تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ قەلب ساداسى | قومۇل ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆمىكى: جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئارقىلىق سەھنە ئىجادىيىتىنى ئوزۇقلاندۇرۇش

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ مېڭمېڭ

  «ئەمەلىي كۆرۈنۈشلۈك مۇزىكىلىق ناخشا-ئۇسسۇللۇق تىياتىر <ئېۋىرغول مۇزىكىلىق ئۇسسۇل كۆرىكى>نى قايتا ئورۇنلاش پات ئارىدا باشلىنىدۇ ھەمدە قومۇل ۋاڭ ئوردىسى مەنزىرە رايونىدا دائىم تۇرۇپ ئويۇن قويىدۇ، بىز كىيىم-كېچەك، چىراغ نۇرى، سەھنە كۆرۈنۈشى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، <يېقىشلىق> بولۇشنى تەلەپ قىلىش ئاساسىدا <ھۇزۇر ئېلىش> مەقسىتىگە يېتىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى نۇر ئىچىدە <جانلاندۇرىمىز>» دېدى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى، قومۇل ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، قومۇل ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى ئىجادىيەت ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى رەيھانگۈل تۇرسۇن.

  «ئېۋىرغول مۇزىكىلىق ئۇسسۇل كۆرىكى»نىڭ سەھنە سۈرىتى.

  قومۇل ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى تەمىنلىگەن

  «ئېۋىرغول مۇزىكىلىق ئۇسسۇل كۆرىكى» 1-بۆلەك «جاڭ چيەننىڭ ماندات كۆتۈرۈپ تۈمەن چاقىرىم سەپەر قىلىشى . غەربىي يۇرتنى كېزىش»، 2-بۆلەك «بۈيۈك خەننىڭ قۇدىلىشىشى . جيې يوۋ مەلىكىنىڭ يىراقتىكى ئۇيسۇنغا ياتلىق بولۇشى»، 3-بۆلەك «كاڭشىنىڭ قومۇل قوغۇنى دەپ نام بېرىشى . خۇي ۋاڭنىڭ كاتتا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ خان مۇپەتتىشىنى كۈتۈۋېلىشى» ۋە خاتىمىدىن ئىبارەت تۆت قىسىمدىن تەركىب تاپقان. «بىز <ئېۋىرغول مۇزىكىلىق ئۇسسۇل كۆرىكى>گە پانۇس ئۇسسۇلى، چاي تۇتۇش ئۇسسۇلى، چاق ئۇسسۇلى، ھەدىيە قوغۇن ئۇسسۇلى قاتارلىق ئەنئەنىۋى خەلق ئىچى ئۇسسۇللىرىنى سىڭدۈردۇق، بۇ يەنە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن قومۇل ھايۋانات تەقلىدىي ئۇسسۇلى قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېدى رەيھانگۈل.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قومۇل ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى چوڭقۇر قېزىشقا ئەھمىيەت بەردى، 2018-يىلى قومۇلنىڭ ئەنئەنىۋى ئوردا پانۇس ئۇسسۇلىنى سەھنىگە ئېلىپ چىقىپ، «ئۈمىد نۇرى» ناملىق ئۇسسۇلنى ئىشلەپ دۆلەت ئىچى ئۇسسۇل ساھەسىدە ياخشى باھاغا ئېرىشتى. «بىز <ئېۋىرغول مۇزىكىلىق ئۇسسۇل كۆرىكى>نىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ قايتا ئورۇنلاپ چىقىش ئارقىلىق، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بىلەن زامانىۋى ئۇسسۇلدىن ئىبارەت بۇ ئىككى سەنئەت گۈلىنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئۇچرىشىپ تېخىمۇ جۇلالىق يالقۇنجىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، بۇ ئەسەر مەدەنىيەت بىلەن ساياھەت يۇغۇرۇلغان يېڭى سىناق» دېدى رەيھانگۈل.

  «ئېۋىرغول مۇزىكىلىق ئۇسسۇل كۆرىكى»نىڭ سەھنە سۈرىتى.

  قومۇل ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى تەمىنلىگەن

  «پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، مەدەنىيەت ئارقىلىق ساياھەت بەرپا قىلىش، ساياھەت ئارقىلىق مەدەنىيەتنى نامايان قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە، بىز پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، سەنئەت خىزمىتىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرى بىلەن مەدەنىيەت-ساياھەت كەسپىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ بەرپا قىلىپ، سەنئەت قىممىتىنى كېڭەيتىپ، جەمئىيەت ئۈنۈمى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمدىن ئىبارەت <قوش ئۈنۈم>نى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.» رەيھانگۈل مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، قومۇل ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىمىز «قومۇلغا سەپەر» قاتارلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك باش تېمىسىدىكى تىياتىرلارنى قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى يەنىمۇ قاندۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى كۈچىنى ئاشۇرىمىز.

  «ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.