تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

چېن چۈەنگو ئاقسۇ ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئەمگەكچىلەرگە بايراملىق سالام يوللىدى

4 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىن 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئاقسۇ ۋىلايىتىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، چېن چۈەنگو ئونسۇ ناھىيەسى توخۇلا يېزىسىنىڭ قۇرۇل كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە تۇرسۇن ئەركىننىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئائىلە كىرىمى، پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەش، كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىش، نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى سەمىمىي سورىدى.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىن 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئاقسۇ ۋىلايىتىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان - ۋەزىپىسىنى چىڭ كۆزلەپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىرادىنى ساقلاپ، خەۋپنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقى چوڭ ۋەزىيىتىنى قوغداپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش نىشان - ۋەزىپىسىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

ئاقسۇ شەھەرلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپلەر باغچە رايونى، مىنفۇكاڭ يېمەكلىك موگۇ پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائىتى شەھەرچىسىدە، چېن چۈەنگو كارخانا مەسئۇللىرى ۋە ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەر بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، كارخانىلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت ۋە كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلارنى يېتەكلەش، نامراتلارغا نەپ يەتكۈزۈش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى ھەم ئۇلارغا ۋە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئەمگەكچىلەرگە بايراملىق سالام يوللىدى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلىرىگە قويۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، قوشۇلما قىممەتنى ئۆستۈرۈپ، بازارنى پائال كېڭەيتىپ، خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، نامرات ئاممىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىشىگە سىجىل ياردەم بېرىپ، كارخانا تەرەققىياتىنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ۋە جەمئىيەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى يېتەكچىلىكىدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئىگەرچى يېزىسى يۇلغۇنلۇق كەنتىدىكى ئالمىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش - ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىدا، چېن چۈەنگو ئېتىز باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى، مېۋىلەش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، ئۆستۈرۈش تەننەرخى، بازار پايدىسىنى سۈرۈشتۈرۈپ، باغۋەنلەرنى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئالما، ياڭاق ئۆستۈرۈش قاتارلىق خاس كەسىپلەرنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، باغ - ئورمانچىلىقنى كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشتىكى «تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخ» ۋە «يېشىل بانكا»غا ئايلاندۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

چېن چۈەنگو شىنجاڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنى، ئاقسۇ تېخنىك شۆيۈەنىگە كېلىپ، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بىلەن يۈزتۇرا پاراڭلىشىپ، مائارىپ - ئوقۇتۇشى، تۇرمۇش - ئۆگىنىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: توغرا مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى قۇرۇش كېرەك. مەكتەپلەردە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەپ، مەكتەپلەرنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئاقسۇ شەھىرىنىڭ كاڭجۈ مەھەللىسىدە، چېن چۈەنگو مەھەللە قۇرۇلۇشى ۋە ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، كەڭ مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۇدا جەڭ قىلىش ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، ئاممىغا چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى. چېن چۈەنگو يەنە تۇرسۇن ئەركىن ۋە دىلشات رىشىتتىن ئىبارەت ئىككى ئائىلىنى يوقلاپ، ئۇلارنىڭ ئائىلە كىرىمى، پەرزەنتلىرىنىڭ تەربىيەلىنىشى، كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىش، نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى سەمىمىي سورىدى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى بەختلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

چېن چۈەنگو تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش ئالدىنقى شەرتىدە، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك ئىشلارنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە سىجىل تۈرتكە بولۇش كېرەك. دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ئورۇنلار ۋە نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا قارىتا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنى شەخسي مۇداپىئەلىنىشنى قاتتىق ياخشى قىلىشقا پائال يېتەكلەپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك. ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، مەبلەغ سېلىش، ئىستېمال، ئېكسپورتنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپلەر بەس - بەستە كۈچ چىقىرىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى كۈچەپ زورايتىپ، تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش داۋامىدا تېخىمۇ زور تەرەققىيات بوشلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، تەرەققىياتنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئۆستۈرۈش ئاساسىدا، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پائال ئىزدىنىپ، نۇقتىدا سىناق قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، تەجرىبە شەكىللەندۈرۈپ، نامراتلارنى ئازايتىش ئىستراتېگىيەسى ۋە خىزمەت سىستېمىسىنىڭ تىپىنى تەكشى، مۇقىم ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئارتۇقچىلىق بىلەن كەمچىلىك بىرلەشتۈرۈلگەن، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەيدىغان تۈزۈلمە مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. سىجىل كۈچەپ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا كاپالەتلىك قىلىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئوقۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش تۆۋەن چېكىنى قاتتىق ساقلاپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، كۆكيار روھىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك. جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل، ئىناق، مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەر ئۈچۈن ئىناق، مۇقىم مۇھىت يارىتىش كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن جاڭ چۇنلىن، دوۋ ۋەنگۇي قاتارلىقلار بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.