تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«خەلق ھەممىدىن ئەلا، ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا» دېگەننى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئەمەلدە كۆرسىتىمەن

ۋەكىل مۇيەسسەر نىجات:

«خەلق ھەممىدىن ئەلا، ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا» دېگەننى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئەمەلدە كۆرسىتىمەن

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭ جىددىي داۋالاش سۈپەت كونترول مەركىزىنىڭ مۇدىرى مۇيەسسەر نىجات بېيجىڭدىن قايتىپ كېلىپلا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىگە دەرھال ئاتلاندى ھەم ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى پائال تەشۋىق قىلدى، لېكسىيە سۆزلىدى.

«پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىغا بىۋاسىتە قاتناشقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن يىغىنغا قاتناشقان بىرقانچە كۈندىكى تەسىراتىم ۋە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش تەسىراتىمنى بىرىنچى ۋاقىتتا خىزمەتداشلىرىمغا سۆزلەپ بەردىم» دېدى مۇيەسسەر نىجات.

خەلق ھەممىدىن ئەلا، ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا. يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان جىددىي، خەتەرلىك، ئېغىر ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش ۋە بۇ كېسەللىكنى تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دوختۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن، مۇيەسسەر نىجات ھەر ۋاقىت ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ كەلدى.

11 - ئاينىڭ 3 - كۈنى سەھەردە، دوختۇرخانا 73 ياشلىق بىر خەتەرلىك، ئېغىر ئاغرىقنى قوبۇل قىلىپ داۋالىدى، ئەينى چاغدا ئۇ ھوشىنى يوقىتىپ، ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغانىدى. تۇرىدىغان جايىغا قايتىپ ئارام ئېلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان مۇيەسسەر نىجات تېلېفوننى ئالغاندىن كېيىن، دەرھال جىددىي، خەتەرلىك، ئېغىر ئاغرىقلار يېشىل يولى ئېچىپ، ھەرقايسى ھالقىلارنى ماسلاشتۇرۇپ جىددىي قۇتقۇزدى. نەپەسلەندۈرۈش ئاپپاراتىنى تەڭشەش، ئىچكى مۇھىتنى تەڭشەش، قاننىڭ ئېقىش كۈچىنى تۇراقلاشتۇرۇش، دۈم ياتقۇزۇپ نەپەسلەندۈرۈش، ئاساس كېسەللىكلىرىنى داۋالاش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال داۋالاش تەدبىرلىرى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلدى.

«بۇ ئاغرىق يۇقىرى قان بېسىم، تاجسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسىلى، زىققا كېسىلى، دىيابېت كېسىلى قاتارلىق كۆپ خىل ئاساس كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، قۇتقۇزۇش - داۋالاشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى ئىدى. جىددىي قۇتقۇزۇش جەريانىدا، ئۆپكىسىنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دۈم ياتقۇزۇپ نەپەسلەندۈرۈشكە توغرا كەلدى، ئاغرىق بەك سېمىز بولغاچقا، كۆپ قېتىم سىناپ ئاندىن مۇۋەپپەقىيەتلىك نەپەسلەندۈردۇق» دېدى مۇيەسسەر نىجات. 40 نەچچە سائەتلىك جىددىي قۇتقۇزۇش ئارقىلىق ئاغرىقنىڭ ھاياتلىق ئالامەتلىرى تەدرىجىي نورماللاشتى.

«پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، <خەلق ھەممىدىن ئەلا، ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا> دېگەن ئىدىيەنى پائال ئەمەلدە كۆرسىتىمەن» دېدى مۇيەسسەر نىجات.

بۇ قېتىمقى يۇقۇم مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى داۋالاش - قۇتقۇزۇش خىزمەت تاكتىكىسىنى ھەرىكەت ھالىتىدە تەڭشەپ، دوختۇرخانا رايونىنى قايتىدىن پىلانلاپ رايونلارغا ئايرىپ، دىياگنوز قويۇپ داۋالاش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇردى؛ كۆپ پەنلەر بويىچە دىياگنوز قويۇپ داۋالاش ئەترىتى تەشكىللەپ ئامبۇلاتورىيە، جىددىي داۋالاش، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىدىكى ئاغرىقلارغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئاغرىقلارنىڭ ۋاقتىدا بىخەتەر كېسەل كۆرسىتىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى «قىزىل كود» دوختۇرخانىسى قىلىپ تەڭشىلىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ئادەتتىكى تىپلىق، ئېغىر تىپلىق، خەتەرلىك ئېغىر تىپلىق ئاغرىق مىساللىرىنى قوبۇل قىلىپ داۋالاشقا مەسئۇل بولۇپ، تۈرلۈك جىددىي، خەتەرلىك، ئېغىر ئاغرىقلارنى جىددىي قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇردى.

مۇيەسسەر نىجات مۇنداق بىلدۈردى: ئاغرىقلارنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىنى قوغداش دوختۇرلارنىڭ بۇرچى، خەلقنى مەركەز قىلىش ئىدىيەسىنى باشتىن - ئاخىر ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىمەن.

«مەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، دوختۇرلارنىڭ مېھرىبانلىقىنى شىنجاڭنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىغا سىڭدۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق دوختۇرلۇق بۇرچۇمنى ئادا قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىشىدىكى ئاغرىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ساغلام شىنجاڭ قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىمەن» دېدى مۇيەسسەر نىجات.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.