تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئارزۇغا ئىنتىلىش يولىدا (1)

 ① 2013- يىلى 6- ئاينىڭ 21- كۈنى، شىنجاڭ تىيانشان دۇنيا تەبىئىي مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. سۈرەتتە: تىيانشاندىكى قاراجوننىڭ مەنزىرىسى.

 ② 2013- يىلى 8- ئاينىڭ 29- كۈنى، شاڭخەي داجۇڭ ئاپتوموبىل (شىنجاڭ) چەكلىك شىركىتى ياسىغان تۇنجى پىكاپ پۈتتى. نۆۋەتتە، شاڭخەي ئاپتوموبىل گۇرۇھى، گۇاڭجوۋ ئاپتوموبىل گۇرۇھى، شەنشى ئاپتوموبىل گۇرۇھى قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق ئاپتوموبىل كارخانىلىرى بەس - بەستە شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇردى.

 ③ 2015- يىلىنىڭ ئاخىرىدا، قەشقەر كونا شەھەرنىڭ يادرولۇق رايونىدىكى خەتەرلىك، كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئەمەلدارى تەرىپلەپ مۇنداق دېدى: «قەشقەر كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىشتە ئەسلىدىكى قۇرۇلۇش ئالاھىدىلىكى ۋە ئاھالىلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئادىتى ساقلاپ قېلىنىپتۇ، ئادەمنى ئاساس قىلىش روھى گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، نۇرغۇن تەجرىبىلەر ئومۇملاشتۇرۇشقا ئەرزىيدىكەن».

 ④ 2014- يىلى 1- ئاينىڭ 27- كۈنى، قومۇلنىڭ جەنۇبى - جېڭجوۋ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇ دۆلەت «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويغاندىن كېيىنكى تۇنجى ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى.

 ⑤ 2016- يىلى 1- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 30- كۈنىگىچە، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ، قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى قېتىم شەرقىي شىمالدىن چىقىشى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ تۇنجى قېتىم مەملىكەتلىك چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇستەقىل ئۆتكۈزۈشى ھېسابلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى