تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

قىزىل لازىدىن بېيىش يولى ئېچىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: 10ـ ئاينىڭ 20-كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيەسىنىڭ تامتوغراق بازىرى ئۈستۈنكى ئارال كەنتىدىكى دېھقانلار لازا ئۈزمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ بازار تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، زاكازلىق يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتتى، نۆۋەتتە 3000 مو پىگمېنتلىق لازىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى. (ئىختىيارىي مۇخبىر باۋ لياڭتىڭ فوتوسى)

  10-ئاينىڭ 20-كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى كۇچا شەھىرى يۈلا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كەلگەندە، ھويلىدا قىپقىزىل لازىلار ئاپتاپقا سېلىنغان بولۇپ، ئىشچىلار ئايرىش، يېيىتىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى كۇچا شەھىرىنىڭ ئۈچئۆستەڭ يېزىسى سۆگەت كەنتىگە جايلاشقان بولۇپ، ئاساسلىقى لازىنى دەسلەپكى قەدەمدە پىششىقلايدۇ، ھەر يىلى شۇ كەنت ۋە قوشنا كەنتتىكى 2000دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، دېھقانلارنىڭ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. (ئىختىيارىي مۇخبىر دياۋ پېڭ فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى