تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەھەللىدە «قەلب كۆۋرۈكى»نى ياخشى سېلىپ، ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرىمىز

ۋەكىل رىزۋانگۈل ساۋۇت:

مەھەللىدە «قەلب كۆۋرۈكى»نى ياخشى سېلىپ، ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرىمىز

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي

بېيجىڭدىن قايتىپ كېلىپلا، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋەكىلى رىزۋانگۈل ساۋۇت ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كەتتى. «مەن ۋىيشىن توپى ئارقىلىق مەھەللىدىكى تۆت پارتىيە ياچېيكىسىدىكىلەرگە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىغا قاتناشقاندىكى تەسىراتىمنى سۆزلەپ بەردىم.» 11 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئۇ مۇخبىرغا تەۋەلىكتىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ناھايىتى روھلانغانلىقىنى ئېيتتى.

رىزۋانگۈل ساۋۇت ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) گاڭچېڭ تەۋەلىك رايونى كەلپىن يولى شىمالىي مەھەللىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى. «تەۋەلىكىمىزدە 150تىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى بار، بەزى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ يېشى چوڭراق، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون ئىشلىتىشنى بىلمەيدۇ.» ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە مۇشۇ پارتىيە ئەزالىرىغا بولغان تەشۋىقاتنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىمىز ھەم پارتىيە ئەزالىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ كۆپ خىل شەكىلدە لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ساداسىنى مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

رىزۋانگۈل ساۋۇت پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەش سالمىقىنى زورايتىش بىلەن بىللە، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلىدى.

كەلپىن يولى شىمالىي مەھەللىسىدە كونا ئولتۇراق رايونلار كۆپ بولۇپ، قىش كىرىشى بىلەن تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىدىكى سۇ تۇرۇبىسى، پار تۇرۇبىسى قاتارلىقلارنى رېمونت قىلىش ئېھتىياجى ئاشىدۇ. «ئاممىنىڭ ئىشى ھەرقانچە كىچىك بولسىمۇ چوڭ ئىش ھېسابلىنىدۇ، بىز ئاممىنىڭ ئىلتىماس - تەلىپىنى تېزدىن ھەل قىلىمىز» دېدى ئۇ.

2008 - يىلى، رىزۋانگۈل ساۋۇت كەلپىن يولى شىمالىي مەھەللىسىگە كېلىپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولدى، ئۇ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىش بىلەنلا ئائىلىلەرگە كىرىپ ئاھالىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى ئىگىلەپ، مەھەللە كادىرلىرىنى ئۆزىدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىپ تۈزىتىشكە يېتەكلىدى، خىزمەت مەسئۇلىيىتى بەلگىلىمىسى، پارتىيە ئەزالىرىنى باھالاش تۈزۈمىنى تۈزۈپ چىقتى.

«مەھەللە كادىرلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش سۈپىتىگە مۇناسىۋەتلىك.» رىزۋانگۈل ساۋۇت مۇنداق دېدى: ماسلىشىش ئارقىلىق، مەھەللە كادىرلىرىنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقى ئاشتى، مەسئۇلىيەتچانلىقى كۈچەيدى.

«تۈنۈگۈن بىر ئاھالە ماڭا تېلېفون ئۇرۇپ ئائىلىلەرنى ھۆددە ئالغان كادىرنى ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلدى، دەپ ماختىدى» دېدى رىزۋانگۈل ساۋۇت كۈلۈپ تۇرۇپ «بۇ بىزگە نىسبەتەن ھەم مۇئەييەنلەشتۈرۈش، ھەم ھەيدەكچىلىك، بىز مەھەللە كادىرلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرنى تۈرلۈك مۇلازىمەت بىلەن تېخىمۇ ياخشى تەمىنلەيمىز».

«ھاكىمىيەت خەلق دېمەكتۇر، خەلق ھاكىمىيەت دېمەكتۇر. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىش، ھاكىمىيەتنى ساقلاپ قېلىشتا خەلق قەلبىنىڭ مايىللىقىنى ساقلاپ كەلدى.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەتئىي ھەم چوڭقۇر ھېسسىياتلىق سۆزلىرى ھەر كۈنى پۇقرالار بىلەن ئالاقە قىلىدىغان رىزۋانگۈل ساۋۇتنىڭ قەلبىنى ھاياجانغا سالدى.

كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش پۇقرالار كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىش. «مەھەللىمىز كېلەر يىلى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش ئىلتىماسى سۇنىدۇ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان بۇ مەسىلىنىڭ بالدۇرراق ھەل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» رىزۋانگۈل ساۋۇت مۇنداق دېدى: ھازىر دەل يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە كۈچەيدىغان مەزگىل، مەھەللە ئاھالىلەرنى كۆكتات سېتىۋېلىش، دورا سېتىۋېلىش قاتارلىق تۈرلۈك ماددىي ئەشيالار بىلەن تەمىنلەشكە ياخشى كاپالەتلىك قىلىپ، تەۋەلىكتىكى ھەر مىللەت ئاممىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ».

«بىز باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە ۋە ئامما ئارىسىدىكى ياخشى «قەلب كۆۋرۈكى» بولۇپ، تۈرلۈك مۇلازىمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرىمىز، بەخت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىمىز، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز» دېدى رىزۋانگۈل ساۋۇت.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.