تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، قىيىن ئۆتكەلنىڭ قىيىنىغا ھۇجۇم قىلىش

− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئون نامرات ناھىيەنىڭ قالپىقى ئېلىۋېتىلگەن پەيتتە

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاڭ جىلى، ليۇ يى

9-ئاينىڭ 20-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار چىرا ناھىيەسىدىكى شىنجاڭ ئوۋجىنيا توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ سېخىدا ئىشلىمەكتە. بۇ شىركەت شۇ جايدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات كەنت ئاھالىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا پائال قوبۇل قىلدى، 193 نامرات كەنت ئاھالىسى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتى ۋە كىرىمىنى ئاشۇردى. (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى)

جەڭ دۇمبىقى ساداسى ئىچىدە خۇش خەۋەر تارقالدى، ئاخىرقى پەللىنى بۆسۈپ ئۆتىدىغان پەيتتە نەتىجىلەر مول بولدى. 11-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى «يەكەن قاتارلىق ئون نامرات ناھىيەنى نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى، بۇ، ۋەتىنىمىز دۆلەت زېمىنىنىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغان شىنجاڭدا مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىنغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا، ئەڭ ئاخىرقى پەيتكە كەلگەنسېرى شۇنچە مۈشكۈل بولىدۇ. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تاماملىنىدىغان يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىز يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز تەسىرگە تاقابىل تۇرۇش، «نامراتنىڭ نامرىتى، مۈشكۈلنىڭ مۈشكۈلى، قىيىننىڭ قىيىنى، قىيىن ئۆتكەلنىڭ قىيىنى»غا تەۋە بولغان ئون نامرات ناھىيەدىكى 165 مىڭ 800 نامرات نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، يەنە قالپىقى ئېلىۋېتىلگەن 25 نامرات ناھىيە، نامراتلارنى يۆلەش ۋەزىپىسى بار 44 نامرات ئەمەس ناھىيەنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشتە ۋاقىت قىس، ۋەزىپە ئېغىر، تەلەپ قاتتىق، ئۆلچەم يۇقىرى دېيىشكە بولىدۇ.

جاپا تارتماي مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولمايدۇ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ شەخسىيەتسىز ياردىمىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى-كادىرلار نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، بىرلا غەيرەتكە كېلىپ، پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەسئۇلىيىتىنى پۇختىلاپ، دەل جايىدا بولۇش تەدبىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەڭ ئاخىرقى «قاتتىق قىيىنچىلىق»نى پۈتۈن كۈچ بىلەن يېڭىپ، چوڭ جەڭ، چوڭ سىناقتا لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇردى.

خەلق تۇرمۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش

نامراتلارنى يۆلەش ئۇلۇغۋار پىلانى خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەتۈر ساناققا كىرگەن پەيتتە، ئاپتونوم رايونىمىز دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلار ۋە ئالاھىدە نامرات كىشىلەر توپىغا تېخىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، دىققەتنى «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» نىشان ئۆلچىمىگە مەركەزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تۈردە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلدى.

«بۇ يىل 6-ئايدا، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ شەھەر-يېزا ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك سۇ يەتكۈزۈلدى، ھەممە ئائىلە بىخەتەر سۇ ئىچەلەيدىغان بولدۇق...» 10-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن كېيىن، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ جامباز يېزىسى يىپەكچى كەنتىدىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى تۇرسۇن قادىر مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ بىرنەچچە يىلدا، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئاممىنىڭ ھال-ئەھۋالىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، نۇرغۇن خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۈنلىرى بارغانسېرى ياخشىلاندى.

پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدا، ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ ھەممىسى تەل بولۇپ، ھەممىلا يەر دەۋر پۇرىقىغا تولدى. كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاھالىلەر ئولتۇراق مۇھىتنىڭ ياخشىلىقىنى، بەھرىمەن بولغان سىياسەتنىڭ كۆپلۈكىنى، ئىشلەمچىلىك قىلىپ تېز پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى، بەخت كۆرسەتكۈچىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ماختىدى.

يېمەك-ئىچمەكتىن غەم قىلماسلىق، كىيىم-كېچەكتىن غەم قىلماسلىق، مەجبۇرىيەت مائارىپى كاپالىتى بولۇش، ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتى بولۇش، تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى كاپالىتى بولۇش − نامرات نوپۇسلارنىڭ «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»ىنى مۇقىم ئىشقا ئاشۇرۇش مۇتلەق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ بەلگىسى بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ سۈپىتىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ ياردەم بېرىشى-يۆلىشى ۋە ھەرقايسى تەرەپ كۈچلىرىنىڭ قوللىشىدا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئون ئېغىر نامرات ناھىيە قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پۇقرالارنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇردى، ئۇلارغا خەلق تۇرمۇشىدىكى ھەربىر ئەمەلىي ئىشنى ھېس قىلدۇردى، سەزدۈردى.

چىرا ناھىيەسىنىڭ تەبىئىي مۇھىتى ناچار بولۇپ، بوستانلىق كۆلىمى ئاران %2.9نى ئىگىلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قاتناش بەك قولايسىز. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چىرا ناھىيەسى داۋالاش، مائارىپ، تۇرالغۇ، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى قاتارلىق جەھەتلەردىن چىقىش قىلىپ، قاپلاش دائىرىسى تېخىمۇ كەڭ، شەكلى تېخىمۇ جانلىق، ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقى كۈچلۈك، ھازىرقى باسقۇچتىكى يېزىلارنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش يولىدا خەلق تۇرمۇشىنىڭ «كاپالەت تورى»نى پۇختا توقۇدى.

44 ياشلىق مەتتۇرسۇن مەتتوختى چىرا ناھىيەسى چىرا بازىرى كۆكمەت كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى. بۇ يىل ئۇ قاتناش ھادىسىسى سەۋەبىدىن پۇتى سۇنۇپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى، ئۈچ قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىنغاندىن كېيىنلا پۇتى ساقلاپ قېلىندى. ئەمدىلا نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە بولۇش سۈپىتى بىلەن، «ئالدى بىلەن داۋالىنىش، ئاندىن ھەق تۆلەش» ۋە «بىر كۆزنەكتە راسچوت قىلىش» سىياسىتى بويىچە، ئۇ داۋالىنىش ھەققىنى تۆلىمەي تۇرسىمۇ بولىدۇ، پەقەت دوختۇرخانىدىن چىققاندا ئاتچوت قىلىنغاندىن كېيىنكى شەخس ئۆزى تۆلەيدىغان قىسمىنى تۆلىسىلا بولىدۇ. ناھىيەنىڭ چوڭ كېسەل داۋالىنىش كاپالىتى سىياسىتى بويىچە، ئۇ ئۆزى ئۈستىگە ئالىدىغان خىراجەت 2000 يۈەن ئىچىدە بولدى.

«ئىككى بالام پارتىيەنىڭ مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولدى، يەسلىدىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە بولغان ئوقۇشىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىيالايدۇ» دېدى لوپ ناھىيەسى ھاڭگىيا بازىرى خوراز توغراق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئەرئەلى پېردۇن خۇشال ھالدا.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، لوپ ناھىيەسى مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرى قىلىپ، تىرىشىپ نامرات نوپۇس پەرزەنتلىرىنىڭ ياخشى ئاساسىي مائارىپنى قوبۇل قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى ھازىرلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلىقنىڭ ئەۋلاد ئارا داۋاملىشىشىنى ئۈزۈپ تاشلىدى. نۆۋەتتە، پۈتۈن ناھىيە بويىچە ھەقسىز مائارىپ ۋە داشۆدىكى نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەسپىي مائارىپنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «تەربىيەلەشنى تۇتۇش، ماھارەتنى ئۆستۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كىرىمنى مۇقىملاشتۇرۇش» ئىدىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش توختام كېلىشىمى بار كارخانىلارغا بېرىپ ئىش ئورنىدا پىراكتىكا قىلىش، ئالدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىراكتىكىسى قىلىشنى يوچۇقسىز ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش «قان ئىشلەش» يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىش

كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى تۈپ تەدبىر. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ «يەتتە بىر تۈركۈم»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىشىدا كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ نەتىجە-ئۈنۈمى روشەن بولدى. كەسىپ ئاساسى نىسبەتەن ئاجىز بولغان قالپىقى ئېلىۋېتىلمىگەن ئون نامرات ناھىيەگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھەم «قان بېرىش»، ھەم «قان ئىشلەش» ھېسابلىنىدۇ.

ئاقتۇ ناھىيەسى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ، يەرنى قېلىپلاشتۇرۇپ ئوبوروت قىلىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتتى. ھازىرغا قەدەر پۈتۈن ناھىيە بويىچە 422 كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلۇپ، 100 مىڭ مو يەر بىرىكتۈرۈلۈپ، «بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات بولۇش، بىر يېزىدا بىر كەسىپ بولۇش»تەك كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈلدى.

يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانىلارنى تايانچ قىلىپ، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ جامالتېرەك يېزىسى كۆزگە چېلىقىپ كەتمەيدىغان قىزىلچا تېرىقچىلىقىنى دېھقانلارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىدىكى يېڭى يولغا ئايلاندۇردى. بۇ يېزا كەنت كوللېكتىپ يېرى بىلەن بوز يەرلەرنى ئېچىشنى بىرىكتۈرۈپ، «پارتىيە تەشكىلاتى+كارخانا+دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، قەشقەر ئاۋدۇ شېكەرچىلىك چەكلىك شىركىتى بىلەن ھۆددىگەرلىك توختامى ئىمزالىدى. شىركەت قىزىلچا تېرىقچىلىقى ئېتىز پەرۋىشىنى دېھقانلارغا ھۆددىگە بېرىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى. قىزىلچىدىن ھوسۇل ئېلىش پەسلىدە، پۈتۈن يېزىدىكى 3500 مو قىزىلچىنىڭ مو بېشى ھوسۇلى بەش توننىدىن يۇقىرى بولدى، پايدىسى 8 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

ئون ئېغىر نامرات ناھىيە يېتىشتۈرۈش كەسپىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان تۈپ چىقىش يولى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى ئۆز ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، كەسىپ تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنى مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇرۇشقا جەلپ قىلىپ، نامرات ئاممىنى ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ھەممە ئادەمنىڭ قىلىدىغان ئىشى بولۇش، ھەممە ئائىلىنىڭ كىرىمى بولۇش، ھەممە ئائىلە كىرىمىنى ئاشۇرالايدىغان بولۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇردى.

«ھازىر مېنىڭ مۇقىم كىرىمىم بار بولدى، كۈنلىرىم ئىلگىرىكىدىن كۆپ ياخشى بولۇپ كەتتى، سىز دەڭە، مۇشۇنداق تۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلمىسام قانداق بولىدۇ؟» دېدى گۇما ناھىيەسى كىلىياڭ يېزىسى يۇلغۇنجاي كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى سالامەت تۇرۇپ. ئىلگىرى ئۇ خوتۇنى بىلەن تەرەپ-تەرەپتە ئىشلەمچىلىك قىلىپ، بىر ئايدا جاپالىق ئىشلەپ كۆپ بولغاندا 2000 يۈەن كىرىم قىلاتتى. گۇما ناھىيەسىنىڭ خېجيا يېڭى كەنتى ئېشەك ئۆلچەملەشتۈرۈپ بېقىش مەركىزىنىڭ ئىشچىسى بولغاندىن كېيىن، سالامەتنىڭ ئايلىق مائاشى 2500 يۈەن بولدى.

مۇقىم كىرىم، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇقىم تەرەققىي قىلىۋاتقان كەسىپلەرنى مەنبە قىلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇما ناھىيەسى «10، 100، 1000، 10 مىڭ، 100 مىليون» كەسىپ يىرىك پىلانى بويىچە، ئېشەك، غاز، قوي، توشقان، يېمەكلىك زەمبۇرۇغى قاتارلىق كەسىپلەرنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇردى. باشلامچى كارخانىلارنىڭ تۈرتكىسىگە تايىنىپ، كەسىپ ئارقىلىق بېيىشقا يېتەكلەش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. نۆۋەتتە، گۇما ناھىيەسى 42 مىڭ ئېشەك، 6 مىليون غاز، 9 مىليون توشقان، 180 مىڭ كۆپ تۆللەيدىغان قوي قاتارلىق يېتەكچى كەسىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى 31 مىڭ ئائىلىدىكى 120 مىڭغا يېقىن ئادەمنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئودانلىق بازىرى راۋات ئۆستەڭ كەنتىدىكى كەپتەر باقمىچىلىق بازىسىدا 20 ياشلىق ئاماننىسا قادىر 3000دىن ئارتۇق كەپتەرنى كۆڭۈل قويۇپ بېقىۋاتاتتى. «مەن ئىشلەۋاتقىلى بىر يىل بولدى، مائاشىم ھەر ئايدا كۆپىيىۋاتىدۇ، يەنە باقمىچىلىق تېخنىكىسىنىمۇ ئۆگىنىۋالدىم» دېدى ئۇ.

يەكەن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ئابدۇغېنى مەمەت مۇنداق تونۇشتۇردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەكەن ناھىيەسى كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساس، ھۆكۈمەت مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىپ ئىش ئورنى يارىتىشنى تولۇقلىما قىلىپ، ئالتە چوڭ باغچە رايونى، يېزا-كەنت سېخلىرىغا تايىنىپ، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزىلاردىكى «ئون كىچىك» مۇلازىمەت كەسپىنى قوللاش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، قىيىنچىلىقى بار 100 مىڭغا يېقىن ئائىلىدىكى ئەمگەك كۈچىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

ئىلگىرى قۇم سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەن كېرىيە ناھىيەسىدە بۈگۈنكى كۈندە قۇملۇق خاس كەسپىنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ. شۇ جاي مەۋقەنى ئۆز خاسلىقىغا قويۇپ، قىزىلگۈل، سەبدەرگۈل، كۆپ تۆللەيدىغان گۆش قويى، مور قاتارلىق خاس كەسىپلەرنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەربىر يېزا-بازارنىڭ ھەممىسىدە بىردىن ئارتۇق خاس كەسىپنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ناھىيە، يېزا، كەنت ئۈچ دەرىجىلىك كەسىپلەرنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. خاس كەسىپلەر شۇ جايدىكى نامرات ئاممىنى كىرىمنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا يېتەكلەيدىغان كۈچلۈك تىرەككە ئايلاندى.

كىرىمنى مۇقىم ئاشۇرۇش ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى كۈچەيتىش

نامراتلارنى يۆلەشتە ئالدى بىلەن ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش، نامراتلارنى يۆلەشتە جەزمەن ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش كېرەك. ئون ئېغىر نامرات ناھىيە كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىمتىھان قەغىزىنى يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى ئىشلەش جەريانىدا، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ يېتەرلىك بولماسلىقتىن ئىبارەت بۇ كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشقا باشتىن-ئاخىر ئەھمىيەت بەردى.

«ھازىر كەنتتە بىكار ئادەم يوق دېيەرلىك. كەنت ئەتراپىدا ئىشلەيدىغان زاۋۇت بار، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى تىرىشىپ ئىشلەپ پۇل تېپىۋاتىدۇ. قوشنام ئابلەت ئالىمجان ئىلگىرى توكسىكلىتمۇ سېتىۋالالمايتتى، بىر زاۋۇتقا ئىشقا چۈشكەندىن كېيىن، پىكاپ سېتىۋالدى، يەنە بىر دورا دۇكىنى ئاچماقچى بولۇۋاتىدۇ» دېدى قاراقاش ناھىيەسىدىكى شىنجاڭ مېيبىتې گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى تەڭشەش 2-بۆلۈمىنىڭ سېخ مۇدىرى مەمەتئابدۇللا ھەسەن ئۆزى ۋە ئەتراپىدىكى كىشىلەردىكى ئۆزگىرىشلەرنى تىلغا ئېلىپ، ئاغزى-ئاغزىغا تەگمىگەن ھالدا.

نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىپ، «كەسىپ ئارقىلىق كىشىلەرنى مۇقىم قىلىش، كەسىپ ئارقىلىق كىشىلەرنى خاتىرجەم قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، قاراقاش ناھىيەسى «تىزىملىك شەكلىدىكى» تەربىيەلەش، نىشانلىق تەربىيەلەش، ئەمەلىي مەشغۇلات بويىچە تەربىيەلەش، ئىش ئارقىلىق تەربىيەلەشنى يولغا قويۇپ، ئوخشاش بولمىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەمگەكچىلەرگە مۇۋاپىق ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىنى چۈشىنىدىغانلار، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش بېيىش باشلامچىلىرى، مەدەنىي كەيپىياتنى تارقاتقۇچىلارنى يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق، ئاممىنىڭ نامراتلىق ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى قوزغاتتى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، پۈتۈن ناھىيەدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 22 مىڭ نامرات ئائىلە كەسىپ ۋە تۈرنىڭ تۈرتكىسىدە كىرىمىنى ئاشۇردى.

قاغىلىق ناھىيەسى قىزىل ئانار نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىدا، ناۋاي ئۇستاملار ياغ نان، ياڭاق نان، كۈنجۈت نان، قىزىلگۈل نېنى قاتارلىق ھەرخىل تەملىك نانلارنى كۆڭۈل قويۇپ يېقىۋاتاتتى. خىزمەتچىلەرنىڭ چېھرىدە تولۇپ تاشقان ئىشەنچ ۋە بەخت ئەكس ئەتكەنلىكىنى، نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىنىڭ يېزا-كەنتلەردىكى ناۋايخانىلارنىڭ تىجارەت شەكلىدە ئۆزگىرىش بولۇشىغا تۈرتكە بولغانلىقىنى كۆرۈپ، قىزىل ئانار نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىنىڭ مەسئۇلى ئاۋۇت مەمەتئىمىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: قاغىلىق ناھىيەسى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان نان، ياڭاق، ئانار قاتارلىق كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرغاندىن كېيىن، كەڭ دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش ئاكتىپلىقى قوزغالدى، نامرات ئاھالىلەر «مېنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇڭلار»دىن «مەن نامراتلىقتىن قۇتۇلىمەن» دېگەنگە ئۆزگەردى، مانا بۇ ھەقىقىي نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇشتۇر.

بۇ يىل يېڭىسار ناھىيەسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش داۋامىدا، ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش، ئەقىل جەھەتتىن يۆلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «نامراتلارنى يۆلەش ئون چوڭ قۇرۇلۇشى»نى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، تاشقى ئامىل بىلەن ئىچكى ئامىلغا تەڭ كۈچەپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى سىجىل مۇقىم ئاشۇردى.

«<ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە كەنت كادىرلىرى مېنىڭ ئىلغار باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگەنگۈم بارلىقىنى بىلىپ، مېنى شاڭخەي، سۇجوۋ ۋە شىنجاڭ ئىچىدىكى بەزى باقمىچىلىق بازىلىرىغا بېرىپ، زامانىۋى باقمىچىلىق باشقۇرۇشىنى ئۆگىنىشكە ئورۇنلاشتۇردى. بۇ ئىلغار باشقۇرۇش ئىدىيەلىرىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، مەن تېخىمۇ كۆپ نامرات ئاھالىنىڭ بىرلىكتە كىرىمنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولالايمەن» دېدى يېڭىسار ناھىيەسى چولپان يېزىسى قازاقلا ئېرىق كەنتى باقمىچىلىق كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى جاپپار ئۇرايىم.

بۇ يىل يېڭىسار ناھىيەسى 40 مىڭ نامرات نوپۇسنىڭ يېزىلاردا ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان تېخنىكا بويىچە تەربىيەلىنىشى، 9880 نامرات نوپۇسنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلىنىشى، 500 ئىگىلىك تىكلەش بېيىش باشلامچىسىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بىلەن يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ پۇختا ئاساس سالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى