تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خوراز چىللاپ يورۇپ ئالەم ئاتتى تاڭ

جاڭ خەيفېڭ

1949- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى، «خوراز چىللاپ يورۇپ ئالەم ئاتتى تاڭ». جۇڭگو خەلقى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئورنىدىن دەس تۇردى، جۇڭخۇا مىللىتى تەرەققىي قىلىپ، ئالغا بېسىپ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن يېڭى تارىخىي دەۋرنى ئاچتى.

1949- يىلى 9- ئاينىڭ 25- كۈنى، شىنجاڭ تىنچ ئازاد قىلىندى. بۇ شىنجاڭ تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە بۇرۇلۇش نۇقتىسى، شۇنداقلا جۇڭگو خەلقىنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ۋە ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىشلىرىدىكى بىر زور ئىش. ئۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ زۇلۇمغا ئۇچراش، ئېكسپېلاتاتسىيە قىلىنىش، قۇل قىلىنىشتەك ئېچىنىشلىق تەقدىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىپ، ئالغا بېسىشقا يۈزلەنگەن پارلاق ئىستىقبالىنى ياراتتى.

70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىق قوينىدا، شىنجاڭ سوتسىيالىزمنىڭ داغدام يولىدا تارىخ سەھىپىسىدە نۇر چېچىپ تۇرىدىغان سەلتەنەتلىك داستاننى پۈتۈپ چىقتى.

پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن - ئاخىر شىنجاڭغا رىشتە باغلاپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈردى، مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5- يىغىنىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى، بىر قاتار مۇھىم سۆزلەرنى ئېلان قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلارنى بېرىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى قىلىپ بېكىتىپ، شىنجاڭنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى مۇھىم ئورنىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىدىكى ئابىدىسىنى تىكلىدى.

شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا باھار دولقۇنى مەۋج ئۇرۇپ، ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇدى.

ئىلگىرىكى بىر غېرىچمۇ تۆمۈريولى يوق شىنجاڭ، بۈگۈنكى كۈندە يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول دەۋرىگە كىردى، ھەمدە مەملىكەت بويىچە ئايرودۇرۇم سانى ئەڭ كۆپ ئۆلكە، ئاپتونوم رايونغا ئايلاندى. 

ئىلگىرىكى غەربىي چېگرا رايوننىڭ «يانچۇق تېگى»دە تۇرۇۋاتقان شىنجاڭ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنى قۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سېپىگە ئايلانماقتا.

ئىلگىرىكى نامرات، قالاق شىنجاڭ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەخت ماكانىغا ئايلاندى. تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. 

70 يىلدىكى ئالەمشۇمۇل زور ئۆزگىرىش، بىزنىڭ ئېتقادىمىزنى چىڭىتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىسا، يېڭى جۇڭگو بولمايتتى، سوتسىيالىستىك شىنجاڭ بولمايتتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بۈگۈنكى بەختلىك، گۈزەل يېڭى تۇرمۇشى بولمايتتى.

70 يىلدىكى ئالەمشۇمۇل زور ئۆزگىرىش، بىزنىڭ ئىشەنچىمىزنى چىڭىتتى: شىنجاڭ ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، پەقەت ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىق قوينىدا، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئاندىن مەنبەسىز سۇ، يىلتىزسىز دەرەخكە ئايلىنىپ قالمايدۇ.

70يىلدىكى ئالەمشۇمۇل زور ئۆزگىرىش، بىزنى تولۇپ تاشقان ئىشەنچكە ئىگە قىلدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىپ، ئالغا بېسىشىدىكى ئۇل تاش. ئۇزاق مەزگىل ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش داۋامىدا، ھەرقايسى مىللەتلەر ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلدى.

ئۇلۇغ بۇرچنىڭ چاقىرىقى ئالدىدا، شىنجاڭدىكى 25 مىليون ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلىرى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، جاسارەت بىلەن ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پائال كۈچ قوشىدۇ!

زامان ئۆزگەردى

ھاياجانلىق يىللار

باھار ھېكايىسى

قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن تىيانشان

ئەسىر سىمفونىيەسى

ئارزۇغا ئىنتىلىش يولىدا (1)

ئارزۇغا ئىنتىلىش يولىدا (2)

ئارزۇغا ئىنتىلىش يولىدا (3)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ