تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئالغا سىلجىتىشتا تېخىمۇ پۇختا قەدەم تاشلايمىز

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىرى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ دائىمىي كومىتېت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە تەكلىپ خىزمىتى دوكلاتىنى قاراپ چىقتى

قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئالغا سىلجىتىشتا تېخىمۇ پۇختا قەدەم تاشلايمىز

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

1 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئەزالار ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق گۇرۇپپىدا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئەستايىدىل قاراپ چىقتى ھەم ساھەلەرنىڭ تەكلىپلىرىنى مۇزاكىرە قىلىپ پىكىر ئالماشتۇردى.

قاراپ چىقىش جەريانىدا، ئەزالار بەس - بەستە سۆز قىلىپ، ئۆز پىكىرلىرىنى بايان قىلدى، نەق مەيدان كەيپىياتى قىزغىن بولدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق قارىدى: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلاتتا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، 12 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ بەش يىلدىن بۇيان ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئۈزلۈكسىز تۈردە توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشتا قولغا كەلتۈرگەن مول نەتىجىلىرى نامايان قىلىنىپ، 13 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە قارىتا يېڭى ئۈمىد، يېڭى تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنى يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يۆنىلىش يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپتۇ، بۇ، كىشىنى روھلاندۇرىدۇ، ھەسسىلەپ ئىلھاملاندۇرىدۇ، جەزمەن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئالغا سىلجىتىشتا تېخىمۇ پۇختا قەدەم تاشلاشقا پايدىلىق.

ئەزا نۇرتاي يېجېبېك مۇنداق دېدى: دائىمىي كومىتېت خىزمىتىدىن دوكلات ھەم يۈكسەكلىككە، ھەم چوڭقۇرلۇققا ئىگە بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلىرى، ئىلھام - تەپەككۇرلىرى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىنىپتۇ ھەم بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپتۇ. 2022 - يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مەركىزىي خىزمىتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى خەلق تۇرمۇشىدىكى قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش فۇنكسىيەسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى. 2023 - يىلى، داۋاملىق تۈردە مەۋقەنى ئۆز ئىش ئورنىمىزغا قويۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە قارىتا ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ، كېڭىشىش پائالىيەتلىرىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىلتىماس - تەلەپلەرنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى توپلايدىغان، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەيدىغان ياخشى كۆۋرۈك، ياخشى ۋاسىتە بولىمىز.

ئەزا چاڭ گۇيجۈەن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات مۇھىم نۇقتا گەۋدىلەندۈرۈلگەن، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل دوكلات بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۆتكەن بەش يىلدا ئىشلەنگەن خىزمەتلەر، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ قەتئىي بوشاشماي ئەمەلىيەت داۋامىدا ئىزدىنىپ يېڭىلىق يارىتىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە تۈرتكە بولۇشتا قولغا كەلتۈرگەن يېڭى ئىلگىرىلەشلىرى ئوبيېكتىپ ئەكس ئەتتۈرۈلۈپتۇ. بىز ئۇدا كۈرەش قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۆز ئەۋزەللىكىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىمىز ۋە سەۋىيەمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسىتىمىز ۋە كۈچىمىزنى بېغىشلايمىز.

«دوكلاتنىڭ سىياسىي يۈكسەكلىكى يۇقىرى، پىكىر يولى ئوچۇق، يۆنىلىشى ئېنىق بولۇپ، غەيرەتنى ئۇرغۇتىدىغان، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ.» ئەزا ھەلىمىگۈل ئابدۇزاھىر مۇنداق بىلدۈردى: دائىمىي كومىتېت خىزمىتىدىن دوكلاتنىڭ تەلىپى بويىچە، مەۋقەنى ئۆز خىزمەت ئورنۇمغا قويۇپ، ھەر ساھە ئامما ئارىسىدا باشلامچىلىق رولۇمنى جارى قىلدۇرۇپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىشنى نامايان قىلىپ، خەلق ئۈچۈن مەسلىھەت بېرىش داۋامىدا ئەسلىي مەقسەت، بۇرچۇمنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈش ئۈچۈن ئاكتىپ كۈچ توپلاپ، يېڭى تۆھپە قوشىمەن.

دائىمىي كومىتېت خىزمىتىدىن دوكلاتتا شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چۆرىدەپ مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنىڭ كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىنغانلىقى، مەدەنىيەت - سەنئەت ساھەسىدىكى ئەزا دېڭ شۈەنبىننى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇردى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا بولغان يېڭى ئارزۇسىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ كۈچى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمەن.

«بىز دىققەتنى شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا كۈچ قوشۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، قانۇنچىل شىنجاڭ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى چۆرىدەپ، شەھەر رايونىنىڭ جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىشتىكى توسۇق نۇقتا، قىيىن نۇقتا، ئاغرىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىش، ئاممىۋى خەۋپسىزلىك خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈگىتىش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردە چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، تەكلىپلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، بۇرچنى ئادا قىلىش، مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماسلىقنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرىمىز» دېدى ئەزا ياڭ جىمىڭ.

«دائىمىي كومىتېت خىزمىتىدىن دوكلات كىشى قەلبىنى روھلاندۇرىدۇ. يېڭى بىر نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۆگىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قابىلىيىتىمنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيىتىمنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇيغۇنلىشىپ ۋە ئۇنى ئىگىلەپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، خەلق رايىنى ئىگىلەپ ۋە ئەكس ئەتتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئامما دائىم غەم قىلىدىغان خەلق تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئىشلار ۋە كۈندە ھېس قىلىپ تۇرۇۋاتقان ئاچقۇچلۇق كىچىك ئىشلارغا كۈچ سەرپ قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىمەن» دېدى ئەزا جاڭ ۋېنكەي.

(مۇخبىر جاڭ يۈنمېي، قاتناشقان مۇخبىرلار لى شىڭ، مېھرىگۈل غوپۇر، ۋاڭ جىڭجىڭ، لۇ فېڭباۋ، سۈي يۈنيەن، گۇەن مېڭيىڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.