تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

قورغاس نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسى: ئېكسپورت ۋە ئىچكى بازاردىن ئىبارەت ئىككى تەرەپتە سېتىش

ئىشچىلار قورغاس نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىدا نان راسلىماقتا(9-ئاينىڭ 27-كۈنى تارتىلغان). پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

  شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ رۇيلىن، جەزىرە نىسبېك

  10-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 11:00دە، قورغاس نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسى ئاۋاتلىشىپ كەتكەنىدى، سۈزۈك ئەينەكلىك، ئىچى ئېنىق كۆرۈنىدىغان ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچىلار خېمىر يۇغۇرۇش، چەككۈچ چېكىش، ھەر خىل نان مەھسۇلاتلىرىنى پىشۇرۇش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

  «بۇ يەرگە ھازىر 10دىن ئارتۇق كارخانا ئورۇنلىشىپ بولدى، ھەربىرىنىڭ ئۆزىنىڭ پىششىقلاش سېخى بار. بىزنىڭ سېختا ئىشلەپچىقىرىلغان نانلار ئاساسلىقى قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق جايلارغا سېتىلىدۇ» دېدى قورغاس جىنيى خەلقئارا سودا(گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى جاڭ شۇلى تونۇشتۇرۇپ، بۇ يىل 6-ئاينىڭ 8-كۈنى نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، شىركەت 390 مىڭدىن ئارتۇق نان، 20 مىڭدىن ئارتۇق لېبا(بولكا) ئېكسپورت قىلغان.

  «چەت ئەلدىكى خېرىدارلار توردا زاكاز چۈشۈرسە بولىدۇ، بىز خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىپ، شۇ كۈنىلا خېرىدارلارنىڭ قولىغا يەتكۈزىمىز» دېدى جاڭ شۇلى.

  خاس نان مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۆلەت دەرۋازىسىدىن تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قورغاس تاموژنىسى، تاۋار تەكشۈرۈش قاتارلىق تارماقلار ئېكسپورت قىلىنىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ سالاھىيىتىنى ئەنگە ئېلىش، تاموژنا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سورۇنلىرىنى تەسىس قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئالدىنئالا ياخشى ئىشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە «يېشىل يول» ئېچىپ، «ئالدىن تەكشۈرۈش، ئالدىن پېچەت سېلىش، ئالدىن تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈش»تەك ئۆتكەلنى ئىگىلەش مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، يېمەكلىكلەرنىڭ تاموژنىدىن ئەڭ تېز ئۆتۈشىگە ھەقىقي كاپالەتلىك قىلدى.

  كۆلىمى 70 نەچچە مو كېلىدىغان نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىنىڭ بىرىنچى قارارلىق قۇرۇلۇش كۆلىمى 9188 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، نان مەدەنىيىتى كۆرگەزمە سارىيى، نان ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، ساياھەتچىلەر ھېس قىلىش مەركىزى، «بىر بەلباغ، بىر يول» شىنجاڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش مەركىزى، تاموژنا ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش مەركىزى قاتارلىق 10 فونكىسىيەلىك رايون تەسىس قىلىنغان. قورغاس كىچىككىنە نان ئارقىلىق چوڭ كەسىپلەرگە تۈرتكە بولۇپ، قورغاسنىڭ يېمەكلىك پىششىقلاش كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، «يول ئىقتىسادى»نىڭ كەسىپ ئىقتىسادىغا ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  قورغاس كەيجيەن نانچىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى ما خۇيجى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كەسىپلەر باغچىسى «سانائەت + ئېكسپورت سودىسى+ ساياھەت» تەرەققىيات ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، كۈنىگە 50 مىڭدىن ئارتۇق نان يېقىپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2000دىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، يەرلىكنىڭ تاشقى سودىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىچكى قىسىمدا سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

  «كەسىپلەر باغچىسى بازار بۆلۈمى شۇ جاي ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بازارلارنى ئاساس قىلىپ، كوللېكتىپ سېتىۋېلىش، زاكاز قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدە ساتتى، بۇ يىل جۇڭچيۇ بايرىمىدا يەنە نۇرغۇن يۆبىڭ زاكىزىنى تاپشۇرۈۋالدۇق» دېدى ما خۇيجى.

  كۆپ خىل تىجارەت شەكلى يەرلىكنى تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى. يىل بويى پورتتا ئىشلەمچىلىك قىلىدىغان ئۇلان مۇخانبېك ئەسلىدە بۇ يىل ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە كىرىمىنىڭ يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىدىن ئەنسىرىگەنىدى، بىراق كەسىپلەر باغچىسى تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇ مۇقىم كىرىم مەنبەسىگە ئىگە بولدى.

  نان يېقىۋاتقان جاينا ئاربېكنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ئىشەنچى كۈچلۈك ئىدى. «بىر كۈنلەردە، مەن ياققان ناننىڭ دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىشىنى ھەقىقەتەن ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. بۇ يەردە نان يېقىشتا قاتتىق ئۆلچەم بار، نانلار ھەم پاكىز، ھەم مەززىلىك. مەن بۇ يەردە ئىشلىسەم كىرىمىم مۇقىم بولۇپلا قالماي، يەنە تېخنىكا ئۆگىنەلەيمەن.» ئىگىلىنىشىچە، بۇ كەسىپلەر باغچىسىدا خىزمەت قىلىدىغان ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەر ئىشچى-خىزمەتچى ئومۇمىي ساننىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى