تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تىرىشىپ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا تۈزۈلگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرىمىز

ۋەكىل ليۇ چېن:

تىرىشىپ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا تۈزۈلگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرىمىز

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا

«ئورۇنلاشتۇرما قىلىش بىر ئۈلۈش بولسا، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توققۇز ئۈلۈش بولىدۇ. كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا تۈزۈلگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرىمىز.» ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ليۇ چېن ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش، ئومۇملاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، يۆنىلىش ۋە پىكىر يولىنى كۆزلەپ، كونكرېت تەدبىرلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولدى.

«<يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات − سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى> ئىكەنلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلاش كېرەك.» ليۇ چېن مۇنداق بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خوتەن ۋىلايىتى بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك مېۋە - چېۋە، چارۋا، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقى، رەڭلىك مېتال، ئەشيا ئوبوروتى يىغىش - تارقىتىش، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن تىپتىكى كەسىپلەردىن ئىبارەت «بەش چوڭ كەسىپ توپى»نى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خاس يېزا ئىگىلىك يېتەكچى كەسىپلىرى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش كەسپى، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى كەسپى، خاس ساياھەتچىلىك قاتارلىق كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا پۇختا قەدەم تاشلىدى.

ليۇ چېن مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر توپىنى داۋاملىق ياخشى يېتىلدۈرۈپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ بەس - بەستە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ يۆتكەشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، زامانىۋى ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، خوتەن - قاراقاش - لوپ بىر گەۋدىلەشكەن شەھەر - بازارلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نەتىجىلىرىنىڭ ھەر مىللەت خەلققە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشىگە تۈرتكە بولىمىز.

ھاكىمىيەت خەلق دېمەكتۇر، خەلق ھاكىمىيەت دېمەكتۇر. ليۇ چېن مۇنداق دېدى:«ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەمگەك كۈچى بار نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلىلەردىن ئاز دېگەندە بىر كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك».

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، خوتەن ۋىلايىتىدە 527 مىڭ 300 ئادەم قېتىم يېزا ئەمگەك كۈچى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، تۈرلۈك ماھارەت بويىچە 340 مىڭ ئادەم قېتىم تەربىيەلەندى، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نوپۇسنىڭ ئىشلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش كۆلىمى 349 مىڭ 800 ئادەمگە يەتتى، ۋىلايەت بويىچە توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، سومكا - چامادان، ئاياغ تىكىش كارخانىسى قاتارلىق 339 كارخانا 34 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. ليۇ چېن مۇنداق بىلدۈردى: داۋاملىق تۈردە ئەمگەك كۆجۈملەشكەن تىپتىكى كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم، زور تەدبىر قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىمىنى سىجىل مۇقىم ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر تۈرلۈك ئەمەلىي ئىشلارنى كۈچەپ ياخشى بېجىرىپ، مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ھەربىر بالىنى ياخشى ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز؛ داۋالىنىش كاپالىتى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، ئاممىنى داۋالىنالايدىغان، ياخشى داۋالىنالايدىغان ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىمىز؛ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرىمىز، بەخت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىمىز، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك. ليۇ چېن مۇنداق دېدى: «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، <مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش> ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىلىكى ئۈزۈلگەن ئوغۇل بالىنى قۇتقۇزۇپ ياردەم بەرگەنگە ئوخشاش ئاشۇنداق ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چىن ھېسسىياتىنى خوتەندە تېخىمۇ كۆپ بارلىققا كەلتۈرۈپ، تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى مىللەتلەر بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ ئۇيۇشۇپ، بىرلىكتە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىمىز».

«شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتقان، يەنىلا باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىۋاتقان پارتىيەلا ھەممىدە غالىب كېلىدۇ.» ليۇ چېن مۇنداق بىلدۈردى: بىز«ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىپ تاۋلاپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.