تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن تىيانشان

 ① 1990- يىلى 9- ئايدا، لەنجوۋ - شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ ئۈرۈمچى غەربىي ۋوگزالىدىن ئالاتاۋ پورتىغىچە بولغان بۆلىكىگە رېلىس ياتقۇزۇش ۋەزىپىسى غەلىبىلىك تاماملىنىپ، ئاسىيا - ياۋروپا 2- قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى تۇتاشتۇرۇلدى.

 ② 1994- يىلى 9- ئاينىڭ 10- كۈنى، شىئەن - لەنجوۋ - ئۈرۈمچى ئوپتىك كابېل غول لىنىيەسى رەسمىي ئۇلاندى. بۇ ئاسىيا - ياۋروپا ئوپتىكىلىق كابېل چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى پۈتۈن مۇساپىدە 30 ئۆزەكلىك ئوپتىك تالالىق كابېل ئىشلىتىلگەن چوڭ سىغىملىق رەقەملىك خەۋەرلىشىش غول لىنىيەسى.

 ③ 1995- يىلى 10- ئاينىڭ 4- كۈنى، دۆلىتىمىز كۆچمە قۇملۇقتا ياسىغان تۇنجى دەرىجىلىك تاشيول − تارىم قۇملۇق تاشيولىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلاندى.

 ④ 1990- يىلى 9- ئاينىڭ 5- كۈنى، دۆلىتىمىزنىڭ سۇ ئىنشائاتلىرىنى تۈزەشتىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇشى − قىزىل سۇ ئامبىرى دامبىسىدا ئېقىن توسۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.

 ⑤ 1998- يىلى، باقتۇ پورتىدىكى ئۈزۈلمەي ئۆتىشىپ تۇرغان يۈك ئاپتوموبىللىرى. ھازىرغىچە، شىنجاڭدا دۆلەت تەستىقلىغان 1- دەرىجىلىك پورت 18گە يەتتى.

 ⑥ 1994- يىلى 2- ئاينىڭ 2- كۈنى، «شىنخۇڭشىن» شىركىتىنىڭ پېيى شېنجېن بېرژىسىدا ئوڭۇشلۇق بازارغا سېلىنىپ، شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىشىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى. سۈرەتتە: ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىلىرى پاي چېكى سېتىۋېلىش گۇۋاھنامىسىنى بەس - بەستە ئىلتىماس قىلىپ سېتىۋالماقتا.

 ⑦ 1992- يىلى 9- ئايدا، تۇنجى نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى چېگرا يەرلىك ئىقتىساد - سودا كېڭىشىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. 2010- يىلىغا قەدەر ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى 19 نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشى ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى.

 ⑧ 1995- يىلى 5- ئاينىڭ 1- كۈنى، دۆلىتىمىز قوش دەم ئېلىش كۈنىنى يولغا قويۇشقا باشلىدى. سۈرەتتە: تۇنجى قوش دەم ئېلىش كۈنىدىكى ئۈرۈمچى كوچىسىنىڭ ئاۋات مەنزىرىسى.

 ⑨ 1999- يىلى 11- ئاينىڭ 19- كۈنى، ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا بېلەت ساتقۇچىسى يوق ئاپتوبۇسلار قاتناشقا باشلىدى.

 ⑩ 1995- يىلى 10- ئايدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ غەمخورلۇقىدا، 30 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان خوتەن ناھىيەسىنىڭ قۇدۇق قېزىپ سۇنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشى پۈتتى. 153 مىڭ ئادەم ئەۋلادمۇئەۋلاد كۆل سۈيى ئىچىش تارىخى بىلەن خوشلىشىپ، پاكىز سۇ ئىچەلەيدىغان بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى