تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

كەلپىن ناھىيەلىك يېزا-كەنت نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسى: گۈزەل تۇرمۇشنى «يېقىپ» چىقىش

  ئانار بۇلۇت / شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ جياڭيەن خەۋىرى، فوتوسى): خېمىر يۇغۇرۇش، زۇۋۇلا قىلىش، نان ئېچىش، گۈل چېكىش... 11-ئاينىڭ 1-كۈنى، شىنجاڭ كەلپىن ناھىيەسى يۇرچى يېزىسى تومئېرىق كەنتىدىكى ئەلنۇر نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسىدا، ناۋايلار ئەتىگەندىلا ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ھايال ئۆتمەيلا، ئىسسىق نان تونۇردىن چىقىپ، كىشىنى جەلپ قىلىدىغان مەززىلىك نان ھىدى ھەر يانغا تارىدى.

  تومئېرىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى غۇلامجان مۇتەللىپ نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسىدىكى نان يېقىش تېخنىكىسى ئەڭ ياخشى ئىشچى بولۇپ، نان يېقىشقا ئېپى بار ھەم ئۆزىمۇ چاققان، ياققان نانلىرى ئىنتايىن تەملىك، ئۇ يەنە ئاپتونوم رايون بويىچە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسى بولۇپ باھالانغان، «مەن نان يېقىپمۇ مۇشۇنداق يۇقىرى شەرەپكە ئېرىشەلەيدىغانلىقىمنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن، ھازىر كىرىمىممۇ بىر ھەسسە كۆپەيدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى مۇستەھكەملەشتە كاپالەتكە ئىگە بولدۇم» دېدى.

  تومئېرىق كەنتى ئېغىر نامرات كەنت بولۇپ، 2014-يىلى غۇلامجان مۇتەللىپ ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە دەپ بېكىتىلگەن.

  كەلپىن ناھىيەسىنىڭ خاس نېپىز نېنى پۈتۈن شىنجاڭغا داڭلىق بولسىمۇ، ئەمما بۇ داڭلىق نام غۇلامجان مۇتەللىپنى ئالتۇن تاۋاققا ئىگە قىلالمىدى، تومئېرىق كەنتىدە يەنە ئۇنىڭغا ئوخشاش نەچچە ئون ناۋاي بار بولۇپ، ھەممىسى ھەر كۈنى ئۆز ئالدىغا نان يېقىپ ساتاتتى، ئۇلارنىڭ سېتىش يولى چەكلىك بولۇپ، كىرىمىمۇ يۇقىرى ئەمەس ئىدى.

  2018-يىلى 5-ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسىنىڭ يۇرچى يېزىسى تومئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ تۈرتكىسى ۋە ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، تومئېرىق كەنتى كەلپىن ناھىيەسى ئۆرۈك ماكانى نان ئوزۇقلۇق يېمەكلىكلىرى ئىشلەپچىقىرىش دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى، ھەمكارلىق كوپىراتىپى يېڭىدىن 20دىن ئارتۇق تونۇر سېلىپ، مەخسۇس نان يېقىش ئۈسكۈنىلىرى سېتىۋالدى.

كەلپىن ناھىيەسى ئۆرۈك ماكانى نان ئوزۇقلۇق يېمەكلىكلىرى ئىشلەپچىقىرىش دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كوپىراتىپ ئەزالىرى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە مەشغۇلات قىلماقتا.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش ئىدارىسىنىڭ يۇرچى يېزىسى تومئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى لى ۋېيدۇڭ مۇنداق دېدى: نان يېقىش ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ناھايىتى تېزلا ئۈنۈمىنى كۆرسەتتى، ناھىيەدىكى باشلامچى كارخانا شىنجاڭ ئەلنۇرى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنى مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىپ، يېڭىدىن 1800 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆلچەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىش سېخى قۇرۇپ، ئەلنۇرى نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر رايونى قۇرۇپ، «يېڭىلىق يارىتىش، ماسلاشتۇرۇش، يېشىل بولۇش، ئېچىۋېتىش، ئورتاق بەھرىلىنىش»تىن ئىبارەت يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «باشلامچى كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى + دېھقانلار» ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى قوللاندى.

كەلپىن ناھىيەسى تومئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى (سولدا) ئۆرۈك ماكانى نان ئوزۇقلۇق يېمەكلىكلىرى ئىشلەپچىقىرىش دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق مال تونۇشتۇرماقتا.

  كەنت ئاھالىسى غۇلامجان مۇتەللىپمۇ نەپكە ئېرىشكۈچىلەرنىڭ بىرى، ئۇ «ئىلگىرى مەن ئۆيدىكى تونۇردا نان ياققاچقا، كىرىمىم ئانچە يۇقىرى ئەمەس ئىدى، ھازىر مەن ھەممە ئۈسكۈنىسى ئىلغار بولغان سېختا نان ياقىمەن، نان ياقىدىغان مۇھىت ئىنتايىن پاكىز، تۈرىمۇ كۆپ، شۇنىڭ ئۈچۈن نانلىرىم بارغانسېرى ياخشى سېتىلىۋاتىدۇ، كىرىمىممۇ خېلىلا ئاشتى» دېدى.

  ئەلنۇرى نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسىنىڭ تەرەققىياتى بارغانسېرى ياخشى بولۇپ، بۇ كەنتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى تۈۋرۈك كەسپىگە ئايلىنىپ، 70تىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. ئىستېمال بازىرىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسى يەنە تېخىمۇ كۆپ يېڭى سورتلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىپ، كەلپىننىڭ خاس نېپىز نېنى ئاساسىدا، قىزىلگۈل نېنى، بادام نېنى، ياغلىق نان، بولكا نېنى، ئوزۇقلۇق نېنى قاتارلىق 16 خىلغا كېڭەيتتى.

  «نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىمىز كەلپىن ناھىيەسىدىكى نۇرغۇن كارخانا، مەكتەپ بىلەن زاكاز ئىمزالىدى، يەنە پۈتۈن ناھىيەدە 31 سېتىش تور نۇقتىسى تەسىس قىلدى. ھازىر بىز كۈنىگە 50000 نان ياقىمىز، شۇنداقتىمۇ نان بىلەن تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالمايۋاتىمىز» دېدى ئەلنۇرى نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسىنىڭ مەسئۇلى ليۇ چۈنيۇڭ، ئۆلچەملەشكەن زاۋۇت بىناسى پۈتكەندىن كېيىن، نان يېقىش مىقدارى زور دەرىجىدە ئېشىپ، نان مەھسۇلاتلىرى بازىرىنىڭ ئىستىقبالى بارغانسېرى كېڭىيىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى