تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھاياجانلىق يىللار

 ① 1962- يىلىنىڭ ئاخىرىدا، لەنجوۋ - شىنجاڭ تۆمۈريولىدا قاتناش باشلىنىپ، شىنجاڭدا تۆمۈريول بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى. سۈرەتتە: ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60- يىللىرى بېيجىڭغا بارىدىغان پويىزدا پويىز خىزمەتچىسى يولۇچىلارغا نومۇر ئورۇنلاپ بەرمەكتە.

 ② 1966- يىلى 9- ئايدا، «1- ئاۋغۇست» پولات - تۆمۈر زاۋۇتىنىڭ شەرق قىزاردى 1- نومۇرلۇق دومنا پېچىدىن تۆمۈر چىقىرىلدى، بۇ ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ تۆمۈر تاۋلاش پېچى ئىدى.

 ③ 1965- يىلى قۇرۇلغان ئۈرۈمچى نەنمېندىكى تەنتەربىيە سارىيى شىنجاڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ بىر مەزگىللىك شانلىق مۇساپىسىگە گۇۋاھ بولدى. 2000- يىلى بۇ تەنتەربىيە سارىيى بۇرچىنى تاماملاپ تارىخ سەھنىسىدىن چېكىنىپ چىقتى.

 ④ 1964- يىلى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى نۇرلۇق يولىنىڭ بوشلۇقتىن تارتىلغان سۈرىتى.

 ⑤ 1964- يىلى 10- ئايدا، شىنجاڭدا يېتىشتۈرۈلگەن ئەلا نەسىللىك ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى ئارقىلىق يۈننەنگە يۆتكەپ ئاپىرىلىپ ماكانلاشتۇرۇلدى.

 ⑥ 1966- يىلى 8- ئايدا، قاراماي شەھەرلىك سودا شىركىتىنىڭ قىزىل بايراق كۆچمە ماگىزىنى. ئەينى چاغدا قاراماي سودا كەسپىدىكىلەر «نېفىت ئىشلەپچىقىرىشى نەگىچە بارسا، سودا مۇلازىمىتى شۇ يەرگىچە بارىدۇ» دېگەن شوئارنى توۋلاپ، چەت، يىراق ئىشلەپچىقىرىش نۇقتىلىرىغا قەرەللىك، نۇقتىلىق مۇلازىمەت قىلغانىدى.

 ⑦ 1962- يىلى 5- ئاينىڭ 29- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك «قىزىل بايراق» يەسلىسىدە ھەر مىللەت بالىلار جەم بولۇپ بىرلىكتە ئوينىماقتا.

 ⑧ 1966- يىلى 6- ئايدا، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ چارۋىچىلىق رايونىدىكى بالىلار يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك رادىيو قوبۇللىغۇچ ئارقىلىق مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئاڭلىتىشىنى ئاڭلىماقتا.

 ⑨ 1966- يىلى شاڭخەيدىن چېگرا رايونغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ياشلار شىنجاڭغا كېلىپ، چېگرا رايون قۇرۇلۇشىغا قاتناشتى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، تۈركۈم - تۈركۈم قۇرغۇچىلار شىنجاڭغا كېلىپ، تەر تۆكۈپ ئىشلىدى، ھاياتىنى بېغىشلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى