تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

چېگرا رايوندا بەخت گۈللىرى ئېچىلدى|كىيىم-كېچەك كارخانىسى كەسىپلەر ئارقىلىق 500دىن ئارتۇق نامرات ئائىلىنىڭ بېيىش يولىغا مېڭىشىغا تۈرتكە بولدى

ئىشچىلار رەخت كەسمەكتە.

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرلار گو لىڭ، لۈ يىخەن، جۇڭ جاۋفېڭ خەۋىرى، فوتوسى): «مەن بىر كۈنلەردە ئۆزۈمنىڭ تىككۈچىلىك ماشىنىسى ئىشلىتەلەيدىغانلىقىمنى، يەنە بۇنىڭغا تايىنىپ كىرىمىمنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلىدىغانلىقىمنى ئويلىماپتىكەنمەن» دېدى مۇتەللىپ روزىمەمەت كۈلۈپ تۇرۇپ. خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسى زاۋا بازىرىدىكى بىر كىيىم-كېچەك كارخانىسىدا، مۇتەللىپكە ئوخشاش 1050 خادىم ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرغان تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسى بار بولۇپ، كارخانا ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورايغاچقا، ئۇلار نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىپ، ھاللىق سەۋىيەگە قاراپ ماڭدى.

بۇ كىيىم-كېچەك كارخانىسىنىڭ تەرەققىيات كۆرگەزمىخانىسىدا تۈرلۈك كىيىم-كېچەك كۆرگەزمە قىلىنغان.

  10-ئاينىڭ 24-كۈنى، مۇخبىر خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسى زاۋا بازىرى لەڭگەر كەنتىدىكى بۇ كارخانىغا كېلىپ، كۆرگەزمىخانىغا تۈرلۈك كىيىم-كېچەكلەرنىڭ قويۇلغانلىقىنى، يەنە T شەكىللىك سەھنە بارلىقىنى كۆردى. «ئۆزىمىزنىڭ خىزمەتچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن مودېل ئەترىتىمىز بار، كىيىم-كېچەكلەر لايىھەلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلار ئاۋۋال T شەكىللىك سەھنىدە كۆپچىلىككە كۆرسىتىدۇ، ياخشى بولسا، بازارغا كېڭەيتىمىز» دېدى بۇ كارخانىنىڭ مەسئۇلى ئوبۇلھەسەن ئوبۇلقاسىم تونۇشتۇرۇپ. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇلارنىڭ كىيىم-كېچەك كارخانىسىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدە سەككىز ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بار ئىكەن، يىلدا ئىككى مىليون يۈرۈش كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىدىكەن، يەنە يوتقان-كۆرپە، ماسكا، مۇداپىئە كىيىمى قاتارلىق مەھسۇلاتلارمۇ بار بولۇپ، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلىدىكەن. نۆۋەتتە، كارخانىدا 1010 كىشى ئىشقا ئورۇنلاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە 532سى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە بولۇپ، ھازىر ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان.

ئىشچىلار ئوقۇغۇچىلار فورمىسى تىكمەكتە.

  مۇتەللىپنىڭ ئائىلىسى قاراقاش ناھىيەسى ئۇرچى يېزىسى قوشئاۋات كەنتىدە بولۇپ، ئىلگىرى ئائىلىدىكى تۆت جان ئىككى مو يەر ۋە ئۇششاق ئىشلارغا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى، 2018-يىلى 7-ئايدا، ئۇ بۇ كىيىم-كېچەك كارخانىسىغا كېلىپ خىزمەت قىلدى. «كەنت ماڭا بۇ يەردە ئىشلەشكە تونۇشتۇردى، دەسلەپتە، ئۆزۈمنىڭ تىككۈچىلىك تېخنىكىسىنى ئۆگىنەلمەيدىغاندەك ھېس قىلاتتىم، ئازراقمۇ ئىشەنچىم يوق ئىدى، ئەمما زاۋۇتتىكىلەر ئەستايىدىللىق بىلەن ئاز-ئازدىن ئۆگەتتى، ھازىر مەن ھەممىنى ئۆگىنىۋالدىم، كىرىمىممۇ دەسلەپ كەلگەن ۋاقىتتىكىدىن بىر ھەسسە ئاشتى» دېدى مۇتەللىپ، ھازىر ئۇنىڭ ئىككى بالىسى مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، خوتۇنى بىر توپ تارقىتىش دۇكىنىدا ئىشلەيدۇ، كىرىمى ئىنتايىن مۇقىم.

ئىشچىلار تىككۈچىلىك تېخنىكىسىنى پىششىق ئىگىلىگەن.

  يوتقان-كۆرپە پىششىقلاش زاۋۇتىدا، 23 ياشلىق ئابدۇۋەلى تۇرسۇن ئىشچىلار بىلەن ئىنتايىن ئالدىراش ئىدى. «ھەممىسى ماشىنىدا مەشغۇلات قىلىنىدۇ، بىز بىر نەچچە كۇنۇپكىنى بېسىپ، ماشىنا تىكىپ بولغان كۆرپىلەرنى رەتلەپ قويساقلا بولىدۇ، ئىنتايىن تېز». ئابدۇۋەلىنىڭ ئائىلىسى قاراقاش ناھىيەسى توخۇلا يېزىسىدا بولۇپ، بۇلتۇر يۇرتداشلىرى بىلەن بىللە ئىشلەمچى بولغان، كۆپچىلىك بۇ كىرىمى مۇقىم خىزمەتنى ئىنتايىن قەدىرلەيدۇ، ھەركۈنى ئىشتىن چۈشۈپ يەنە دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلىدۇ، تۇرمۇشى ئىنتايىن خاتىرجەم.

  بۇ كارخانىنىڭ ئىشخانا بىناسىدا، مۇخبىر تامدىكى لەۋھەلەرنى كۆردى، بۇلارنى ئەتراپتىكى مەكتەپ، كەنت ئاھالە كومىتېتى، يەسلى، خىزمەت ئەترىتى قاتارلىقلار تەقدىم قىلغان بولۇپ، كۆپىنچىسى كارخانا ئىئانە قىلغان پۇل ۋە ماددىي بۇيۇملارغا بىلدۈرۈلگەن مىننەتدارلىق ئىدى.

كارخانىنىڭ تولۇق ئاپتوماتلاشقان يوتقان-كۆرپە ئىشلەپچىقىرىش سېخى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ كارخانا ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىش بىلەن بىللە، لەڭگەر كەنتىنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى تەلتۆكۈس چۆرۈپ تاشلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىش ئۈچۈن، نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدەنگەن، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش يېڭى ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، بەش مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، سودا-تىجارەت، ساياھەت-ئېكسكۇرسىيە، مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش، ئۆرپ-ئادەت باغچىسى، دېھقانلار ئارامگاھى، ئېسىل تائاملار، خاس باقمىچىلىق كەسپى بىر گەۋدە قىلىنغان نامراتلارنى يۆلەش-ئىگىلىك تىكلەش كوچىسدىن بىرنى قۇرۇپ چىققان.

ئىشچىلار ئالدىراش ئىشلىمەكتە.

  بۇنىڭدىن باشقا، بۇ كارخانا «مېھىر-شەپقەت تاللا بازىرى»، «مېھىر-شەپقەت ساتىراشخانىسى» قۇرۇپ، كەنتتىكى ئەمگەك كۈچى يوق ئاممىنى ھەقسىز ئاشلىق، گۆش، تۈرلۈك كۆكتات، مېۋە-چېۋە، تۆت پەسىللىك كىيىم قاتارلىق زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن ھەقسىز تەمىنلىگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى