تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

شىنجاڭ لوپ ناھىيەسى: ئۆردەك چۈجىسىدىن چوڭ كەسىپ شەكىللەندى

لوپ ناھىيەسىدىكى «كۈرەش» ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، باقمىچى ئۆردەكلەرنىڭ يەم-خەشەكلىرىنى تولۇقلىماقتا (11-ئاينىڭ 2-كۈنى تارتىلغان سۈرەت) شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چېتىگە جايلاشقان شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيەسى دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيە. يەر ئاز، ئادەم كۆپ بولۇش، كەسىپ قۇرۇلمىسى بىرلا خىل بولۇش شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان بوغما ھالەت بولۇپ قالدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، لوپ ناھىيەسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇساپىسىدە بازار پىشىپ يېتىلگەن، كەسىپ زەنجىرى مۇكەممەل بولغان گۆش ئۆردىكى باقمىچىلىق كەسپىنى پائال كىرگۈزۈپ، «شىركەت + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + ھەمكارلىق گۇرۇپپىسى + دېھقان ئائىلىسى» ھەمكارلىق ئەندىزىسى بويىچە، ئالتە يېزا-بازاردا سەككىز ھەمكارلىق كوپىراتىپى، 11 باقمىچىلىق بازىسى قۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. نۆۋەتتە، لوپ ناھىيەسى 250 گۆش ئۆردىكى باقمىچىلىق پارنىكى قۇرۇپ، ھەرقايسى يېزا ـ بازارلاردىكى 5000 نامرات ئاھالىنى پاي قوشۇشقا جەلپ قىلدى؛ گۆش ئۆردىكىنى پىششىقلاش كارخانىسى شۇ جايدىكى 574 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە نامرات ئاھالىدىن 308 كىشى بار.

لوپ ناھىيەسى «كۈرەش» ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا سۈرەتكە تارتىلغان گۆش ئۆردەكلىرى (11-ئاينىڭ 2-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى

لوپ ناھىيەسى «كۈرەش» ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى ئۆردەك كاتىكى (11-ئاينىڭ 2-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى

لوپ ناھىيەسى «كۈرەش» ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا سۈرەتكە تارتىلغان گۆش ئۆردەكلىرى (11-ئاينىڭ 2-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى

11-ئاينىڭ 7-كۈنى، لوپ ناھىيەسىدىكى لىتيەن شياڭنۇڭ يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىدە، ئىشچىلار ئوراپ قاچىلانغان ئۆردەك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ