تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

توققۇزتارا ناھىيەسى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش ئارقىلىق كۆچۈرۈلگەن ئائىلىلەرنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى

  ئانار بۇلۇت خەۋىرى: توققۇزتارا ناھىيەسى ئاقتۇبېك بازىرى ئاقجاز كەنتى ئىلگىرى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نامرات كەنت ئىدى، بۇ ئىككى يىلدا ھەر دەرىجىلىك ياردەم بېرىش-يۆلەش كۈچلىرىنىڭ قوللىشى ۋە چارۋىچىلارنىڭ ئۆز تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، ئىلگىرىكى نامرات كەنت نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ ياخشى كۈنلەرگە ئېرىشتى. چارۋىچى ئۆمەر ئەلى بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىلگىرى تاغلىق رايوندا تۇراتتى، سۇ، توك كەمچىل بولۇشتىن باشقا، تەبىئىي شارائىتى ناچار بولغانلىقتىن، ھەر يىلى چارۋا بېقىپ تاپقان ئازغىنە كىرىمىگە تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدايتتى. ھۆكۈمەت نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، ئۆمەر ئەلى ئائىلىسىدىكىلەر چىنار كەنتىدىكى G577 لىنىيەسى يېنىدىكى ئاھالىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا كۆچۈپ كېلىپ، ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپ، يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىدى.

  توققۇزتارا ناھىيەسى ئاقتۇبېك بازىرى ئاقجاز كەنتىدىكى چارۋىچى ئۆمەر ئەلى قاقىن مۇنداق دېدى: كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، تۇرمۇشىمىزدا زور ئۆزگىرىش بولدى، مەسىلەن، بالىلىرىمىز كەنت ئاھالە كومىتېتى ئەتراپىدىكى يەسلىدە ئوقۇيالايدىغان بولدى، كېسەل كۆرسىتىش كۆپ قولايلاشتى، مەن بۇ يىل بىر يىلدا 30 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپتىم. كېيىنكى قەدەمدە ھۆكۈمەت سېلىپ بەرگەن قوتاندىن پايدىلىنىپ، چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇپ، تۇرمۇش شارائىتىمنى ياخشىلايمەن.

  ئۆمەر ئەلىگە ئوخشاش، بۇ ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا كۆچۈپ كەلگەن 300 ئائىلىلىك چارۋىچى ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە خاس تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، دېھقانچىلىق رايونلىرىدا ئۆلچەملىك باقمىچىلىق قىلىش ۋە يېقىن ئەتراپتا ئىشلەمچىلىك قىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلدى.

  توققۇزتارا ناھىيەسى ئاقتۇبېك بازىرى ئاقجاز كەنتىدىكى چارۋىچى جەزىرە بېيسېنباي مۇنداق دېدى: يېڭى مەھەللىگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، بىز 109 كىۋادرات مېتىرلىق تۆت ئېغىز ئۆيگە ئىگە بولدۇق، يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلىرىمىز تولۇق، تۇرمۇشىمىزدا ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولدى.

  (ماقالىنى توققۇزتارا ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى دۇ لىنا تەمىنلىگەن)

  مەنبە: توققۇزتارا ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى