشى، ئۆزلەشتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغاش، ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، 6-ئاينىڭ 25-كۈنى، «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسى ئانار بۇلۇت، تىيانشان تورى بىلەن بىرلىكتە «پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيلى» تېمىسىدىكى توردا جاۋاب بېرىش (كۆپ خىل تىل-يېزىق) پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، جاۋاب بېرىشتىن ئىبارەت «كىچىك دائىرە»دىن پايدىلىنىپ نەزەرىيە ئۆگىنىش «چوڭ ئىش»ىنى پۇختا ئىشلەيدۇ.

بۇ قېتىمقى توردا جاۋاب بېرىش پائالىيىتى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىغا يۈزلەنگەن بولۇپ، 6-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. پائالىيەتتىكى 100 سوئالنىڭ ھەممىسى پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىن ئېلىنغان، پۈتۈنلەي تاللاش سوئالى شەكلىدە بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى، ئۇيغۇر يېزىقى، قازاق يېزىقىدىن سوئاللار بار، ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما تىل تۈرىنى تاللاپ سوئالغا جاۋاب بېرىشكە قاتناشسا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.