تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ قەلب ساداسى | كې چاڭدۇڭ: چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى

   ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ شۇخەن

  «پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا جەمئىيەت ئاساسىي قاتلاملىرىدا يېڭى دەۋر فېڭچياۋ تەجرىبىسىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى روھىنى يېتەكچى قىلىپ، باشتىن-ئاخىر خەلقچىللىق ھېسسىياتنى چىڭ ساقلاپ، ئاممىنىڭ كىچىك ئىشلىرىنى قەلبىمىزدىكى چوڭ ئىش دەپ بىلىپ، ئەرزىيەت كىچىك كۆزنەكى ئارقىلىق خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش چوڭ ئىشىنى ياخشى ئىشلەيمىز» دېدى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 13-شى شىنشىڭ شەھىرى ساقا دېھقانچىلىق مەيدانى پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى كې چاڭدۇڭ.

كې چاڭدۇڭ خىزمەت ئۈستىدە.

يۈ خۇڭشيا فوتوسى

  12-ئاينىڭ 9-كۈنى، بارلىق چېقىش-كۆچۈرۈش پۇلىنى ئالغان ساقا دېھقانچىلىق مەيدانى 4-ليەنىنىڭ پېنسىيەگە چىققان خىزمەتچىسى ئەي X بالدۇرلا تۇەن-مەيدان ئورگىنىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىپ، كې چاڭدۇڭغا رەھمەت ئېيتماقچى بولدى.

  ئالدىنقى بىر مەزگىلدە، ئەي X ساقا دېھقانچىلىق مەيدانى ئەرزىيەت ئىشخانىسىغا كېلىپ، تۇەن-مەيداننىڭ ئۆزىنىڭ 2021-يىلى چېقىلغان ساقا دېھقانچىلىق مەيدانى 4-ليەن تەۋەلىك رايونىدىكى كونا بىر قەۋەتلىك ئۆيىنىڭ چېقىش-كۆچۈرۈش پۇلىنىڭ پەقەت بىر قىسمىنىلا بەرگەنلىكىنى ئىنكاس قىلدى. ھازىر ئوغلى توي قىلىدىغان بولغاچقا، قالغان پۇلغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇپ قالغانىدى. كې چاڭدۇڭ بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن دەرھال تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، ئەي Xنىڭ قىيىن مەسىلىسىنى ناھايىتى تېزلا ھەل قىلدى.

  ئەي Xنىڭ مەسىلىسى ئەرزىيەت خىزمىتىگە مەسئۇل كې چاڭدۇڭنى يەنە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھەل قىلىنماي تۇرۇپ قالغان مەسىلىلەر بارمۇ-يوق دېگەن ئويغا سالدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، ساقا دېھقانچىلىق مەيدانى ھەرقايسى ليەندۈي، مەھەللىلەردە رەتكە تۇرغۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەقىقىي ئەمەلىي قىيىنچىلىقى بار، بىرىنچى ۋاقىتتا ياردەملىشىپ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان، چېقىش-كۆچۈرۈش مەبلىغى تېخى تۆلەپ بولۇنمىغان ئائىلىلەرنى ۋاقتىدا يۇقىرىغا مەلۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەملىشىپ ھەل قىلدى.

  «ئاممىنىڭ ئىشىدا كىچىك ئىش يوق، بىز ئۆزىمىزنى باشقىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئويلاش، ئورۇن ئالماشتۇرۇپ پىكىر يۈرگۈزۈشتىن ئىبارەت تەپەككۇر ئۇسۇلى ۋە خىزمەت ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىلەرنى ئاممىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئويلاپ، ئىش بېجىرىپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئامما ‹ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان› مەسىلىلەرنى ھەل قىلدۇق.» كې چاڭدۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەرزىيەت خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئاممىۋى خىزمەتنى چوڭقۇر، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئەرز قىلىشتىن، دەۋە قىلىشتىن بۇرۇن قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، يىغىلىپ قالغان ئەرزىيەت دېلولىرىنى يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۈنۈمدە ھەل قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، خىزمەت قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، تەجرىبە ۋە ئۇسۇللارنى يەكۈنلەپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.