شىنجاڭ پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسى ئىشلەپچىقارغان يىيىشلىك جىگدە نېنى.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: نان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى ياخشى كۆرىدىغان ئاساسلىق ئۇن تائاملىرىنىڭ بىرى. خېمىرنى يۇغۇرۇپ ئېچىپ، ئۈستىگە نەقىش چېكىپ، تەييارلانغان ماتېرىيالغا تەكگۈزۈپ، تونۇرغا يېقىپ پىشۇرىلىدۇ، شىنجاڭ نېنى تونۇردىن چىققاندا خۇش پۇراق دىماغقا ئۇرۇلۇپ، كىشىنىڭ نەپسىنى تاقىلدىتىدۇ. ناننى ئۇزۇن ۋاقىت قويغاندا گەرچە قېتىپ قالسىمۇ، ئەمما قىزىق شورپا، قېنىق چايغا بىر دەملا چىلىغاندا يۇمشاپ ئېغىزغا تېتىيدۇ. بازاردا كۆپ ئۇچرايدىغان نانلاردىن گىردە، جىگدە نان، مېغىزلىق نان، لاپىزى نان، چۈرۈك نان قاتارلىقلار بار، بۇنىڭ ئىچىدە مېغىزلىق ناننى كىچىك دوستلار ئەڭ ياخشى كۆرىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ پەيزاۋات ناھىيەسى بۇ خىل «كىچىك نان»نى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشىدىغان نانچىلىق كەسپىگە ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇندى. شىنجاڭ پەيزاۋات ناھىيەسىدە 100دىن ئارتۇق نان پىشۇرۇش ماشىنىسى بىرلا ۋاقىتتا ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، 1200دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. گىردە، قوناق نان يېقىش ھۈنىرى بۇ يەردە ۋارىسلىق قىلىندى، پۇرچاق نان، ئاققوناق نان، شاكىلات نان قاتارلىق يېڭى سورتلار ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، كونا تەم، يېڭى سورتلار ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق ھەممە يەرلەرگە سېتىلدى، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر شىنجاڭدىن كەلگەن ئېسىل يېمەكلىكلەرنى تېتىدى.
پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ يۈز نەچچە نان پىشۇرۇش ماشىنىسى بىرلا ۋاقىتتا گىردە پىشۇرماقتا.
يېقىلىپ بولغان گىردە.
بۇ ئېچىپ تەييارلانغان گىردە، نانغا سۇ سېپىشتىكى مەقسەت كۈنجۈتنى يېپىشتۇرۇش ئۈچۈندۇر.
ناۋاي ئېچىپ تەييارلىغان ناننى تونۇرغا ياقماقتا.
پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىدا نامايەن قىلىنغان نان مۇنارى.
پەيزاۋات ناھىيەسى نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق مېغىزلىق نان، لاپىزا نان، چۈرۈك نان قاتارلىق نان مەھسۇلاتلىرىنى ساتماقتا.
پەيزاۋات ناھىيەسى نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى تور دۇكىنىنى يېڭىلىماقتا.
(شىنخۇا تورى مۇخبىرى جياۋ پېڭ فوتوسى)