تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

(2020- يىلى 3- ئاينىڭ 6- كۈنى)

شى جىنپىڭ

يولداشلار:

بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى − ھازىرقى ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش.

باياتىن نۇجياڭ ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتى، لەنكاۋ ناھىيەسى، داخۇا ناھىيەسى، خېجاڭ ناھىيەسىدىكى بەش يولداش پىكىر بايان قىلدى، ناھايىتى ياخشى سۆزلىدى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەرنىڭ يازما ماتېرىياللىرىنىمۇ كۆردۈم. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەرنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، كۆپچىلىكنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا تولۇق ئىشەنچى بار.

2015 - يىلىدىن بۇيان، مەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش توغرىسىدا يەتتە قېتىم مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئاچتىم. 2015 - يىلى يەنئەندە ئىنقىلابىي كونا رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى، گۇيياڭدا قىسمەن ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەرنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە «13 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى، 2016 - يىلى يىنچۈەندە شەرقىي، غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىق سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى، 2017 - يىلى تەييۈەندە ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى، 2018 - يىلى چېڭدۇدا نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى، 2019 - يىلى چۇڭچىڭدا «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى، ھەر قېتىمدا بىر ئاساسىي تېما چۆرىدەلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە دائىرىلىك خىزمەت تەلىپىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ھەر قېتىملىق سۆھبەت يىغىنىدىن بۇرۇن، مەن ئالدى بىلەن نامرات رايونلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدىم، نەق مەيداندا ئەھۋال ئىگىلىدىم، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدىم، ئىگىلىگەن ئەھۋاللارغا ئاساسەن، ئالاقىدار ئۆلكىلەردىكى مەسئۇل يولداشلارنى چاقىرىپ خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدىم.

بۇ يىلنىڭ بېشىدا، مەن باشقا جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، ئالاقىدار جايلار، بولۇپمۇ تېخى قالپاقنى تاشلىمىغان نامرات ناھىيەلەردىكى بارلىق مەسئۇل يولداشلارنى بىر يەرگە تەكلىپ قىلىپ يىغىن ئېچىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەل قىلغۇچ جېڭى خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىشنى ئويلىغانىدىم. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، مەن يەنە يۇقۇم ئەھۋالى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەنگەندە، ئاندىن يەرلىككە بېرىپ ئېچىشنىمۇ ئويلاشتىم، لېكىن بۇ يىللىق بارلىق پىلاننى ئورۇنداشقا يەنە ئون ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت قاپتۇ، كۈن بويىچە ھېسابلىغاندا 300 كۈن بولىدىكەن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئەسلىدىلا يېڭىشكە تېگىشلىك نۇرغۇن قاتتىق قىيىنچىلىق بار، يۇقۇم قىيىنچىلىقنى يەنە ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى، شۇڭا تېزدىن قايتا سەپەرۋەر قىلىپ، قايتا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئويلاشتىم.

بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىغا بارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلارنىڭ ھەممىسى قاتناشتى، ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايوندىكى مەركەز بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالىغان 22 ئۆلكىدە بۇ يىغىن ناھىيە دەرىجىلىككىچە ئېچىلدى. بۇ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەھەتتىكى ئەڭ چوڭ كۆلەملىك يىغىن بولۇپ، بۇنىڭدىكى مەقسەت پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، تېخىمۇ زور ئىرادە، تېخىمۇ كۈچلۈك سالماق بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت.

تۆۋەندە، مەن بىرقانچە پىكرىمنى ئوتتۇرىغا قويىمەن.

1. دۆلىتىمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، 2020 - يىلىغا بارغاندا دۆلىتىمىزدە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم ئاساسىدا يېزىلاردىكى نامرات نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، نامرات ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى تاشلاش، رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىقنى ھەل قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئايدىڭلاشتۇردۇق. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈرئىتى كۆزلىمىگە ئۇيغۇن بولۇپ، مۇۋەپپەقىيەتلەر دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

بىرىنچى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى نىشان - ۋەزىپىلەر تاماملىنىشقا ئاز قالدى. دۆلىتىمىز 20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدىن باشلاپ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى باشلىغان بولۇپ، بۇنىڭدا ئىككى ئاساسىي ئەھۋال بار. بىرى، ئەينى چاغدىكى نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمى بويىچە، نامرات نوپۇسنى 30 مىليون ئەتراپىدا ئازايتقاندىن كېيىن، ئازايتقىلى بولمىدى، يەنە بىرى، نامرات ناھىيە قالپىقىنى كىيىۋالغانلار يۆلىگەنسېرى كۆپەيدى. بۇ قېتىمقى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا بۇ خىل يۈزلىنىش ئۆزگەرتىلدى. نامرات نوپۇس 2012 - يىلىنىڭ يىل ئاخىرىدىكى 98 مىليون 990 مىڭ كىشىدىن 2019 - يىلىنىڭ يىل ئاخىرىدىكى 5 مىليون 510 مىڭ كىشىگە ئازايدى، نامراتلىقنىڭ يۈزبېرىش نىسبىتى %10.2تىن %0.6كە چۈشتى، ئۇدا يەتتە يىل ھەر يىلى 10 مىليوندىن كۆپرەك كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. بۇ يىل 2 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 832 نامرات ناھىيە ئىچىدە 601ى نامراتلىق قالپىقىنى تاشلىغانلىقىنى جاكارلىدى، 179ى تەكشۈرۈلۈپ چېكىندۈرۈلمەكتە، نامراتلىق قالپىقىنى تاشلىمىغان ناھىيەدىن يەنە 52سى بار بولۇپ، رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىق ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىندى.

ئىككىنچى، نامرات ئاممىنىڭ كىرىم سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستى. بىز روناق تاپقۇزۇش شەكلىدىكى نامراتلارنى يۆلەش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، بارلىق ئەمگەك ئىقتىدارى بولغان نامرات نوپۇسنى ئۆزىنىڭ ئىككى قولىغا تايىنىپ گۈزەل ئەتىنى يارىتىشقا يېتەكلىدۇق ۋە قوللىدۇق. ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات نوپۇس ئىچىدە، %90تىن ئارتۇقى كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش جەھەتتىن قوللاشقا ئېرىشتى، ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكى ئاساسلىقى سىرتقا چىقىپ ئىشلەش ۋە كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا تايىنىپ، مائاش خاراكتېرلىك كىرىمى ۋە ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت خاراكتېرلىك كىرىمىنىڭ ئىگىلەش نىسبىتىنى ئاشۇردى، يۆتكىلىشچان كىرىمىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى يىلدىن - يىلغا تۆۋەنلەپ، ئۆز ئالدىغا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىقتىدارى پۇختا قەدەمدە ئاشتى. 2013 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە، 832 نامرات ناھىيەدىكى دېھقانلارنىڭ ئىلكىدىكى چىقىم قىلىشقا بولىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىم 6079 يۈەندىن 11 مىڭ 567 يۈەنگە كۆپىيىپ، يىلىغا ئوتتۇرىچە %9.7 ئۆسۈپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى پۈتۈن مەملىكەتتىكى دېھقانلارنىڭ ئىلكىدىكى چىقىم قىلىشقا بولىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمنىڭ ئېشىش نىسبىتىدىن 2.2 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى. پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 2015 - يىلىدىكى 3416 يۈەندىن 2019 - يىلىدىكى 9808 يۈەنگە كۆپىيىپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %30.2 بولدى. نامرات ئاممىنى «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق»نىڭ سۈپىتى، سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، «ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەر ئومۇمىي جەھەتتىن ھەل قىلىندى.

ئۈچىنچى، نامرات رايونلارنىڭ ئاساسىي ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. شارائىتى ھازىرلانغان ئىشتاتلىق كەنتلەرنىڭ ھەممىسىگە قاتتىقلاشتۇرۇلغان يول تۇتاشتۇرۇلۇپ، ھەممە كەنتتە داۋالاش ئۆيى ۋە كەنت دوختۇرى بار بولدى، مەجبۇرىيەت مائارىپى ئاجىز 108 مىڭ مەكتەپنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى ياخشىلاندى، يېزا ئېلېكتىر تورىنى توك بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئىشەنچلىك بولۇش نىسبىتى %99كە يەتتى، ئېغىر نامرات رايونلاردىكى نامرات كەنتلەرگە كەڭ بەلباغلىق تور تۇتاشتۇرۇش نىسبىتى %98كە يەتتى، 9 مىليون 600 مىڭدىن ئارتۇق نامرات نوپۇس باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش ئارقىلىق «شۇ يەرنىڭ سۈيى، تۇپرىقى شۇ يەردىكىلەرنى باقالمايدىغان» قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلدى. نامرات رايونلاردىكى ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشى قىيىن بولۇش، توك ئىشلىتىشى قىيىن بولۇش، مەكتەپتە ئوقۇشى قىيىن بولۇش، كېسەل كۆرسىتىشى قىيىن بولۇش، ئالاقىلىشىشى قىيىن بولۇش قاتارلىق ئۇزاق مەزگىل ھەل قىلىنمىغان كونا، چوڭ، قىيىن مەسىلىلىرى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىنىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئاساسىي داۋالىنىش، ئولتۇراق ئۆي بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەن ھەر يىلى نامرات رايونلارغا بېرىپ تەكشۈردۈم، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدىم، ئالدىنقى نەچچە يىلدا بارسام، تاغ يوللىرىدا يول بويى چايقىلىپ ماڭاتتۇق، كەنتكە كىرسەك يوللار ئوڭغۇل - دوڭغۇل ئىدى، ھاۋا ئوچۇق كۈنلەردە ئايىغىمىز توپا بولۇپ كېتەتتى، يامغۇرلۇق كۈنلەردە يول پاتقاق بولۇپ كېتەتتى، نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن، بەزىلىرىنىڭ تۆت تېمىدىن باشقا ھېچنېمىسى يوق، بەزى نامرات ئامما يىل بويى تۈزۈك گۆشمۇ يېيەلمەيتتى، نۇرغۇن بالا مەكتەپتە ئوقۇمىغان ياكى ئارىلىقتا ئوقۇشتىن توختاپ قالغانىدى، نۇرغۇن كىشى ئاغرىپ قالسا ئاساسىي جەھەتتىن چىداپ ئۆتكۈزۈۋېتەتتى، بۇنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بەك غەش بولاتتى. بۇ بىرنەچچە يىلدا، مەن يەنە بەزى نامرات كەنتلەرگە بېرىپ، ھەقىقىي ئۆزگىرىشلەرنى كۆردۈم، يوللار تۈز، راۋان، يېڭى ئۆيلەر تۇتىشىپ كەتكەن، نامرات ئاممىنىڭ يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچىكىدە مەسىلە يوق ئىدى. ئاممىنىڭ چېھرىدە جىلۋىلەنگەن سەمىمىي، ساپ تەبەسسۇمنى كۆرۈپ، كۆڭلۈمدە ئىنتايىن خۇش بولدۇم.

تۆتىنچى، نامرات رايونلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى كۆرۈنەرلىك تېزلەشتى. بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق نامرات رايونلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش ئىگىلەشتە چىڭ تۇردۇق، نامرات رايونلاردا يېڭى تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى. خاس كەسىپلەر ئۈزلۈكسىز زورىيىپ، كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، فوتوۋولت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىقلار بىرقەدەر تېز تەرەققىي قىلدى، نامرات رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي ھاياتىي كۈچى ۋە تەرەققىيات زاپاس كۈچى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. ئېكولوگىيە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، باشقا جايغا كۆچۈرۈپ نامراتلارنى يۆلەش، تېرىلغۇ يەرنى ئورمانغا قايتۇرۇش، ئوتلاققا قايتۇرۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق، نامرات رايونلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرى كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتلەر كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى.

بەشىنچى، نامراتلىقنى تىزگىنلەش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. بىز پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىلگىرى سۈردۇق، نامرات رايونلاردىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى كۈچەيدى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ نامراتلىقنى پەرقلەندۈرۈش، دەل جايىدا ياردەم بېرىش - يۆلەشنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق قابىلىيىتى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، پارتىيەنىڭ يېزىلاردىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى پۇختىلاندى. پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 255 مىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەۋەتىلىپ، جەمئىي 2 مىليون 900 مىڭدىن ئارتۇق ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە دۆلەت كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلاردىكى كادىرلار نامرات كەنت ۋە ئاجىز، چېچىلاڭغۇ كەنتلەرگە بېرىپ 1 - شۇجى ياكى كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىر بولۇشقا تاللاپ ئەۋەتىلدى، نۆۋەتتە 918 مىڭى ئىش ئورنىدا ئىشلەۋاتىدۇ، بولۇپمۇ ياش كادىرلار ئاساسىي قاتلامنى چۈشىنىپ، ئاممىۋى خىزمەتنى ئىشلەشنى ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتتە چېنىقىش داۋامىدا تېز ئۆسۈپ يېتىلدى. بۇ قېتىمقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە، نامرات رايونلاردىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى بىرقەدەر كۈچلۈك جەڭگىۋارلىقىنى نامايان قىلىپ، نۇرغۇن كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى «يۇقۇم»نىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەترىتى، «يۇقۇم»غا قارشى جەڭ قىلىش ئەترىتىگە ئايلاندى، بۇنى ئۇلارنىڭ بۇ نەچچە يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى جەريانىدا تاۋلىنىشنى بېشىدىن كەچۈرگەنلىكىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

ئالتىنچى، جۇڭگونىڭ نامراتلارنى ئازايتىش لايىھەسى ۋە نامراتلارنى ئازايتىش مۇۋەپپەقىيەتلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى تاماملانغاندىن كېيىن، دۆلىتىمىزدە 100 مىليون ئەتراپىدىكى نامرات نوپۇس نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىدىكى نامراتلارنى ئازايتىش نىشانىنى ئون يىل بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرىدۇ، دۇنيادا ھېچقانداق بىر دۆلەت بۇنداق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇنداق كۆپ كىشىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرەلىگەن ئەمەس، بۇ، جۇڭگو ۋە دۇنياغا نىسبەتەن مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە. خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگونىڭ نامراتلارنى ئازايتىش لايىھەسىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش تەدبىرى نامرات نوپۇسقا ياردەم بېرىدىغان، 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىدا بېكىتىلگەن ئۇلۇغۋار نىشاننى ئىشقا ئاشۇرىدىغان بىردىنبىر يول، جۇڭگونىڭ تەجرىبىسى باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى پايدىلىق ئۆرنەك بىلەن تەمىنلەيدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقىدا، نۇرغۇن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر جۇڭگونىڭ نامراتلارنى ئازايتىش تەجرىبىسىدىن بەھرىلىنىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. مەن نۇرغۇن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ياكى خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇلار ھەممىسى جۇڭگونىڭ نامراتلارنى ئازايتىش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ساھەسىدە مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلدۇق. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە قان - تەرى مۇجەسسەملەنگەن، كەڭ كادىرلار، ئامما پۇختا ئىشلەپ ۋۇجۇدقا چىقارغان. بۇ يەردە، مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، كۆپچىلىككە ھەم سىلەر ئارقىلىق كەڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سېپىدىكى يولداشلارغا سەمىمىي سالام يوللايمەن!

2. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق، خىرىسلارغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك

مەن كۆپ قېتىم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ھەرگىزمۇ ئاسانلا، بىر ھۇجۇم بىلەنلا يەڭگىلى بولمايدۇ، ھەل قىلغۇچ مۇۋەپپەقىيەتتىن ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىشقىچە، دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلار يەنىلا مۈشكۈل، ھەرگىز بوشىشىپ كېتىشكە، بوشاڭلىق قىلىشقا بولمايدۇ، دېگەنىدىم.

− نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئېشىپ قالغان ۋەزىپىلىرى مۈشكۈل. مەملىكەت بويىچە يەنە 52 نامرات ناھىيە نامراتلىق قالپىقىنى تاشلىمىدى، 2707 نامرات كەنت نامراتلىق تىزىملىكىدىن چىقىرىلمىدى، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات نوپۇس تېخى تولۇق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بولالمىدى. گەرچە ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئومۇمىي مىقدارى كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن ھەممىسى نامراتنىڭ نامرىتى، قىيىننىڭ قىيىنى، مانا بۇ يېڭىش تەس بولغان قاتتىق قىيىنچىلىق. «ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» مەسىلىسى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىندى، لېكىن مۇقىملاشتۇرۇش، ياخشى مۇستەھكەملەش يەنىلا ئاسان ئىش ئەمەس، بەزى بالىلار قايتا - قايتا ئوقۇشتىن قالدى، ئوقۇشتىن چېكىندى، نۇرغۇن يېزا - كەنتنىڭ داۋالاش مۇلازىمەت سەۋىيەسى تۆۋەن، بەزى يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش سۈپىتى يۇقىرى ئەمەس، بەزى جايلاردا بىخەتەر سۇ ئىچىش مۇقىم ئەمەس، يەنە پەسىل خاراكتېرلىك سۇ قىسلىقى مەۋجۇت. قېپقالغان ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات نوپۇس ئىچىدە ياشانغانلار، كېسەل بولغانلار، مېيىپلەرنىڭ نىسبىتى %45.7كە يېتىدۇ.

− يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يېڭى خىرىس ئېلىپ كەلدى. يۇقۇمنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ئاساسلىقى مۇنداق بىرقانچە جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ. بىرىنچى، سىرتقا چىقىپ ئىشلەش توسالغۇغا ئۇچرىدى. گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2019 - يىلى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 27 مىليون 290 مىڭ ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئەمگەك كۈچى سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلغان، بۇ ئائىلىلەرنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسىم ئەتراپىدىكى كىرىمى سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشتىن كەلگەن بولۇپ، ئۈچتىن ئىككى قىسىم ئەتراپىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات نوپۇسقا چېتىشلىق. ھازىر، بەزى نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلىشى تەسىرگە ئۇچرىدى، ئەگەر تەدبىر قوللانمىساق، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كىرىم ئازىيىپ كېتىدۇ. ئىككىنچى، نامراتلارنى يۆلەش مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ۋە نامراتلارنى كەسىپ ئارقىلىق يۆلەش جەھەتتىكى قىيىنچىلىق. نامرات رايونلارنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى سېتىلمىدى، يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان ماددىي ئەشيالار كىرگۈزۈلمىدى، ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمال تۆۋەنلەپ، نامراتلارنى كەسىپ ئارقىلىق يۆلەش، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تەسىر يەتتى. ئۈچىنچى، نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرىدە ئىش توختىدى. نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش، كۆچۈرۈپ يۈرۈشلەشتۈرۈش، ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشى، يېزا يولى قاتارلىق تۈرلەردە ئىش باشلاش يېتەرلىك بولمىدى، پىلان بويىچە ئالغا سىلجىتىشقا بولمىدى. تۆتىنچى، ياردەم بېرىش - يۆلەش خىزمىتى تەسىرگە ئۇچرىدى. بەزى يۇقۇم ئېغىر رايونلاردا ۋەزىپە بىلەن چېنىقىدىغان كادىرلار ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى ۋاقتىنچە ئىش ئورنىغا بارالمىدى.

− نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشتە قىيىنچىلىق ناھايىتى زور. نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايون ۋە نوپۇس ئىچىدە، بەزى كەسىپلەرنىڭ ئاساسى بىرقەدەر ئاجىز، بەزى كەسىپلەردە تۈرلەرنىڭ ئوخشاش بولۇپ قېلىشى ئېغىر، بەزىلىرىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تازا مۇقىم ئەمەس، بەزىلىرىنىڭ سىياسەت خاراكتېرلىك كىرىمىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى يۇقىرى. ھەرقايسى جايلارنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە تېگى - تەكتىنى ئېنىقلىشىغا ئاساسلانغاندا، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نوپۇس ئىچىدە 2 مىليونغا يېقىن كىشىنىڭ قايتا نامراتلىشىپ كېتىش خەۋپى بار، چەت رايونلاردىكى نوپۇس ئىچىدە يەنە 3 مىليونغا يېقىن كىشىنىڭ نامراتلىشىپ كېتىش خەۋپى بار.

− نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. ھازىر، ئەڭ چوڭ مەسىلە بوشىشىپ كېتىش، بوشاڭلىق قىلىش، زېھنىنى باشقا ياققا بۇراشتىن ساقلىنىش، مەن بۇلتۇر چۇڭچىڭ سۆھبەت يىغىنىدا بۇ مەسىلىنى سۆزلىگەنىدىم. ئەمما تېخىمۇ كۆپ نامرات نوپۇسنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا، نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى تاشلىشىغا ئەگىشىپ، بەزى جايلاردا خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى يۆتكەش، سېلىنما سالمىقىنى تۆۋەنلىتىش، كادىرلارنىڭ زېھنى چېچىلىپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلدى. شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق چەكلىسىمۇ تۈگىمەيۋاتىدۇ. سان - سېپىردا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ساختا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يەنىلا يۈز بېرىۋاتىدۇ، ئايرىم رايونلاردا «بىر تارقىتىپلا بولدى قىلىش»، «بىر پاي چېكى بىلەنلا بولدى قىلىش»، «بىر پايدا بىلەنلا بولدى قىلىش» مەسىلىسى تېخى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنغىنى يوق، قىسمەن نامرات ئاممىنىڭ تەرەققىيات ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يېتەرلىك ئەمەس.

ئەمەلىيەتتىن قارىغاندا، يۇقۇم ياكى ئاپەت نامراتلارنى ئازايتىش مۇساپىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىز جەزمەن ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشىمىز كېرەك. ھازىر، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا سىياسەت كاپالىتى، مەبلەغ مەدىتى ۋە خىزمەت كۈچى يېتەرلىك، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارمۇ مول تەجرىبىلەرنى توپلىدى، كۆپچىلىك كىرىچنى چىڭىتىپ، غەيرەت قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرگەندىلا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى قەرەلىدە ئورۇنداشقا شارائىتىمىز بار، ئىقتىدارىمىز بار.

3. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ <يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار> ساھەسىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشنى ئۆز قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى پىكرى»دە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر يىللىق خىزمىتى توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك.

بىرىنچى، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ۋەزىپىنى تاماملاش كېرەك. داۋاملىق دىققەتنى «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست» قاتارلىق ئېغىر نامرات رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، گەۋدىلىك مەسىلە ۋە ئاجىز ھالقىلارنى نىشانلاپ، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇش كېرەك. قېپقالغان ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات نوپۇسنى ئۆز قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلىق قالپىقىنى تاشلىمىغان 52 نامرات ناھىيە ۋە 1113 نامرات كەنتكە قارىتا ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى يولغا قويۇپ، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىپ «ھەيدەكچىلىك قىلىش»ى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر قەلب، كۈچنى مۇجەسسەملەپ «جەڭ» قىلىپ، ئەڭ ئاخىرقى قاتتىق قىيىنچىلىقنى يېڭىشى كېرەك. «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئەمگەك ئىقتىدارى بولمىغان ئالاھىدە نامرات نوپۇسنى ئىجتىمائىي كاپالەتتىن تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ئىككىنچى، يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى تىرىشىپ يېڭىش كېرەك. رايونغا ئايرىپ، دەرىجىگە ئايرىپ دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تاكتىكىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يۇقۇم ئېغىر رايونلاردا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يۇقۇم بولمىغان ياكى يۇقۇم يېنىكرەك بولغان رايونلار زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تېز ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشلەمچىلىك قىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ئاۋۋال مەدەت بېرىپ، كارخانىلاردا ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مۇھىم، زور تۈرلەردە ئىش باشلاش، ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنى ئالدىن تەشكىللەپ ۋە ئىشلىتىپ، كارخانىلارنىڭ نامرات رايونلاردىن، بولۇپمۇ ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىدىكى كىشىلەرنى تېخىمۇ كۆپ قوبۇل قىلىپ ئىشلىتىشىگە ئىلھام بېرىپ، شەرقىي - غەربىي رايونلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەشتە ھەمكارلىشىپ «نۇقتىنى نۇقتىغا تۇتاشتۇرۇش» ئارقىلىق نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ تېزدىن، تەرتىپلىك ئىش ئورنىغا قايتىپ كېلىشىگە ياردەم بېرىش كېرەك. تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇم بولمىغان رايونلاردا ئىشلەمچىلەرنى ئاپىرىش - ئەكېلىش خىزمىتى سالمىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ كاساتلىشىش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ياخشى تەشكىللەپ، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، كۆپ خىل يول ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە مەدەت بېرىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، تېرىلغۇ تەييارلىقى خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش - يۆلەش مەبلىغى ۋە نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق قەرز پۇل سىياسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلىرىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرىدە ئىش باشلاش، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تېزلىتىپ، باشقا جايغا كۆچۈرۈش يانداش ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، تۇرالغۇ ئۆي ۋە ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىدىكى قېپقالغان قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى ئالدىنقى يېرىم يىلدا ھەممىسىنى تاماملاپ بولۇش كېرەك. يۇقۇم سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەن، قايتا نامراتلىشىپ كەتكەن نوپۇسلارغا ياردەم بېرىش - يۆلەشنى ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇم تەسىرىگە ئۇچرىغان نامرات نوپۇسلارنىڭ ئەھۋالىنى يېقىندىن ئىز قوغلاپ، تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق ياردەم بېرىش - يۆلەش تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئۈچىنچى، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەش كېرەك. گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ھەرقايسى جايلارنى تەشكىللەپ نامراتلىقتىن قۇتۇلغان 93 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، چۈشۈپ قالغان، كەم قالغان تۈرلەرنى تېپىپ چىقتى، بۇلارنى تۈرمۇتۈر دەل جايىدا تۈزەش كېرەك. قايتا نامراتلىشىپ كېتىش خەۋپى بار 2 مىليونغا يېقىن ۋە نامراتلىشىپ كېتىش خەۋپى بار 3 مىليونغا يېقىن كىشىلەر توپىغا قاراتمىلىقى بار ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللىنىپ، قايتا نامراتلىشىپ كەتكەن ۋە نامراتلىشىپ كەتكەنلەرنى ياردەم بېرىش - يۆلەشكە ۋاقتىدا كىرگۈزۈش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئەمگەك كۈچى چىقىرىدىغان جاي بىلەن قوبۇل قىلىدىغان جاينى دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىش ئورنىنى كېڭەيتىپ، نامراتلارنى يۆلەشتىكى باشلامچى كارخانىلار، نامراتلارنى يۆلەش سېخلىرىنىڭ تېزدىن ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى قوللاپ، نامراتلارنى يېتەكلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىۋى مەنپەئەت ئىش ئورنىدىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ كۆپ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق تەرەققىياتىنىڭ ئۆزىنىڭ قانۇنىيىتى بار، دەۋرىيلىكى بىرقەدەر ئۇزاق، ئۇزاق مۇددەت يېتىلدۈرۈش ۋە قوللاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بۇ بىرنەچچە يىلدا، نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق قەرز پۇلى نامرات ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇشىغا مەدەت بېرىشتە مۇھىم رول ئوينىدى، بۇنىڭدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇش كېرەك. نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشتىكى داۋاملاشما يۆلەش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. مەملىكەت بويىچە 9 مىليون 600 مىڭدىن ئارتۇق نامرات نوپۇس باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەندى، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلاردا 5 مىليون نامرات ئەمەس نوپۇس يەنە ماس قەدەمدە كۆچۈرۈلدى، بۇ، بىر ئوتتۇرا دەرىجىلىك دۆلەتنىڭ نوپۇس كۆلىمىگە باراۋەر كېلىدۇ. ھازىر كۆچۈش داۋامىدىكى مەسىلىلەر ئاساسىي جەھەتتىن ھەل بولدى، كېيىنكى قەدەمدىكى مۇھىم نۇقتا مۇقىم تۇرىدىغان بولۇش، ئىشقا ئورۇنلاشقان بولۇش، تەدرىجىي بېيىيالايدىغان بولۇشتۇر.

تۆتىنچى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سىياسىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك. نامراتلىقتىن چېكىنگەن ناھىيە، نامراتلىقتىن چېكىنگەن كەنت، نامراتلىقتىن چېكىنگەن نوپۇسلارغا قارىتا، ھازىر بار بولغان ياردەم بېرىش - يۆلەش سىياسىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، ئاتقا يۆلەپ چىقىرىپ، بىر بۆلەك يەرگىچە ئاپىرىپ قويۇش كېرەك. ئۆتكۈنچى مەزگىل تەسىس قىلىشنى ئويلىشىپ بېقىش، ئۆتكۈنچى مەزگىل ئىچىدە، قالپاقنى تاشلىسىمۇ مەسئۇلىيەتنى تاشلىماسلىق، قالپاقنى تاشلىسىمۇ سىياسەتنى تاشلىماسلىق، قالپاقنى تاشلىسىمۇ ياردەم بېرىش - يۆلەشنى تاشلىماسلىق، قالپاقنى تاشلىسىمۇ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى تاشلىماسلىق تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسلىق سىياسەت - تەدبىرلەرنى جىددىي تورمۇزلاشقا ئالدىرىماسلىق، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنى چېكىندۈرمەسلىك كېرەك. قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش - ئۆلچەش ۋە ياردەم بېرىش - يۆلەش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى مۇقىم بولمىغان ئائىلىلەر، چەت - ياقا سەۋەبىدىن ئاسان نامراتلىشىپ كېتىدىغان ئائىلىلەر ھەمدە يۇقۇم ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كىرىمى تېز ئازىيىپ كەتكەن ياكى چىقىمى تېز ئېشىپ كەتكەن ئائىلىلەرنى كۆزىتىپ ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، قاراتمىلىقى بولغان ياردەم بېرىش - يۆلەش تەدبىرلىرىنى مۇددەتتىن بۇرۇن قوللىنىش كېرەك، ئۇلار قايتا نامراتلىشىپ كەتكەندىن كېيىن ئاندىن ئورنىنى تولدۇرۇشنى كۈتۈپ تۇرۇشقا بولمايدۇ.

بەشىنچى، قاتتىق باھالاپ ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. چېكىنىپ چىقىش ئۆتكىلىنى چىڭ ئىگىلەپ، سان - سېپىردا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ساختا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى قەتئىي توسۇش كېرەك. گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، دائىملىق ھەيدەكچىلىك قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك، بۇ يىل مەركەز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈنۈمىنى باھالاشنى داۋاملىق قانات يايدۇرىدۇ. كېيىنكى يېرىم يىلدىن باشلاپ، دۆلەت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشنى تەشكىللەپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرىدۇ. بۇ بىر چوڭ ئىش. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى دەل ۋاقتىدا جاكارلىشىنى سانلىق مەلۇمات تىرىكى بىلەن تەمىنلەپ، تارىخ ۋە خەلقنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئالتىنچى، ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش كېرەك. نامراتلىق قالپىقىنى تاشلاش ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، بەلكى يېڭى تۇرمۇش، يېڭى كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. ئاساسىي زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە قارىتا، خىزمەت تەپەككۇرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نامراتلارنى ئازايتىش ئىستراتېگىيەسى ۋە خىزمەت سىستېمىسىنىڭ مۇقىم تىپىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە بىرتۇتاش پىلانلاپ كىرگۈزۈپ، ئۇزۇن - قىسقىنى بىرلەشتۈرۈش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى ئورنىتىش كېرەك. بۇ خىزمەتنى مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار تەتقىق قىلىۋاتىدۇ. ئومۇمەن، ئانچە تەرەققىي قىلمىغان رايونلار ۋە يېزىلاردىكى تۆۋەن كىرىملىك نوپۇسلار تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىشقا پايدىلىق بولۇشى، نامراتلارغا دەل جايىدا ياردەم بېرىش - يۆلەشنى يولغا قويۇشقا پايدىلىق بولۇشى، ئورتاق بېيىشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. شارائىتى بار جايلار ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئالدىن ئىشلەپ، دائىرىلىك تەجرىبە توپلىسىمۇ بولىدۇ.

4. پارتىيەنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك

«ئىشنىڭ باشلىنىشى ئاددىي ۋە ئاسان بولسىمۇ، راۋاجلانغانسېرى مۇرەككەپلىشىدۇ ۋە قىيىنلىشىدۇ.» نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا قانچە كەينىگە بارغانسېرى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى شۇنچە كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومېتىت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى چوقۇم ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى، بۇرچىغا يۈزكېلەلەيدىغان بولۇشى كېرەك.

2020 - يىلىغا بارغاندا، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامرات نوپۇسلارنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى بولۇپ، چوقۇم قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، ھېچقانداق چېكىنىش يولى ۋە ئېلاستىكلىق يوق. بۇ بىر مەيدان قاتتىق جەڭ، قانچە كەينىگە بارغانسېرى بۇ كىرىچنى شۇنچە چىڭىتىش كېرەك، توختاپ قېلىشقا، سەل چاغلاشقا، بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى قاتلاممۇقاتلام بۇيرۇقنامىگە ئىمزا قويدى، ۋەدىنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. ۋاقىت ھەش - پەش دېگۈچە ئۆتۈپ كېتىدۇ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە خىزمەتنى چوقۇم ئىنتايىن چىڭ تۇتۇش كېرەك.

مەركەز مالىيەسى نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس مەبلىغىنىڭ كۆلىمىنى داۋاملىق كۆپەيتىشى، ھەر دەرىجىلىك مالىيەلەرمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەبلەغ ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. مالىيەدىكى يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان مەبلەغنى بىرىكتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمى ۋە پايدىسىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەيدىغان يەر ۋە پۇل مۇئامىلە سىياسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان جايلارغا قارىتا، ھەرقايسى جايلار نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس مەبلىغىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، نامرات ئەمەس ناھىيە، نامرات ئەمەس كەنتلەردىكى نامرات نوپۇسلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى قوللىسا بولىدۇ.

شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىملارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىقى ۋە مەركەز ئورۇنلىرىنىڭ نامراتلارنى نۇقتىلىق يۆلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ھازىر، ئەڭ گەۋدىلىك ۋەزىپە ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى رايونلارنىڭ يۇقۇمنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىغا بولغان تەسىرىنى تۆۋەنلىتىپ، ئەمگەك مۇلازىمىتى جەھەتتە ھەمكارلىشىپ ياردەم بېرىش، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش جەھەتتە ياردەم بېرىشتۇر. يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا، شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىمنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىقىدا مەۋقەنى دۆلەتنىڭ رايونلار تەرەققىياتى ئومۇمىي ئىستراتېگىيەسىگە قويۇپ، رايون ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شەرقىي قىسىمدىكى كەسىپلەرنىڭ غەربىي قىسىمغا پەلەمپەيسىمان يۆتكىلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش، خادىملار ئۆزئارا تۈرتكە بولۇش، تېخنىكىنى ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش، ئىستىلدا ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئورۇنداش - ئورۇندىيالماسلىقتا ئاچقۇچ ئادەمدە، ئاچقۇچ كادىرلار قوشۇنى ئىستىلىدا. نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، خىزمەت، تۇرمۇش، بىخەتەرلىك قاتارلىق جەھەتلەردىكى كاپالەتنى ياخشى ئىشلەپ، ئاساسىي قاتلامدىكى نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرىنى دىققىتىنى يىغىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە ئاتلاندۇرۇش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كادىرلىرىنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، يېڭىدىن تاللاپ ئەۋەتىلگەن كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار ۋە يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان يېزا - كەنت كادىرلىرىنىڭ ھەممىسىنى نۆۋەت بىلەن تەربىيەلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ياخشى ئىشلەپلا قالماي، يەنە ياخشى سۆزلەش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى نۇقتىلىق تەشۋىق قىلىش، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتىكى يېڭى تەدبىر، ياخشى چارىلىرىنى تەشۋىق قىلىش، ئاساسىي قاتلامدىكى نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرىنىڭ تىپىك ئىش ئىزلىرى ۋە نامرات رايونلاردىكى خەلق ئاممىسىنىڭ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشتىكى تەسىرلىك ھېكايىلىرىنى تەشۋىق قىلىش كېرەك. ياخشى نىيەتتىكى تەنقىد، پىكىر، تەكلىپلەرنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، خىزمەتلەرنى ۋاقتىدا ياخشىلاپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك. يامان نىيەتتە ھۇجۇم قىلىپ، ئايرىم مەسىلىلەرنى كۆپتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى چوڭ ۋەزىيىتىگە تەسىر يەتكۈزگەنلەرنى قانۇن بويىچە قەتئىي توسۇش كېرەك.

يولداشلار! نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى ئىنتايىن جاپالىق، تاماملىنىدىغان يىلى يەنە يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرى تېخىمۇ ئېغىرلىدى، تەلەپ تېخىمۇ يۇقىرىلىدى. بىز ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئۈچۈن، ئىنسانىيەت ئۈچۈن مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بۇ ئۇلۇغ ئىشنى قەتئىي تاماملىشىمىز كېرەك!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.