تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، بۇرچنى ئادا قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبە قىلىش كېرەك

چېن چۈەنگو خوتەن ۋىلايىتىدە نامراتلىق قالپىقى ئېلىپ تاشلىنىدىغان نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى بويىچە مەخسۇس تېمىدا جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلغان، نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، بۇرچنى ئادا قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبە قىلىش كېرەك

3 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن 14 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو چىرا، قاراقاش، گۇما، لوپ قاتارلىق بۇ يىل قالپىقى ئېلىپ تاشلىنىدىغان ئېغىر نامرات ناھىيەلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى بويىچە مەخسۇس تېمىدا جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلدى، نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك قىلدى. سۈرەتتە: 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، چېن چۈەنگو گۇما ناھىيەسىنىڭ مۇجى بازىرى سايباغ كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە گۈلنىساخان ئايۇپنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، تۇرالغۇ، سۇ بىلەن تەمىنلەش ئەھۋالىنى ئەستايىدىل كۆردى، كىرىم مەنبەسى، پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇش، داۋالىنىش كاپالىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن 14 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو چىرا، قاراقاش، گۇما، لوپ قاتارلىق بۇ يىل نامراتلىق قالپىقى ئېلىپ تاشلىنىدىغان ئېغىر نامرات ناھىيەلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى بويىچە مەخسۇس تېمىدا جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلدى، نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇم پەيدا قىلغان زىياننى قەتئىي تولۇقلاپ، يۇقۇم دەخلى يەتكۈزگەن ۋاقىتنى قايتۇرۇۋېلىپ، نىشان - ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى ئېغىر نامراتلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرلا غەيرەتكە كېلىپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىلگىرىلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، چېن چۈەنگو كەنتلەرگە بېرىپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ، كەسىپلەرنى كۆرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالىنى سوراپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش توغرىسىدا پاراڭلىشىپ، نامرات ئامما بىلەن يۈزتۇرا پاراڭلىشىپ، نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرى بىلەن پىكىر يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كارخانا مەسئۇللىرى بىلەن تەرەققىيات توغرىسىدا پاراڭلاشتى.

كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇشتىكى تۈپ تەدبىر، چېن چۈەنگو بۇنىڭغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، چېن چۈەنگو كوئېنلۇن لۈيۈەن گۇرۇھى، چىرا ناھىيەسىدىكى باڭباڭتۇ دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق گۇرۇھى باقمىچىلىق بازىسى، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ كەسىپلەر بىلەن شەھەر يۇغۇرۇلغان يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، گۇما ناھىيەسىنىڭ سانائەت باغچە رايونى، لوپ ناھىيەسىنىڭ چاچ بۇيۇملىرى كەسىپلەر باغچە رايونى قاتارلىق نامراتلارنى يۆلەشتىكى باشلامچى كارخانىلار ۋە كەسىپلەر باغچە رايونلىرىغا بېرىپ، ئىشلەپچىقىرىش سېخى، باقمىچىلىق بازىلىرىغا كىرىپ، كارخانا مەسئۇللىرى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشقان نامرات ئامما بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش نامرات رايونلارنىڭ قان ئىشلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، نامرات ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىشتىكى ئۇزاق مۇددەتلىك پىلان. يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، كارخانىلارنىڭ نامرات رايونلارغا مەبلەغ سېلىش ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، نامراتلارنى يۆلەش كارخانىلىرى، نامراتلارنى يۆلەش سېخلىرىنىڭ ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇشى، ئىش ئورنىنى كېڭەيتىشى، نامراتلارنى يېتەكلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە مەدەت بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە كىرىمىنى سىجىل مۇقىم ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو مەتتۇردى مەتسايىم، مەمەت مەتتوختى، گۈلنىساخان ئايۇپ، نىساخان سىدىق قاتارلىق ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، تۇرالغۇ، سۇ بىلەن تەمىنلەش ئەھۋالىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ، كىرىم مەنبەسى، پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشى، داۋالىنىش كاپالىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سوراپ، كۆپچىلىكنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىشەنچىسىنى چىڭىتىپ، ئۆزىنىڭ ئەمگەكچان بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى.

چېن چۈەنگو مەخسۇس تېمىدا جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلغان، نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا قەدەم قويدى، قانچە ھالقىلىق پەيتكە كەلگەنسېرى قىيىنچىلىق ۋە خىرىسنى شۇنچە ئېنىق تونۇش كېرەك، بوشىشىپ كېتىشكە، بوشاڭلىق قىلىشقا، زېھنىنى باشقا ياققا بۇراشقا ھەرگىز بولمايدۇ. «تۆت ئاڭ»نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنداشتا چىڭ تۇرۇشتا تەۋرەنمەي، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتا تەۋرەنمەي، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاشتا تەۋرەنمەي، كىرىچنى چىڭىتىپ، غەيرەت قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. نىشان، ئۆلچەمنى چىڭ كۆزلەپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلار ۋە ئالاھىدە نامرات كىشىلەر توپىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەم ئالدىراقسانلىق، قاراملىق قىلماي، ھەم پاسسىپلىق، سۆرەلمىلىك قىلماي، ھەم ئۆلچەمنى تۆۋەنلىتىۋەتمەي، ھەم كۆزلىمىنى ئاشۇرۇۋەتمەي، دىققەت نۇقتىسىنى چېچىۋەتمەسلىك، نىشان مەركىزىنى ئۆزگەرتىۋەتمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، بىر كەنتنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماسلىق، بىر ئادەمنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماسلىق كېرەك. بىرىنچى سەپكە بېرىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ناھىيەلەرگىچە جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشى، ۋىلايەت، ناھىيەلەرنىڭ كەنتلەرگىچە جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشى، كادىرلارنىڭ ئائىلىلەرگىچە ھۆددىگە ئېلىشىدا چىڭ تۇرۇپ، كەنتلەرگە بېرىپ ئائىلىلەرگە كىرىپ، نامراتلارنى زىيارەت قىلىپ، قىيىنچىلىقىنى سوراپ، ئەھۋالنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تېپىپ چىقىپ، مەسىلىلەرنى تۈزىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئەڭ ئاخىرقى قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى قەتئىي يېڭىش كېرەك. دەل جايىدا بولۇش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى زورايتىش»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ياردەم بېرىش - يۆلەش بايلىقىنىڭ نامرات كەنت ۋە نامرات ئائىلىلەرگە يەنىمۇ يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك سىياسەت - تەدبىرلەرنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئوبيېكتلىرىغىچە ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئالدىن سىگنال بېرىش، كۆزىتىشنى كۈچەيتىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، بىر قولدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى تۇتۇپ، بىر قولدا قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە ھەرىكەت ھالىتىدە ياردەم بېرىش - يۆلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش فوندىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش ۋە يېڭىدىن نامرات نوپۇس كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سۈرئىتى ۋە سۈپىتىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سىياسەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، نامراتلىقتىن چېكىنگەن نامرات ناھىيە، نامرات كەنت، نامرات نوپۇسلارغا قارىتا قالپاقنى تاشلىسىمۇ مەسئۇلىيەتنى تاشلىماسلىق، قالپاقنى تاشلىسىمۇ سىياسەتنى تاشلىماسلىق، قالپاقنى تاشلىسىمۇ ياردەم بېرىش - يۆلەشنى تاشلىماسلىق، قالپاقنى تاشلىسىمۇ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى تاشلىماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئاپتونوم رايون ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، شەھەر، ناھىيەلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، بەش دەرىجىلىك شۇجىلار تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى قول رەھبەرلىرى ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، سان - سېپىردا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ساختا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى قەتئىي توسۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.