تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

بازاردىكى يېڭىلىقلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي، ئىختىيارىي مۇخبىر مەريەمگۈل ئەسەت

4-ئاينىڭ 19-كۈنى ئەتىگەندە، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونىنىڭ شەھەر ئىچى يېزىسىدىكى پۇقرالار بازىرى ئېچىلىشى بىلەنلا تۈركۈم-تۈركۈم كىشىلەرنى كۈتۈۋالدى.

بۇ بازار ئېۋىرغول رايونىنىڭ شەھەر ئەتراپى ئايلانما يولىغا جايلاشقان بولۇپ، ھەر جۈمە ئەتىگەن سائەت توققۇز يېرىمدا بازار ئېچىلىدۇ، 40~30 يىللىق تارىخقا ئىگە، ئۇ يېقىن ئەتراپتىكى شەھەر، يېزا ئاھالىلىرى ئايلىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان بازارلارنىڭ بىرى.

بازارغا كىرگەندە، مېۋە-چېۋە، كۆكتات، كالا-قوي گۆشى، گۈل-گىياھ، كۆچەت، كىيىم-كېچەك، ئاياغ-باش كىيىم، ئۆي جاھازىلىرى، بەش خىل مېتال، سايمان قاتارلىقلار كۆزنى قاماشتۇراتتى، كاۋاپداندىن تارقالغان مەززىلىك پۇراق ھەممە يەرنى قاپلىغانىدى، راڭپىزا، سوغۇق چۆپ قاتارلىق ئۇششاق يېمەكلىكلەر يايمىسىنىڭ ئالدىدا ئادەملەر مىغ-مىغ ئىدى.

4-ئاينىڭ 12-كۈنى، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى شەھەر ئىچى يېزىسى پۇقرالار بازىرىدا، شەھەر ئىچى يېزىلىق شىپاخانىنىڭ مۇدىر ۋىراچى ئىبادەت ئىبراھىم (ئوڭدا) ئاممىنىڭ كېسىلىنى ھەقسىز كۆرمەكتە. جۇڭ يىنتاڭ فوتوسى

«كېلىڭلار، كېلىڭلار، يۇرتداشلار، دوختۇرخانىدىكىلەر قان بېسىمىنى ھەقسىز ئۆلچەپ قويىدىكەن، مۇتەخەسسىسلەر ھەقسىز كېسەل كۆرىدىكەن...» بازاردا، ئاق خالات كىيگەن ئىككى پىدائىي بىر تەرەپتىن ئۆتكەن-كەچكەن ئاھالىلەرگە ساغلاملىق بىلىملىرى تەشۋىقات قوللانمىسى تارقاتسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئاممىنى سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرتۈش، ھەقسىز كېسەل كۆرسىتىشكە يېتەكلەۋاتاتتى. بىر قاتار ئۈستەل، بىر لوزۇنكا، بىر نەچچە ئورۇندۇق، دوختۇرلار بەك ئالدىراش ئىدى.

بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدىمۇ؟ بىز قىزىقىپ بېرىپ ئەھۋال ئىگىلىدۇق.

«بىزنىڭ يېزىلىق دوختۇرخانىمىزنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ كاندىدات ئالىي دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئۇنۋانى بار.» شەھەر ئىچى يېزىلىق دوختۇرخانا پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ئاينىساگۈل ئىلياز پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت يېزا-كەنتلەرنىڭ سەھىيە-داۋالاش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىدىغان نۇرغۇن ياخشى سىياسەتلەرنى يولغا قويدى، يېزا-بازارلاردىكى تىببىي خادىملار شەرتنى ھازىرلىغاندىن كېيىن، كاندىدات ئالىي دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئۇنۋانغا تەكلىپ قىلىشقا بولىدۇ، «شەھەر ئىچى يېزىلىق دوختۇرخانىدا، ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋانغا ئىگە ئىككى نەپەر، كاندىدات ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋانغا ئىگە يەتتە نەپەر داۋالاش مۇتەخەسسىسى بار.»

ھەقسىز كېسەل كۆرۈش سۇپىسىدا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كېسىلىنى كۆرۈۋاتقان ئىبادەت ئىبراھىم شۇلارنىڭ بىرى. ئۇ ئالىي مۇدىر ۋراچ، شەھەر ئىچى يېزىلىق دوختۇرخانا داۋالاش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى.

«مەن ئاساسىي قاتلام دوختۇرخانىسىدا 33 يىل خىزمەت قىلدىم، بۇنىڭ ئىچىدە 23 يىل ئېۋىرغول رايونىنىڭ ئەڭ چەت، يىراق تاشۋېلىق يېزىلىق دوختۇرخانىسىدا ئىشلىدىم.» ئىبادەت ئىبراھىم مۇنداق دېدى: «يېڭى سىياسەت يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، دوختۇرخانىمىزدىكى نوپۇزلۇق دوختۇرلارنىڭ غەيرىتى ئاشتى، ياش دوختۇرلارنىڭ قىزغىنلىقى ئاشتى، قوشۇن مۇقىم بولدى، دوختۇرخانىمىزنىڭ داۋالاش ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسى بارغانسېرى ياخشىلاندى.»

يېزا-بازارلىق دوختۇرخانىلار بىۋاسىتە دېھقان، چارۋىچى ئاممىغا يۈزلەنگەن بولۇپ، داۋالاش-قۇتقۇزۇش، ئاممىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش قاتارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان، ئۇ ئاممىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداشتىكى بىرىنچى مۇداپىئە سېپى. ئىلگىرى ئۇنۋان باھالاش چەكلىمىگە ئۇچراش، تەمىنات سەۋىيەسى شەھەردىكى دوختۇرخانىلىرى بىلەن پەرقى بولغاچقا، يېزا-بازارلىق دوختۇرخانىلارنىڭ داۋالاش قوشۇنى ئانچە مۇقىم بولماي، ياش دوختۇرلارنىڭ ئىستېپا بېرىش ئەھۋاللىرى بىر قەدەر كۆپ ئىدى.

«ھازىر ئوخشىمايدۇ.» 4-ئاينىڭ 18-كۈنى، قومۇل شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر سائادەت ئەمەت مۇنداق دېدى: 2022-يىلى، قومۇل شەھىرى ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يېڭى سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى تېببىي خىزمەتچىلەرگە يۈزلىنىپ، ئوتتۇرا، ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا ئۇنۋانىنى نىشانلىق باھالاش شەرتىنى تۈزدى. باھالاشتا نەتىجە ۋە تۆھپە گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئوقۇش تارىخى مۇۋاپىق قويۇۋېتىلىپ، ئىلمىي ماقالە سانىغا قويۇلىدىغان تەلەپ سۇسلاشتۇرۇلۇپ، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ساننى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپى، جاپالىق رايونلاردىكى دوختۇر، سېسترالارغا مايىللاشتۇرۇلۇپ، يېزا-كەنتلەردە ئۇزاق مۇددەت يىلتىز تارتقان زور بىر تۈركۈم تېببىي خادىملار ئوتتۇرا دەرىجىلىك، كاندىدات ئالىي دەرىجىلىك ۋە ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋانغا ئېرىشتى.

«يېڭى سىياسەت پۈتۈن دوختۇرخانىدىكى تېببىي خىزمەتچىلەرنىڭ كەسىپنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىش، ئىش ئورنىدا يىلتىز تارتىش قىزغىنلىقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.» شەھەر ئىچى يېزىلىق دوختۇرخانا پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لى خۇڭشيا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، بۇ دوختۇرخانىدىكى 66 نەپەر تېببىي خادىم ئىچىدە، ئۇنىۋېرسال ۋىراچتىن 11 ئادەم، كەسپىي ۋىراچتىن 16 ئادەم، دورىگەردىن ئىككى ئادەم، مەسئۇل دورىگەردىن بىر ئادەم بار بولۇپ، داۋالاش مۇلازىمىتى سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستى.

4-ئاينىڭ 18-كۈنى، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى راھەتباغ يېزىسى شامال چارباغ كەنتى شىپاخانىسىدا، مۇدىر ۋىراچ رەشىدەم سۇلايمان ئاممىنىڭ كېسىلىنى كۆرسەتمەكتە. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي فوتوسى

   بازاردا، ئامما مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سەۋىيەسى ۋە مۇلازىمىتىنى ناھايىتى ئېتىراپ قىلدى. «بىز ھەممىمىز دوختۇرلارنى تونۇيمىز، ئۇلارنىڭ سەۋىيەسى بەك يۇقىرى. بالىلارنىڭ كېسىلى، ياشانغانلارنىڭ كېسىلىنى كۆرەلەيدۇ، مۇلازىمىتىمۇ ناھايىتى ياخشى.» دېدى شەھەر ئىچى يېزىسىنىڭ ئاھالىسى ئەمەت ئىسمايىل.

   «بازار بىزنىڭ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان مۇھىم سورۇنىمىز. بىز ئىلمىي بولغان سەھىيە، ساغلاملىق مۇلازىمىتىنى تاۋارغا ئوخشاش سېتىپ چىقىرىپ، تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرنى نەپكە ئېرىشتۈرىمىز». لى خۇڭشيا شۇنداق دېدى: داۋالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش، يېزا-بازار شىپاخانىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ بىرى. يېزا دەرىجىلىك دوختۇرخانىلار ئاممىنىڭ كېسىلىنى داۋالاپلا قالماي، يەنە ساغلاملىق بويىچە تاللاپ تەكشۈرۈش، ساغلاملىق مۇداپىئەسى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك، «بازاردا ئادەم كۆپ، بۇ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىدىغان ياخشى جاي، بازار بار يەردە بىز تېببىي خادىملار بار».

چۈشكە يېقىن بازاردا ئادەم بارغانسېرى كۆپەيدى. ھەقسىز كېسەل كۆرۈش سۇپىسى ئادەم بىلەن لىق تولدى. قان بېسىمىنى ئۆلچەش، تومۇر تۇتۇش، كېسەللىك ئەھۋالىنى سوراش ... مۇتەخەسسىسلەر جىددىي خىزمەتكە كىرىشىپ كەتتى.

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.