تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

شىنجاڭ لوپ: «دەۋر گىلەم زاۋۇتى» دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئۆزگەرمەسلىكىگە گۇۋاھ بولدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 11-ئاينىڭ 8-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار جاڭ جۇڭكەي، دىڭ لېي): قىش كىرگەندىن بۇيان، كوئېنلۇن تېغى بىلەن تەكلىماكان قۇملۇقى ئارىسىغا جايلاشقان شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ھاۋاسى تەدرىجىي سوۋۇدى، شۇ جايدىكى قولدا توقۇلغان گىلەممۇ ئىشلەپچىقىرىش-سېتىشنىڭ ئاۋات مەزگىلىگە كىردى.

  خوتەن لوپ ناھىيەسىنىڭ بۇيا يېزىسى ئوتتۇرا قۇندۇز كەنتىدىكى «دەۋر گىلەم زاۋۇتى»نىڭ شەكلى ئەگرى پىچاققا ئوخشايدىغان موكا توقۇش سايمانلىرى 20 نەچچە ئايال ئىشچىنىڭ قولىدا ئۇچقاندەك ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، قاتار-قاتار رەڭلىرى مول، سىزىقلىرى نەپىس گىلەملەر ھەر خىل رەڭدىكى يۇڭ يىپلارنىڭ قاتلىنىشىدا تەدرىجىي نامايان بولدى.

  بۇ مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە قول ھۈنەر سەنئىتى 2008-يىلى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن، «دەۋر گىلەم زاۋۇتى»نىڭ لوبىنى مەتتۇرسۇن خۇپۇدىن دەل مۇشۇ غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرىنىڭ ۋارىسى. ئۇ 15 يېشىدىن باشلاپ گىلەم توقۇغان بولۇپ، ئۇنىڭ گىلەم توقۇۋاتقىنىغا 46 يىل بولغانىدى.

  شۇنچە يىللاردىن بۇيان، قوشۇمچە ئۈسكۈنىلەر ياغاچتىن پولات-تۆمۈرگە ئايلانغاندىن باشقا، قولدا گىلەم توقۇشنىڭ تەرتىپى ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزگەرمىدى، ماتېرىيال ئىشلىتىش ۋە توقۇش ھۈنىرىنىڭ ئەسلى ھالىتى ئىزچىل ساقلاپ قېلىندى، دېدى مەتتۇرسۇن گىلەمنى سىيلاپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ چىرايىدىن پەخىرلىنىش چىقىپ تۇراتتى.

  قول ھۈنىرى ئۆزگەرمىدى، ئەمما تۇرمۇش ئۆزگىرىۋاتىدۇ. پۇقرالارنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، خوتەن گىلىمىگە بولغان ئېھتىياجمۇ ئاشتى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى مەتتۇرسۇن ئائىلىسىنىڭ كىچىك ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكىنىدا ئىشلەيتتى، 2015-يىلى، ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە، ئۇ 600 كىۋادرات مېتىردىن ئارتۇق گىلەم زاۋۇتى قۇردى، يىللىق گىلەم ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1000 كىۋادرات مېتىردىن ئېشىپ، ئىچكىرى رايونلار ۋە چەت ئەللەرگە سېتىلدى.

  «ئىلگىرى توپا يول ئىدى، ھازىر چوڭ يولغا ئۆزگەردى، ئىلگىرى كېسەك ئۆي ئىدى، ھازىر ئەمىن ئۆيگە ئۆزگەردى، ئىلگىرى مەشكە ئوت قالايتتۇق، ھازىر توك پارغا ئۆزگەردى، دېدى مەتتۇرسۇن. ئۇ 50 ياشقا كىرگەن يىلى پىراۋا ئالدى، ئالدىراش ۋاقتىدا ناھىيە بازىرىغا بېرىپ مال سېتىۋېلىپ، مال يەتكۈزۈپ بەردى. بىكار ۋاقىتلىرىدا ئايالىنى ئېلىپ شەھەرگە كىرىپ بازار ئايلاندى.

  «دەۋر گىلەم زاۋۇتى» بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى. زاۋۇتتىكى 25 ئىشچىنىڭ 14ى ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرگەن نامرات ئائىلە، 46 ياشلىق ھاۋاخان ئوبۇلياسىن بۇ يەردە خىزمەت قىلغىلى ئۈچ يىل بولدى، ھەر ئايدا 2000 يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلىدۇ.

  2018-يىلى، ئوتتۇرا قۇندۇز كەنتى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى، بۇلتۇر كىشى بېشى ئوتتۇرىچە يىللىق كىرىمى 9000 يۈەندىن ئاشتى.

  «دەۋر گىلەم زاۋۇتى»مۇ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىمەكتە. مەتتۇرسۇن ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىپ كەلگەن قولدا توقۇلغان گىلەمنىڭ ماشىنىلىشىش چوڭ دولقۇنىدا يوقالمايدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ، لېكىن ئۇ يەنە يېڭىلىق يارىتىشنى سىناق قىلىپ، خاس، زاكازلىق گىلەم توقۇش كەسپى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ.

  گىلەم زاۋۇتىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدىكى كۆرگەزمە زالىغا نۇرغۇن نەپىس قولدا توقۇلغان گىلەملەر ئېسىلغان بولۇپ، قارلىق تاغ، يايلاق، توغراقلىق ۋە «چىڭمىڭ بايرىمىدىكى دەريا سەيلىسى» قاتارلىق مەنزىرىلەر ناھايىتى جانلىق تەسۋىرلەنگەن. ئۇنىڭ قىزى گىلەم توقۇش، كومپيۇتېردا نۇسخىلاش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىپ، ئۇنىڭ بۇ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىغا تېخىمۇ ياخشى ۋارىسلىق قىلىشىغا ياردەم بېرىۋاتىدۇ. «قانداقلا بولمىسۇن ھۈنەر بار، سۈپىتى ياخشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە خاس لايىھەلەر بار، مالنى ئۇقىدىغانلار ھامان سېتىۋالىدۇ» دېدى مەتتۇرسۇن.

شىنجاڭ لوپ ناھىيەسى بۇيا يېزىسى ئوتتۇرا قۇندۇز كەنتى دەۋر گىلەم زاۋۇتىدا، مەتتۇرسۇن خۇپۇدىن (سولدا) ئىشچىلار بىلەن گىلەمنىڭ نۇسخىسى ۋە رەڭگىنى مۇزاكىرە قىلماقتا (11-ئاينىڭ 2- كۈنى تارتىلغان).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى

شىنجاڭ لوپ ناھىيەسىنىڭ بۇيا يېزىسى ئوتتۇرا قۇندۇز كەنتىنىڭ دەۋر گىلەم زاۋۇتىدا، ئىشچىلار گىلەم توقۇماقتا (11-ئاينىڭ 2-كۈنى تارتىلغان).
بۇ 11-ئاينىڭ 2- كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ لوپ ناھىيەسىنىڭ بۇيا يېزىسى ئوتتۇرا قۇندۇز كەنتىدىن بىر كۆرۈنۈش (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).
شىنجاڭ لوپ ناھىيەسىنىڭ بۇيا يېزىسى ئوتتۇرا قۇندۇز كەنتىنىڭ دەۋر گىلەم زاۋۇتىدا، مەتتۇرسۇن خۇپۇدىن (ئوڭدا) ئىشچىلار بىلەن سېختا ئالدىراش ئىشلىمەكتە (11-ئاينىڭ 2-كۈنى تارتىلغان).
مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى