تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيەنىڭ «ياخشى ساداسى»نى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»غىچە يەتكۈزىمەن

ۋەكىل گۈلەمبەر روشەن:

پارتىيەنىڭ «ياخشى ساداسى»نى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»غىچە يەتكۈزىمەن

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ

11 - ئاينىڭ 3 - كۈنى سائەت 11دە، گۈلەمبەر روشەن تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى باج سىستېمىسىدىكىلەرگە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىدىن لېكسىيە سۆزلەپ بولۇپلا، دەرھال ناھىيە بازىرىغا 180 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان مارياڭ يېزىسىنىڭ دى كەنتى ۋە يېقىن ئەتراپتىكى پىل كەنتىدە لېكسىيە سۆزلەش ئۈچۈن يولغا چىقتى.

گۈلەمبەر روشەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، تاشقورغان تاجىكئابات بازىرىنىڭ تەشۋىقات ھەيئىتى. گۈلەمبەر روشەن بېيجىڭدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قەشقەر ۋىلايىتى، تاشقورغاندىكى ھەرقايسى سىستېما، ھەرقايسى يېزا - بازارلاردا سەككىز مەيدان لېكسىيە سۆزلىدى. بۇ قېتىم، ئۇ تاشقورغاندىكى ئەڭ چەت، يىراق كەنتكە بېرىپ، پارتىيەنىڭ «ياخشى ساداسى»نى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»غىچە يەتكۈزمەكچى بولدى.

ناھىيە بازىرىدىن دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 3700 مېتىر كېلىدىغان مارياڭ يېزىسىغا بېرىش ئۈچۈن، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4900 مېتىر كېلىدىغان ئىككى قارلىق تاغدىن ھالقىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلەتتى. يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن دى كەنتىگە بېرىپ، يەنە كەنت ئاھالە كومىتېتىدىن 16 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئەڭ يىراق بىر كەنت ئاھالىلىرى گۇرۇپپىسىغا بارىدىغان تاغ يولى ئەگرى - بۈگرى بولۇپ، يېتىپ بارغان ۋاقىتتا شۇ كۈنى سائەت 17 بولۇپ قالغانىدى.

لېكسىيە سۆزلىگەندە، گۈلەمبەر روشەن كەنت ئاھالىلىرىگە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بەرگەن دوكلاتىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغان چاغدىكى ھېسسىياتىنى سۆزلەپ بەردى، «ناھايىتى ھاياجانلاندىم، باشقا ۋەكىللەر بىلەن بىللە ئىختىيارسىز قايتا - قايتا چاۋاك چېلىپ كەتتىم».

«پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: ھاكىمىيەت خەلق دېمەكتۇر، خەلق ھاكىمىيەت دېمەكتۇر. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىش، ھاكىمىيەتنى ساقلاپ قېلىشتا خەلق قەلبىنىڭ مايىللىقىنى ساقلاپ كەلدى، دەپ تەكىتلەندى. بۇ سۆزلەر قەلبىمگە چوڭقۇر ئورنىدى.» گۈلەمبەر روشەن مۇنداق دېدى: دەل پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بولغاچقا، كۆپچىلىكنىڭ كۈنلىرى كۈندىن - كۈنگە ياخشىلىنىۋاتىدۇ.

2019 - يىلى 12 - ئايدىن ئىلگىرى، تۇراقلىق توك بىلەن تەمىنلەنمىگەچكە، مارياڭ يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ زامانىۋى ئېلېكتىرلەشكەن دەرسخانىسى پەقەت بىر قۇرۇق بېزەك بولۇپ قالغانىدى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ چېگرا يېزىسىدا ئېلېكتىر تورى تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئوقۇغۇچىلار كۆپ ۋاسىتىلىك دەرسخانىدا دەرس ئاڭلىيالايدىغان بولدى، ھەممە ئائىلە توك پار بىلەن ئىسسىنالايدىغان بولدى، تۇرمۇشتا ئېلېكتىروماگنىتلىق ئوچاق، كىرئالغۇ قاتارلىق زامانىۋى ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىشلىتەلەيدىغان بولدى، بەخت تۇيغۇسى زور دەرىجىدە ئاشتى.

«ھازىر كۆپچىلىك كېسەل كۆرسەتسە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بار، بالىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشى كاپالەتگە ئىگە، ناھىيە يەنە ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتىدۇ، نۇرغۇن كەنت ئاھالىلىرى ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ، ھەميېنى بارغانسېرى تومپايدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىكى ھەقىقىي ئۆزگىرىشلەر. پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭساقلا، بىز پارتىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا تۈزۈلگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى ئىشقا ئاشۇرالايمىز!» گۈلەمبەر روشەن سۆزلەپ بۇ يەرگە كەلگەندە، كەنت ئاھالىلىرى بەس - بەستە چاۋاك چالدى.

پىل كەنتى ئىلگىرى بالىلارنىڭ تىك يارغا يامىشىپ مەكتەپكە بارىدىغانلىقى بىلەن كىشىلەرگە تونۇلغان كەنت ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە قىياپىتى پۈتۈنلەي ئۆزگەردى. تۈپتۈز تاشيول خەتەرلىك تىك يار يولىنىڭ ئورنىنى ئالدى، قاراڭغۇ كېسەك ئۆيلەر ئەسلىھەلىرى تولۇق بولغان ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيلىرىگە ئايلاندى... 11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گۈلەمبەر روشەن بۇ كەنتنىڭ كەنت ئاھالە كومىتېتىغا كېلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ دۆلەت ئورتاق تىلى، ئۇيغۇر تىلى، تاجىك تىلىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

گۈلەمبەر روشەن خىزمەت قىلىدىغان تاجىكئابات بازىرى 2000 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، باشقا جايدىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەنلەر ئولتۇراقلاشقان. بۇ جايدىكى ئاممىنىڭ كۆپ قىسمى ئىلگىرى ئېگىزلىك تاغلىق رايونىدا چارۋا بېقىشقا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشكە يار - يۆلەك بولۇش، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش ئارقىلىق، ئاممىنىڭ كۈنلىرى بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كەتتى. «پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى بىزگە ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، كۆپچىلىكنىڭ غەيرىتى بارغانسېرى ئاشتى» دېدى ئۇ.

گۈلەمبەر روشەن بازارلىق يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى پونكىتىغا تايىنىپ، ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرىنى تەييارلاپ، ئامما ياقتۇرىدىغان شەكىلدە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى كاللىغا ۋە قەلبكە سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى ھەم ياش پىدائىيلار، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم كادىرلار، پۇقرا تەشۋىقاتچىلار قاتارلىقلارغا قارىتا لېكسىيە سۆزلەش بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇلار ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى يەنىمۇ ياخشى تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پىلانلىدى. «مەن داۋاملىق تۈردە پارتىيەنىڭ <ياخشى ساداسى>نى يۇرتداشلارغا يۈزتۇرا يەتكۈزۈپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ گۈزەل شىنجاڭنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەيمەن» دېدى گۈلەمبەر روشەن ئىشەنچكە تولغان ھالدا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.