تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

شىنجاڭ قاراقاش: باشلامچى كارخانىلارنى كىرگۈزۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىشقا كۈچ قوشۇش

10-ئاينىڭ 31-كۈنى، شىنجاڭ مېيبىتې گۇرۇھ چەكلىك شىركىتىدە، خادىملار زىخلىق يېمەكلىك ئۆتكۈزۈش سېخىدا ئالدىراش ئىشلىمەكتە.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسى كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى تۈپ تەدبىر قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلىرىدىكى باشلامچى كارخانىلارنى پائال كىرگۈزۈپ ۋە يېتىشتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولىنى كېڭەيتتى. 2019-يىلى 4-ئايدا، قاراقاش ناھىيەسى يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانا شىنجاڭ مېيبىتې گۇرۇھ چەكلىك شىركىتىنى كىرگۈزدى. بۇ شىركەت «يېزىدا باقمىچىلىق بازىسى بولۇش، كەنتتە ھەمكارلىق كوپىراتىپى بولۇش، ئائىلىدە توخۇ كاتىكى بولۇش»تەك تەرەققىيات پىلانى بويىچە، تېخنىكا، چۈجە، يەم، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، شۇ جايدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى، ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنىڭ سىجىل ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. ھازىرغىچە، كارخانىدا 6000غا يېقىن خادىم بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىدىن 3000دىن ئارتۇق كىشى بار ئىكەن. (دىڭ لېي فوتوسى)

10-ئاينىڭ 31-كۈنى، شىنجاڭ مېيبىتې گۇرۇھ چەكلىك شىركىتىدە، خادىملار زىخلىق يېمەكلىك ئۆتكۈزۈش سېخىدا ئالدىراش ئىشلىمەكتە.
10-ئاينىڭ 31-كۈنى، شىنجاڭ مېيبىتې گۇرۇھ چەكلىك شىركىتىدە، بىر خادىم ئۈچەي قاقلاپ قۇرۇتۇش سېخىدا ئىشلىمەكتە.
شىنجاڭ قاراقاش ناھىيەسى زاۋا بازىرىدىكى شىنجاڭ مېيبىتې گۇرۇھ چەكلىك شىركىتى قارىمىقىدىكى بىر توخۇ فېرمىسى(10-ئاينىڭ 31-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).
10-ئاينىڭ 31-كۈنى، بىر خادىم شىنجاڭ مېيبىتې گۇرۇھ چەكلىك شىركىتى قارىمىقىدىكى بىر توخۇ فېرمىسىدا ئالدىراش ئىشلىمەكتە.
10-ئاينىڭ 31-كۈنى، قاراقاش ناھىيە زاۋا بازىرىدا، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەر شىنجاڭ مېيبىتې گۇرۇھ چەكلىك شىركىتىنىڭ خەلققە قولايلىق تاماق ھارۋىسىدا ئالدىراش ئىشلىمەكتە.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى