ئاپتونوم رايون نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئاچتى

ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھالىتىنى ساقلاپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈش كېرەك [تەپسىلاتى]

ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى سىستېمىسىنىڭ ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سوممىسى 180 مىليون يۈەندىن ئاشتى
دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك
ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتا ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەيلى
خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەخپىي نومۇرىنى يەشتى
بىڭتۇەن نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇردى
«تېرىقچىلىق» ئارقىلىق گۈزەل يېڭى تۇرمۇش يارىتىلدى

نۆۋەتتە يېڭىسار ناھىيەسى 50 مىڭ ئائىلىنىڭ ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى ئۆزگەرتىشنى تاماملاپ، «ئالىقانچىلىك يەر»نى «كىرىمنى ئاشۇرىدىغان باغ»قا ئايلاندۇردى.[تەپسىلاتى]

كىچىككىنە ياڭاق خەلقنى بېيىتىدىغان چوڭ كەسپكە ئايلاندى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قاغىلىق ناھىيەسى باغ-ئورمانچىلىق كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، «ھەممە يېرىدىن تولۇق پايدىلىنىش»تەك ياڭاقچىلىق پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلدى. نۆۋەتتە پۈتۈن ناھىيەدە 330 مىڭ ئادەم ياڭاقچىلىق كەسپىگە قاتناشقان بولۇپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى ئىچىدە، ياڭاقتىن قىلىنغان كىرىم %37.1نى ئىگىلەيدۇ.[تەپسىلاتى]

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ «كاپالەت تورى»زىچ، پۇختا توقۇلدى
ھەممە ئائىلىنىڭ چىقىش يولى بار بولدى، ھەممە ئادەمنىڭ قىلىدىغان ئىشى بار بولدى
قۇملۇقتا بېيىش گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلدى
خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەخپىي نومۇرىنى يەشتى

بار كۈچى بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش

بۇ شىركەت شىنجاڭدىكى تۇنجى كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىيلىق يۇقىرى ساپلىقتا ئوراش-قاچىلاش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانا بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، يىللىق ئوراش، قاچىلاش مەھسۇلاتى 1500 توننىغا يېتىدىكەن. ھازىر بۇ شىركەت بار كۈچى بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يىللىق پىلان ۋەزىپىسىىنىڭ %85ىنى تاماملىغان. 【تەپسىلاتى】

【بەخت گۈلى ئېچىلغان يېڭى چېگرا رايونى】 شىنجاڭ پەيزاۋات:«كىچىك نان»نى نانچىلىق كەسپىگە ئايلاندۇرۇش

شىنجاڭ پەيزاۋات ناھىيەسى بۇ خىل «كىچىك نان»نى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشىدىغان نانچىلىق كەسپىگە ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇندى. 【تەپسىلاتى】

توقۇمىچىلىق كەسپى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈردى

ئارال ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ جېنتەي توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، يېزىلاردىكى 600دىن كۆپرەك ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. 【تەپسىلاتى】

قورغاس نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسى: ئېكسپورت ۋە ئىچكى بازاردىن ئىبارەت ئىككى تەرەپتە سېتىش

 خاس نان مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۆلەت دەرۋازىسىدىن تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قورغاس تاموژنىسى، تاۋار تەكشۈرۈش قاتارلىق تارماقلار ئېكسپورت قىلىنىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ سالاھىيىتىنى ئەنگە ئېلىش، تاموژنا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سورۇنلىرىنى تەسىس قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئالدىنئالا ياخشى ئىشلىدى. 【تەپسىلاتى】

  • نامراتلارنى يۆلەش ئالبومى: جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئېغىر نامرات كەنتتىكى ئىگىلىك تىكلەش باشلامچىسى

    سۈپۈرگە زاۋۇتىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۇزۇنئېرىق كەنتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى بىر يول ئېچىپ بەردى. ئورۇزئەلى تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقۇپ، يەنە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قوللىشىدا، بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۇششاق تاۋار ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەرخانىسى ياكى كىچىك زاۋۇتتىن بىرقانچىنى قۇردى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇزۇنئېرىق كەنتىدە 16 كىچىك زاۋۇت، 28 يەككە سودا-سانائەتچى بار بولۇپ، مەھسۇلاتلىرى سەھىيە، تازىلىق بۇيۇملىرى ۋە يېمەكلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈرگە چېتىلىدۇ

  • كەلپىن ناھىيەلىك يېزا-كەنت نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسى: گۈزەل تۇرمۇشنى «يېقىپ» چىقىش

    خېمىر يۇغۇرۇش، زۇۋۇلا قىلىش، نان ئېچىش، گۈل چېكىش... 11-ئاينىڭ 1-كۈنى، شىنجاڭ كەلپىن ناھىيەسى يۇرچى يېزىسى تومئېرىق كەنتىدىكى ئەلنۇر نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسىدا، ناۋايلار ئەتىگەندىلا ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ھايال ئۆتمەيلا، ئىسسىق نان تونۇردىن چىقىپ، كىشىنى جەلپ قىلىدىغان مەززىلىك نان ھىدى ھەر يانغا تارىدى.

  • ياڭاق پىششىقلاش بىلەن ئالدىراش بولۇش

    ئىشچىلار خوتەن ناھىيەسى باغچى بازىرىدىكى شىنجاڭ ياڭاق (خوتەن) سودا بازىرىنىڭ ياڭاق پىششىقلاش سېخىدا ياڭاق مېغىزىنى ئىلغىماقتا. بۇ پىششىقلاپ ئىشلەش سېخى شۇ جايدىكى 150دىن ئارتۇق شەھەر، يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

  • شىنجاڭ قاراقاش: باشلامچى كارخانىلارنى كىرگۈزۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىشقا كۈچ قوشۇش

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسى كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى تۈپ تەدبىر قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلىرىدىكى باشلامچى كارخانىلارنى پائال كىرگۈزۈپ ۋە يېتىشتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولىنى كېڭەيتتى.

  • چېگرا رايوندا بەخت گۈللىرى ئېچىلدى|كىيىم-كېچەك كارخانىسى كەسىپلەر ئارقىلىق 500دىن ئارتۇق نامرات ئائىلىنىڭ بېيىش يولىغا مېڭىشىغا تۈرتكە بولدى

    بۇ كارخانا ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىش بىلەن بىللە، لەڭگەر كەنتىنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى تەلتۆكۈس چۆرۈپ تاشلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىش ئۈچۈن، نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدەنگەن، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش يېڭى ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، بەش مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، سودا-تىجارەت، ساياھەت-ئېكسكۇرسىيە، مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش، ئۆرپ-ئادەت باغچىسى، دېھقانلار ئارامگاھى، ئېسىل تائاملار، خاس باقمىچىلىق كەسپى بىر گەۋدە قىلىنغان نامراتلارنى يۆلەش-ئىگىلىك تىكلەش كوچىسدىن بىرنى قۇرۇپ چىققان.

  • نان كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بېيىش يولىنى كېڭەيتىش

    بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، كۇچا شەھىرى «ساياھەت + نان كەسپى»نى چۆرىدەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى ئىزچىل چىڭ تۇتتى، ھازىر پۈتۈن شەھەر بويىچە نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىدىن سەككىزنى، نان ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن 623نى قۇرۇپ، 8000دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

  • ئۇششاق كەسىپتىن چوڭ نەتىجە يارىتىلدى

    پوسكام ناھىيەسى ھەرقايسى يېزا-بازارلاردا كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ۋە ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىق كەنت دەرىجىلىك كىچىك كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كۈچ قوشتى.

  • قىزىل لازىدىن بېيىش يولى ئېچىلدى

    شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى كۇچا شەھىرى يۈلا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كەلگەندە، ھويلىدا قىپقىزىل لازىلار ئاپتاپقا سېلىنغان بولۇپ، ئىشچىلار ئايرىش، يېيىتىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى كۇچا شەھىرىنىڭ ئۈچئۆستەڭ يېزىسى سۆگەت كەنتىگە جايلاشقان بولۇپ، ئاساسلىقى لازىنى دەسلەپكى قەدەمدە پىششىقلايدۇ، ھەر يىلى شۇ كەنت ۋە قوشنا كەنتتىكى 2000دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، دېھقانلارنىڭ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.