تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

نامراتلارنى يۆلەش ئالبومى: جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئېغىر نامرات كەنتتىكى ئىگىلىك تىكلەش باشلامچىسى

  قاراقاش ناھىيەسى ئاقساراي يېزىسى ئۇزۇنئېرىق كەنتى جيامېي سۈپۈرگە ياساش مەركىزىدە، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى سۈپۈرگە ياسىماقتا(10-ئاينىڭ 22-كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ گې فوتوسى

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: «بۇ كەنتنىڭ نامراتلىقىدىن، ھەممىسىلا نامرات ئائىلە ئىدى». ئورۇزئەلى قوشقارباي ئۇزۇنئېرىق كەنتىگە تۇنجى كەلگەندە، بەزىلەر بۇ نامرات كەنتنى مۇشۇنداق سۈپەتلىگەنىدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2018-يىلى ئورۇزئەلى قوشقارباي ئۇزۇنئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق بىرىنچى شۇجى بولغان. بۇ كەنت خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسى ئاقساراي يېزىسىدا بولۇپ، «ئۈچ ۋىلايەت، ئۈچ ئوبلاست»تىكى ئېغىر نامرات رايونغا تەۋە ئىدى. پۈتۈن كەنتتە 1900غا يېقىن كىشى بولۇپ، كىشى بېشىغا ئاران يېرىم مودىن يەر توغرا كېلەتتى، 2018-يىلى، دەسلەپتە 1200گە يېقىن نامرات نوپۇس بولۇپ، نامراتلىق يۈز بېرىش نىسبىتى %60تىن ئېشىپ كەتكەنىدى.

  كەسىپ بولمىسا، كەسىپ بەرپا قىلىش كېرەك. ئورۇزئەلى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، قۇم-بوران نىسبەتەن كۆپ چىقىدىغان خوتەن ۋىلايىتىدە سۈپۈرگىگە بولغان ئېھتىياجنىڭ ئىنتايىن زورلۇقىنى بايقىدى، ئۇزۇنئېرىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بورا توقۇيدىغان ئەنئەنىسى بار بولۇپ، توقۇش ئاسان ئىدى. ئورۇزئەلى ئادەم تېپىپ مەبلەغ توپلاپ، سۈپۈرگە ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەرخانىسى قۇرۇپ چىقتى، بىر مۇنچە ئوڭۇشسىزلىقلار ئارقىلىق، سۈپۈرگە مەھسۇلاتلىرى ئاخىرى ئىستېمالچىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. بازار ئېچىلغاندىن كېيىن، ناھىيەدە مەبلەغ چىقىرىپ 1000 نەچچە كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان سۈپۈرگە زاۋۇتى قۇردى، زاۋۇتنىڭ خادىمى 100گە يېقىن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يېرىمىدىن كۆپرەكى نامرات ئاھالە ئىدى. مەھسۇلاتلىرىمۇ نوقۇل ھالدا قوناق سۈپۈرگىسىدىن قۇمۇش سۈپۈرگە، چىغ سۈپۈرگە، ئۆي سۈپۈرگىسى ۋە توبا قاتارلىق مەھسۇلاتلارغىچە تەرەققىي قىلىپ، بۈگۈنكى كۈندە يىللىق سېتىش سوممىسى 5 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

  سۈپۈرگە زاۋۇتىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۇزۇنئېرىق كەنتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى بىر يول ئېچىپ بەردى. ئورۇزئەلى تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقۇپ، يەنە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قوللىشىدا، بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۇششاق تاۋار ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەرخانىسى ياكى كىچىك زاۋۇتتىن بىرقانچىنى قۇردى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇزۇنئېرىق كەنتىدە 16 كىچىك زاۋۇت، 28 يەككە سودا-سانائەتچى بار بولۇپ، مەھسۇلاتلىرى سەھىيە، تازىلىق بۇيۇملىرى ۋە يېمەكلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈرگە چېتىلىدۇ.

  «تېخىمۇ مۇھىمى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ روھىي قىياپىتىدە ئۆزگىرىش بولدى، گۈرۈچ، ئۇن، ياغ قاتارلىق خەلق ئىشلىرى قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ماددىي ئەشيالىرىغا كۆز تىكىپ ئولتۇرۇشتىن قاچان مائاش تارقىتىدىغانلىقى، قانچىلىك تارقىتىدىغانلىقىغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغان بولدى» دېدى ئورۇزئەلى. بۇ ئىلگىرىلەش بۇ نامرات كەنتكە ھەقىقەتەن يېڭى يۈكسىلىشلەرنى ئېلىپ كەلدى.

  جۈپلىمە سۈرەت: ئۈستىدىكى سۈرەتتە، 10-ئاينىڭ 22-كۈنى قاراقاش ناھىيەسى ئاقساراي يېزىسى ئۇزۇنئېرىق كەنتى جيامېي سۈپۈرگە ياساش مەركىزىدە، كەنت ئاھالىلىرى سۈپۈرگە ياسىماقتا؛ ئاستىدىكى سۈرەتتە، 2019-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى ئورۇزئەلى قوشقارباي(سولدىن 1-كىشى) كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سۈپۈرگە ياسىشىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا.

  جۈپلىمە سۈرەت: ئۈستىدىكى سۈرەتتە، 10-ئاينىڭ 22-كۈنى قاراقاش ناھىيەسى ئاقساراي يېزىسى ئۇزۇنئېرىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مەمەتنىياز ساۋۇر ئۆز ھويلىسىدا؛ ئاستىدىكى سۈرەتتە، 2018-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۇزۇنئېرىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى كەنت قىياپىتىنى تۈزىمەكتە.

  جۈپلىمە سۈرەت: ئۈستىدىكى سۈرەتتە، 10-ئاينىڭ 22-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان قاراقاش ناھىيەسى ئاقساراي كەنتى ئۇزۇنئېرىق كەنتىدىكى كىچىك، ئۇششاق كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈش كوچىسى؛ ئاستىدىكى سۈرەتتە، 2018-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى ئوخشاش بىر ئورۇندا سۈرەتكە تارتىلغان كوچا مەنزىرىسى.

قاراقاش ناھىيەسى ئاقساراي يېزىسى ئۇزۇنئېرىق كەنتى چاشقان تۇتۇش تاختىسى زاۋۇتىدا، ئورۇزئەلى قوشقارباي(سولدىن 1-كىشى) كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە ئالدىراش ئىشلىمەكتە(10-ئاينىڭ 22-كۈنى تارتىلغان).

قاراقاش ناھىيەسى ئاقساراي يېزىسى ئۇزۇنئېرىق كەنتى جيامېي سۈپۈرگە ياساش مەركىزىدە، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى سۈپۈرگە ياسىماقتا(5-ئاينىڭ 23-كۈنى تارتىلغان).

قاراقاش ناھىيەسى ئاقساراي يېزىسى ئۇزۇنئېرىق كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى بۇخەدىچە مەمتىمىن ئۆيىنى تازىلىماقتا(10-ئاينىڭ 22-كۈنى تارتىلغان).

قاراقاش ناھىيەسى ئاقساراي يېزىسى ئۇزۇنئېرىق كەنتىدە، ئورۇزئەلى قوشقارباي(ئوڭدا) ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىتتا ئولتۇرۇپ چۈشلۈك تاماق يېمەكتە(5-ئاينىڭ 7-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان).

قاراقاش ناھىيەسى ئاقساراي يېزىسى ئۇزۇنئېرىق كەنتىدە، ئورۇزئەلى قوشقارباي(ئوڭدا) كەنت ئاھالىسى مىرھاشىم نىزامىدىن بىلەن پاراڭلاشماقتا(5-ئاينىڭ 23-كۈنى تارتىلغان).

قاراقاش ناھىيەسى ئاقساراي يېزىسى ئۇزۇنئېرىق كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى مىرھاشىم نىزامىدىن ئۆيىدىكى يېڭىلا سېتىۋالغان توڭلاتقۇنىڭ يېنىدىن ئۆتمەكتە(5-ئاينىڭ 23-كۈنى تارتىلغان).

قاراقاش ناھىيەسى ئاقساراي يېزىسى ئۇزۇنئېرىق كەنتىدە، بىر كەنت ئاھالىسى تۈرلۈك سۇلياۋ بۇيۇملارنى ياسىماقتا (3-ئاينىڭ 19-كۈنى تارتىلغان).

قاراقاش ناھىيەسى ئاقساراي يېزىسى ئۇزۇنئېرىق كەنتى جيامېي سۈپۈرگە ياساش مەركىزىدە، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى سۈپۈرگە ياسىماقتا(10-ئاينىڭ 22-كۈنى تارتىلغان).

  جۈپلىمە سۈرەت: ئۈستىدىكى سۈرەتتە، 10-ئاينىڭ 22-كۈنى قاراقاش ناھىيەسى ئاقساراي يېزىسى ئۇزۇنئېرىق كەنتى چاشقان تۇتۇش تاختىسى زاۋۇتىدا، ئورۇزئەلى قوشقارباي(سولدا) ئوبۇلقاسىم ھېيىت بىلەن كېيىنكى قەدەمدىكى ئىشلەپچىقىرىش پىلانىنى مەسلىھەتلەشمەكتە؛ ئاستىدىكى سۈرەتتە، 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى ئورۇزئەلى قوشقارباي(ئوڭدا) ئوبۇلقاسىم ھېيىت بىلەن فۇجيەندە چاشقان تۇتۇش تاختىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ئىگىلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى