تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

گەزلىك كەنتى مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسىدا بەخت ناخشىسى ياڭرىدى

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جوۋ پېڭ فوتوسى، خەۋىرى) 4-ئاينىڭ 24-كۈنى، كەلپىن ناھىيەسىنىڭ گەزلىك بازىرى گەزلىك كەنتىگە جايلاشقان مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسىدا، شۇ جايدىكى ئامما ناخشا ئېيتىۋاتاتتى، ئۇلارنىڭ شوخ ناخشا ساداسى نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنى ھاياجانغا سالدى.

4- ئاينىڭ 24-كۈنى، كەلپىن ناھىيەسىنىڭ گەزلىك بازىرى گەزلىك كەنتىگە جايلاشقان مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسىدا، شۇ جايدىكى ئامما ناخشا ئېيتماقتا.

    گەزلىك كەنتى مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسى 2022-يىلى قۇرۇلغان، شۇ جايدىكى يېتىشتۈرۈش، تەربىيەلەش، ئىستىراھەت، كۆڭۈل ئېچىش بىر گەۋدىلەشكەن ئۇنىۋېرسال تەربىيە بازىسى بولۇپ، ئىككى يىلغا يېقىن يۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق، ھازىر شۇ جايدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرىدىغان ئاساسلىق سورۇنغا ئايلاندى.

    گەزلىك كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئالتۇنخان ئىبراھىم مۇنداق دېدى: «بازار ۋە كەنت بىزنىڭ ئۆينى مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسى قىلىپ تاللىدى، يەنە 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ بېزەپ بەردى، بۇنىڭدىن مەن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. مەن ياش ۋاقتىمدا ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناشقا ئامراق ئىدىم، دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسال ۋاقىتلىرىدا كەنتتىكىلەر ئۆيۈمگە جەم بولۇپ، بىرلىكتە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ قاينام -تاشقىنلىققا چۆمىمىز.»

4-ئاينىڭ 24-كۈنى، كەلپىن ناھىيەسىنىڭ گەزلىك بازىرى گەزلىك كەنتىگە جايلاشقان مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسىدا، شۇ جايدىكى ئامما ئۇسسۇل ئوينىماقتا (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

4-ئاينىڭ 24-كۈنى، كەلپىن ناھىيەسىنىڭ گەزلىك بازىرى گەزلىك كەنتىگە جايلاشقان مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسىدا، شۇ جايدىكى ئامما شاھمات ئوينىماقتا.

    «كەنتىمىزدىكى ياشلارمۇ بۇ يەرگە كېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بىز بۇ يەردە مىللەتلەر ئەنئەنىۋى چالغۇلىرىنى ئۆگىنىپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينايمىز، يەنە كىنو كۆرىمىز، مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسىدىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىمىز»، دېدى كەنت ئاھالىسى ئايگۈل مەمەت.

    كەلپىن ناھىيەسى گەزلىك بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات ھەيئىتى شيەن شۈن مۇنداق دېدى: «بىز مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسى قۇرۇلۇشىغا كۈچ سەرپ قىلىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىش، كىتاب ئوقۇش، ئەنئەنىۋى چالغۇلارنى كۆرگەزمە قىلىپ ئۆگىنىش، شاھمات، قارتا، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى سىڭدۈردۇق، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما قاتارلىقلارنى تەشكىللەپ، باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتى، دۈەنۋۇ بايرىمى، جۇڭچيۇ بايرىمى قاتارلىق ئەنئەنىۋى بايراملارغا بىرلەشتۈرۈپ تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردۇق».

​4-ئاينىڭ 24-كۈنى، كەلپىن ناھىيەسىنىڭ گەزلىك بازىرى گەزلىك كەنتىگە جايلاشقان مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسىدا، شۇ جايدىكى ئامما ئۇسسۇل ئوينىماقتا.

4-ئاينىڭ 24-كۈنى، كەلپىن ناھىيەسىنىڭ گەزلىك بازىرى گەزلىك كەنتىگە جايلاشقان مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسىدا، شۇ جايدىكى ئامما ئويۇن كۆرمەكتە.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.