تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

زامان ئۆزگەردى

 ① 1949- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنى كۈتۈۋالدى. شۇ ئاينىڭ 20- كۈنى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى 1- دالا ئارمىيە جۈنىنىڭ بىر قىسمى دىخۇا (ھازىرقى ئۈرۈمچى شەھىرى)غا يېتىپ كېلىپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئاممىنىڭ يولنىڭ ئىككى چېتىدا تۇرۇپ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

 ② 1949- يىلى 12- ئاينىڭ 17- كۈنى، شىنجاڭنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە رەھبەرلىرى ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى ھەربىي پارات كۆرۈش سۇپىسىدا تۇرۇپ قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈردى. شۇ كۈنى شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن شىنجاڭ ھەربىي رايونى رەسمىي قۇرۇلدى.

 ③ 1955- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى، ھەر مىللەت ئامما ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئالتە يىللىقىنى ھەم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

 ④ ئازادلىقنىڭ دەسلىپىدە، ئومۇميۈزلۈك تەربىيەلىنىش دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلىكى كۆزدە تۇتۇلۇپ، دېھقانلار سايلىمىدا كۆپىنچە «پۇرچاق تاشلاپ سايلاش» قاتارلىق ئۇسۇللار قوللىنىلغانىدى. سۈرەتتە: 1952- يىلى قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ سەمەن رايونى 7- يېزا 3- كەنتىدىكى دېھقانلار پۇرچاق تاشلاپ سايلام ئۆتكۈزمەكتە.

 ⑤ 1958- يىلى، قۇربان تۇلۇم تاغا پىيونىرلار بىلەن بىللە.

 ⑥ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدا، شىنجاڭ «1- ئىيۇل» توقۇمىچىلىق فابرىكىسىدىكى ئايال ئىشچىلار ئالدىراش ئىشلىمەكتە. ئىلگىرى بىر تال تۆمۈر مىخمۇ ئىشلەپچىقىرالمىغان شىنجاڭدا ئازادلىقتىن كېيىن «1- ئاۋغۇست» پولات - تۆمۈر زاۋۇتى، «ئۆكتەبىر» تراكتور زاۋۇتى ، «1- ئىيۇل» توقۇمىچىلىق فابرىكىسى قاتارلىقلار ئارقا - ئارقىدىن قۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋى سانائىتىگە ئۇل سالدى.

 ⑦ 1955- يىلى 10- ئايدا، قاراماي 1- نومۇرلۇق قۇدۇقتىن خام نېفىت ئېتىلىپ چىقتى، بۇ يېڭى جۇڭگودىكى تۇنجى چوڭ نېفىتلىك - قاراماي نېفىتلىكىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىپ، شىنجاڭ نېفىت سانائىتىنىڭ زور تەرەققىياتىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى.

 ⑧ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدا، يېڭى جۇڭگودىكى تۇنجى ئەۋلاد ئايال تراكتورچى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى ھەربىي بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئىشچىسى جىن ماۋفاڭ. ئۇ ئۈچىنچى يۈرۈش خەلق پۇلى ئىچىدىكى بىر يۈەنلىك قەغەز پۇلنىڭ ئوڭ يۈزىدىكى شەخس «ئايال تراكتورچى»نىڭ ئەسلىي ئوبرازلىرىنىڭ بىرى.

 ⑨ 1959- يىلى، شىنجاڭ گىمناستىكا كوماندا ئەزالىرى ترېنېرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېگىز - پەس تورنىكتا مەشق قىلماقتا.

 ⑩ 1959- يىلى، قەشقەر شەھىرىنىڭ كوچىلىرىدا بىر خىل «تۆگە ئاپتوبۇس» پەيدا بولدى، ھەر بىرىگە 15 ئادەم ئولتۇرالايتتى.

 ⑪ 1959- يىلى 11- ئايدا، ئاقسۇ قىزىل يۇلتۇز ئايىڭئېر خەلق گۇڭشېسى خاڭگۇڭ باشقۇرۇش رايونىدا ئاشلىق زىرائەتلىرىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى، 73 ياشلىق دېھقان نايىپ ھەسەن بالىلىرىنىڭ ھەر بىرىگە بىر جۈپتىن ئۆتۈك ئېلىپ بەردى.

 ⑫ 1955- يىلى يازدا، غۇلجىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى شەھەر سىرتىدا يازلىق تەتىلنى خۇشال ئۆتكۈزمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى