■ ① 2018- يىلى 12- ئاينىڭ 25- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسىدىكى ئىشلەپچىقىرىش سېخىنىڭ كۆرۈنۈشى. بۇ كەسىپلەر باغچىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بىر تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2018- يىلى 9- ئايدا پۈتكەن.
■ ② 2019- يىلى 8- ئاينىڭ 16- كۈنى، ئىشچىلار يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ چىلۇ سانائەت باغچە رايونىدىكى يېڭىشەھەر رۇيى پەن - تېخنىكا توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىدە ئۈسكۈنىلەرنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئىچكى رايونلاردىكى زور بىر تۈركۈم كارخانىلار شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈپ، يەرلىكنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.
■ ③ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، يەسلىدىن تارتىپ داشۆگىچە بولغان مۇكەممەل زامانىۋى مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە قوش تىل يەسلىلىرىدە يەسلىگە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %96.86 كە يەتتى.
■ ④ 2019- يىلى 9- ئاينىڭ 20- كۈنى، شىنجاڭ كۇتۇپخانىسىنىڭ يېڭى سارىيى ئوقۇرمەنلەرگە رەسمىي ئېچىۋېتىلدى. سۈرەتتە: ئوقۇرمەنلەر ئۆسمۈرلەر ئاقىللىشىشنى ھېس قىلىش رايونىدا 3Dلىق ئىستېرېئولۇق كىتاب كۆرمەكتە.
■ ⑤ 2019- يىلى 2- ئاينىڭ 9- كۈنى، ساياھەتچىلەر قاناس مەنزىرە رايونىدىكى قۇم قار يۇرتىدا سۈرەتكە تارتماقتا. ئاپتونوم رايون شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى بېكىتتى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، ئەلا سۈپەتلىك ساياھەت مۇھىتى ياراتتى.
■ ⑥ «تەكلىماكاندىكى ناغرا ساداسى» ناملىق كىنو 14- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ «بەش بىر قۇرۇلۇشى» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت - سەنئەت ئىشلىرى گۈللىنىپ راۋاجلىنىپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا تەسىرى بار بىر تۈركۈم ئاز سانلىق مىللەت مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت ئەسەرلىرى ئارقا - ئارقىدىن ئىجاد قىلىندى.
■ ⑦ 2018- يىلى 8- ئاينىڭ 6- كۈنى، تۇرپان شەھىرىدىكى شىنجاڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى مۇلازىمەت باغچە رايونىنىڭ سودا زالىدا باغۋەنلەر شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازاردىكى سېتىلىش ئەھۋالىنى كۆرمەكتە.
■ ⑧ 2017-يىلى 12- ئاينىڭ 17- كۈنى، يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ يېڭىئېرىق يېزىسى دەڭگىلىچى كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى كوللېكتىپ سالامەتلىك تەكشۈرتمەكتە.
■ ⑨ 2019- يىلى 9- ئاينىڭ 11- كۈنى، خېرىدار جۇڭگو تېلېگراف پاي چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى شۆبە شىركىتىنىڭ نەنخۇ تىجارەت زالىدا 5G تورىنىڭ ئادەم - كومپيۇتېر ھەمتۈرتكە مەھسۇلاتلىرىنى سىناپ كۆرمەكتە.
□ باش پىلانلىغۇچىلار: شۈ شىنجاڭ، چېڭ لىشىن
□ ئىجرائىيە پىلانلىغۇچىلار: دولقۇن مەمەت، جياڭ رىخۇي، نامۇسۇرۇڭ، جاپپاربېك ئابلايىن، دۇ زۇڭياڭ، شى فېڭ
□ مەسئۇل مۇھەررىرلەر: لياي ۋېي، لى پېيفېڭ، جىن چۈەن، جاۋ ۋېيبىن
□ بەت لايىھەلىگۈچىلەر/سۈرەت ياسىغۇچىلار: لياڭ ۋېي، جاڭ يۇڭ، دوۋ يى
□ ئالاھىدە بەتنىڭ سۈرەتلىرىنى شىنجاڭ فوتو سۈرەت جەمگاھى تەمىنلىگەن.