تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

كۈرەش قىلىش

− پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش شىفىرىغا نەزەر (8)

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى دىڭ شياۋشى، شيۇڭ فېڭ

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت دەۋر تەلىپى پۈتۈن دوكلاتقا سىڭدۈرۈلدى.

«كۈرەش قىلىش» دېگەن خەتكە ئەقىل - پاراسەت، باتۇرلۇق مۇجەسسەملەنگەن، خەتتە بۇرچ، مەسئۇلىيەت نامايان قىلىنغان، ئۇ، 100 يىللىق شانلىق پارتىيە تارىخى، 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىش داۋامىدا خۇلاسىلەنگەن مۇھىم تەجرىبە، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى غەلىبىلىك ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ ئىلگىرى نېمە ئۈچۈن مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىغانلىقى، كەلگۈسىدە قانداق قىلغاندا داۋاملىق مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ئېچىپ بەردى.

كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى تاۋلاش

10 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى يېپىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، خېنەن ئەنياڭدا تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ لىنجوۋ شەھىرىدىكى قىزىل بايراق ئۆستىڭى خاتىرە سارىيىغا كەلدى.

«لىنشيەن ناھىيەسى خەلقى ئۇلۇغۋار ئىرادىگە ئىگە، ناچار تەبىئىي شارائىتنى ئۆزگەرتىشكە قەسەم قىلغان...» 20 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدا، خېنەن لىنشيەن ناھىيەسى خەلقى ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، تىك يار ۋە تىك قىيالار ئارىسىدا ئىككى قولىغا تايىنىپ ئۇزۇنلۇقى 1500 كىلومېتىر كېلىدىغان «سۈنئىي سامانيولى»نى «كولاپ» چىقىپ، تەبىئەتكە تايىنىپ ئاسماندىن يامغۇر يېغىشنى كۈتۈپ تۇرىدىغان مىڭ يىللىق قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك جاھان مۆجىزىسىنى ياراتتى.

«قىزىل بايراق ئۆستىڭى بىر خاتىرە مۇنارى بولۇپ، ئۇنىڭدا لىنشيەنلىكلەرنىڭ تەقدىرگە تەن بەرمەيدىغان، يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەيدىغان، تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان قەھرىمانلىق جاسارىتى خاتىرىلەنگەن.» باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پېشقەدەم بىر ئەۋلاد كىشىلەر جان تىكىپ ئىشلىمىگەن بولسا، ئىسسىق قېنىنى تۆكمىگەن بولسا، ھەتتا ھاياتىنى بېغىشلىمىغان بولسا، بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇش بولمايتتى.

كۈرەش قىلىش − 100 يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ غەلىبە قىلىش ئاساسى، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۇلى.

2021 - يىلى 11 - ئايدا، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان پارتىيەنىڭ ئۈچىنچى تارىخىي قارارىدا روشەن قىلىپ مۇنداق كۆرسىتىلدى: «پارتىيە ۋە خەلق 100 يىل كۈرەش قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ سەلتەنەتلىك تارىخىي داستاننى پۈتۈپ چىقتى».

پارتىيە قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە ئاران 50 نەچچە پارتىيە ئەزاسى بار بولۇشتىن بۈگۈنكى كۈندە 96 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسىغا ئىگە بولغان، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسى بار چوڭ دۆلەتكە رەھبەرلىك قىلىۋاتقان، مۇھىم، زور يەرشارىۋى تەسىر كۈچكە ئىگە دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىي پارتىيە جۇڭخۇا مىللىتىنى يېتەكلەپ ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى، بىر 100 يىللىق پارتىيە تارىخى پارتىيەنىڭ يۈز مىليونلىغان خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ قەتئىي تەۋرەنمەي غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىگەن، غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىگەن كۈرەش تارىخى.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى ئېچىپ كۆرسەك، يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ كۈرەش تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ، قەلبلەرنى لەرزىگە سالىدۇ −

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋالدۇق؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت تارىخىي ۋەزىپىنى تاماملاپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردۇق...

«يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى پارتىيە ۋە خەلق بىرلىكتە جان تىكىپ ئىشلەش، تىرىشىپ ئەجىر سىڭدۈرۈش، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن!» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قىلغان سۆزلىرى مەردانە، جاراڭلىق ئىدى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئەسىر قىيىن مەسىلىسىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، 3 مىليوندىن ئارتۇق 1 - شۇجى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، يىلتىز تارتىپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئاممىنى يېتەكلەپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى ئەڭ قىيىن مەسىلىلەرنى، ئەڭ قىيىن ئۆتكەللەرنى ئارقا - ئارقىدىن يەڭدى؛ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى ئالۋاستىسىغا جەڭ ئېلان قىلىپ، سانسىزلىغان پارتىيە ئەزالىرى قارشى يۆنىلىشتە مېڭىپ، ئاتاكىدا ئالدىغا ئۆتۈپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى قانات يايدۇردى... يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى قەتئىي ساداقەتمەن بولۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش قىياپىتى بىلەن تارىخ ۋە خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان جاۋاب قەغىزىنى پۈتۈپ چىقتى.

تارىخ پەقەت ئىرادىسى مۇستەھكەملەر، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغانلار، جان تىكىپ ئېلىشىدىغانلارغا كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە غەمخورلۇق قىلىدۇ.

شاڭخەي شىڭيې يولى 76 - نومۇرلۇق قورۇغا جايلاشقان، كاھىشلىرى قارا كۆك رەڭلىك، تاڭ نۇرىغا چۆمۈلگەن شىكۇمېن ھەيۋەتلىك، سۈرلۈك كۆرۈنەتتى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1 - قۇرۇلتىيى خاتىرە سارىيىنىڭ يېڭى قۇرۇلغان كۆرگەزمە سارىيىدا، فۇدەن داشۆ «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى» كۆرگەزمە سارىيى «ئۇچقۇن» پارتىيە ئەزالىرى پىدائىي مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى تيەن جۇاڭجى ھەمراھلىرى بىلەن بىللە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈۋاتاتتى، كۆرگەزمە تۈرىنىڭ مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈپ، كوممۇنىستلارنىڭ «ئويمان - دۆڭلەرنى تۈزلەپ داغدام يول ئېچىش»تەك كۈرەش قىلىش مۇساپىسىنى قايتا ئەسلىدى.

«ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، كۈرەش قىلىش پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ياكى خارابلىشىشى، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭگۈشتەر، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەڭ روشەن مەنىۋى بەلگىسى» دېدى تيەن جۇاڭجى.

كۈرەش قىلىش مەسئۇلىيىتىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىش

بۇ مەزگىلدە توقۇمىچىلىق ماشىنىلىرى سېخىدىن چىققان پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، خۇبېي ئەنميەن توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، توقۇمىچىلىق شۆبە زاۋۇتىنىڭ زاۋۇت باشلىقى ياردەمچىسى ياڭ يۈەنيۈەن ئۆز خىزمەت ئورنىدا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل تەشۋىق قىلدى.

20 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدىكى «كۈرەش قىلىش» توغرىسىدىكى چۈشەنچىسىنى تىلغا ئالغاندا، ئۇ چوڭقۇر ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: «كۈرەش قىلىش ھەربىر يىپنى كۆڭۈل قويۇپ ئېگىرىش دېگەنلىكتۇر. كومپارتىيە ئەزالىرى مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئەقىل - پاراسىتى ۋە قان - تەرى ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى، ئالغا بېسىشىغا تېخىمۇ كۆپ نۇر ۋە ھارارەت بېغىشلىشى كېرەك».

ئېغىر يۈكنى بىلىپ تۇرۇپ زىممىگە ئېلىش، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، تىرىشچان بولۇش جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ قان تومۇرىدا يىلتىز تارتقان كۈرەش قىلىش گېنى.

ھازىر، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش ياساش مەزگىلىگە قەدەم قويدى. دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت ۋە خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان، ئېنىقسىز، مۆلچەرلەش تەس بولغان ئامىللار كۆپىيىۋاتقان مەزگىلگە كىردى، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئېغىر بولۇش، زىددىيەت، خەۋپ - خەتەر، خىرىس كۆپ بولۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىنىقى زور بولۇش مىسلىسىز بولۇۋاتىدۇ.

كۈرەش قىلىش يولى جاپا - مۇشەققەتكە تولغان، كۈرەش قىلىشقا تايانغاندىلا غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «كۈرەش روھىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش»نى ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا جەزمەن پۇختا ئىگىلەشكە تېگىشلىك بەش مۇھىم، زور پىرىنسىپنىڭ بىرى قىلىپ، پارتىيەنىڭ باشتىن - ئاخىر يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرۇشىدىكى كۈچ مەنبەسىنى چوڭقۇر ئېچىپ بەردى.

مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلەنگەندە، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلىگەندە، رەقىبلەر تار يولدا ئۇچراشقاندا باتۇرلۇق كۆرسەتكىنى يېڭىدۇ.

10 يىلدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىگە، ئامان - ئېسەنلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەر ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ ۋە ئۇنى كونترول قىلىپ، كىرىزىس ئىچىدە پۇرسەت يېتىلدۈرۈپ، ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىشقا تايىنىپ ئىشلار تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى.

كۈرەش قىلىش بولمىغان كۈرەش قۇرۇق، كۈچسىز بولىدۇ.

يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى دادىللىق بىلەن كۈرەش قىلىدىغان روشەن خىسلىتىنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇپ، ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلىش شەكلى ۋە ئۇسۇلىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، دادىللىق ۋە ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلىشنى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتىكى يېڭى نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز ياراتتى.

كېمىنىڭ ئونمىڭ چاقىرىملىق مۇساپىنى تاماملىيالىشى رولنى ياخشى تۇتۇشقا باغلىق.

«يېڭى مۇساپىدىكى يېڭى خىرىس، يېڭى سىناقلار ئالدىدا، بىز جەزمەن يۈكسەك ھوشيار بولۇپ، ئىمتىھانغا بېرىشتىكى سەگەكلىك ۋە ئېھتىياتچانلىقنى مەڭگۈ ساقلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى توختىماي ئالغا سىلجىتىپ، 100 يىلنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن چوڭ پارتىيەنى ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۇنى باشتىن - ئاخىر جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك، ئەڭ كۈچلۈك تايانچىغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.» جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ شۇنداق تەنتەنىلىك جاكارلىدى.

يولداش ماۋ زېدۇڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت «ئۇلۇغ قۇرۇلۇش»نى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن پارتىيە 14 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت «يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇش»نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغىچە، ئاندىن باش شۇجى شى جىنپىڭ «يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇش»نى ئوتتۇرىغا قويۇشقىچە، پارتىيەمىز قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆزى ئۈستىدە ئۇلۇغ ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا يېتەكچىلىك قىلدى.

10 يىل ئىلگىرى پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى تۈزۈشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «جەزمەن نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىق قىلىش كېرەك»لىكىنى دوكلاتقا كىرگۈزۈشنى تەشەببۇس قىلدى.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن پارتىيەنى: جەزمەن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش، جەزمەن كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇپ، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش، جەزمەن دادىللىق بىلەن كۈرەش قىلىش، ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.

ئىنقىلاب خاراكتېرلىك تاۋلىنىش داۋامىدا تېخىمۇ قۇدرەت تاپقان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يېڭى مۇساپىدە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا تايىنىپ، تېخىمۇ زور غەلىبىنى قولغا كەلتۈرمەكتە.

كۈرەش قىلىش كۈچىنى مۇجەسسەملەش

كىشىلەر ئەستىن چىقارمايدۇ، 2012 - يىلى 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى ئالدىدا، يېڭىلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغان شى جىنپىڭ: «خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىستىكى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز» دەپ تەنتەنىلىك جاكارلىدى.

ۋاقىت ئۈن - تۈنسىز ئۆتسىمۇ، جاھاندىكى ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولىدۇ. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىكى بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتلار يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ مۇساپىنىڭ كۈرەش قىلىش يۆنىلىشىنى بايان قىلماقتا.

دۆلىتىمىزدە كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمرى 78.2 ياشقا يەتتى؛ ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىم 16 مىڭ 500 يۈەندىن كۆپىيىپ 35 مىڭ 100 يۈەنگە يەتتى؛ دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ زور مائارىپ سىستېمىسى، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى، داۋالاش - ساقلىق ساقلاش سىستېمىسى قۇرۇپ چىقىلدى...

«ھاللىق جەمئىيەت ئارزۇسى، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسى، جۇڭگو ئارزۇسى تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، پۇقرالارنىڭ <بەخت ئارزۇسى>. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بارلىق كۈرەشلىرىنىڭ ھەممىسى خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈندۇر».

كۈرەش قىلىش يولىدا ھەم خەلقنى كۆزلەش، ھەم خەلققە تايىنىش كېرەك.

نىڭشيا ۋۇجۇڭ شەھىرى لىتۇڭ رايونى جىنخۇايۈەن مەھەللىسىدە دائىم تۇرۇشلۇق ئاھالە 10 مىڭدىن ئاشىدۇ، خەنزۇ، خۇيزۇ، مانجۇ، موڭغۇل، زاڭزۇ قاتارلىق ھەر مىللەت ئامما ئىناق ئۆتىدۇ.

2020 - يىلى 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى كەچقۇرۇن، نىڭشيادا تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، جىنخۇايۈەن مەھەللىسىدىكى پىدائىيلارنىڭ باشلامچىسى ۋاڭ لەنخۇانى يوقلىدى.

باش شۇجىنى كۆرگىنىدە، ۋاڭ لەنخۇا ھاياجېنىنى باسالماي مۇنداق دېدى: «2016 - يىلى نىڭشياغا كەلگىنىڭىزدە قىلغان <سوتسىيالىزم ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن>دېگەن بىر جۈملە سۆزىڭىزنى ئۇنتۇپ قالمىدىم».

«بۇنىڭ ئىچىدە سىز ۋە كەڭ پىدائىيلارمۇ بار، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئىشلەۋاتىدۇ!» باش شۇجىنىڭ سۆزى ئىللىق ھەم كۈچلۈك ئىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى ۋاڭ لەنخۇانىڭ يېتەكلىشىدە، ئەسلىدە يەتتىلا ئەزاسى بار بولغان «ۋاڭ لەنخۇا پىداكارلار گۇرۇپپىسى» تەرەققىي قىلىپ 95 مىڭدىن ئارتۇق ئەزاغا ئىگە پىدائىيلار قوشۇنىغا ئايلاندى، ھەر مىللەت ئامما قول تۇتۇشۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق ياراتماقتا.

تۈرلۈك توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن تاغ - دەريالاردىن ھالقىدۇق. داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، گۈللىنىش مۇساپىسىگە ئاتلاندۇق.

«ھەممىمىز ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەر»دىن «مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي ياشلىق باھارىغا يۈز كېلىش»كىچە، «يول ئۇزۇن، كۈرەش داۋاملىشىدۇ»دىن «سانسىزلىغان ئاددىي قەھرىمانلار جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ھەيۋەتلىك ئېقىنىنى مۇجەسسەملىدى»غىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە «كۈرەش قىلىش» كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان ئاچقۇچلۇق سۆز بولۇپ كەلدى.

ماركس مۇنداق دېگەنىدى: ياشلىق باھارنىڭ نۇرى، غايىنىڭ ئاچقۇچى، ھاياتلىقنىڭ ئەھمىيىتى، ھەتتا ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، تەرەققىي قىلىشى... بۇلارنىڭ ھەممىسى كۈرەش قىلىش دېگەن سۆزگە مۇجەسسەملەنگەن! ...

«پارتىيەمىز ئۇلۇغ كۈرەش ئارقىلىق 100 يىللىق ئۇلۇغ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقاردى، يەنە چوقۇم يېڭى ئۇلۇغ كۈرەش ئارقىلىق يېڭى ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا پۈتۈن پارتىيەگە چىقارغان چاقىرىقى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنى ئۇلۇغ نىشان، ئۇلۇغ ئارزۇ ئۈچۈن جاسارەت بىلەن ئاتلىنىشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.