■ ① 2000- يىلى دۆلەت ئىچكىرى رايونلاردىكى ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان بىر قىسىم شەھەرلەردە ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى ئېچىپ، ئاساسلىقى شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىشنى قارار قىلدى. سۈرەتتە: دۇڭگۇەن ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار تەنەپپۇستا پاراڭلاشماقتا.
■ ② 2008- يىلى، شىنجاڭدىكى كەڭ يېزا ئاممىسىغا نەپ يەتكۈزىدىغان رادىيو - تېلېۋىزىيەنى ھەممە كەنتكە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى باشلاندى.
■ ③ 2008- يىلى 6- ئايدا، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇقەددەس ئوتى شىنجاڭدا يەتكۈزۈلدى. قەشقەر شەھىرىدىكى ھەر مىللەت ئامما قولىغا دۆلەت بايرىقى ۋە بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە بايرىقىنى كۆتۈرۈپ تەنتەنە قىلدى.
■ ④ 2005- يىلى 11- ئاينىڭ 25- كۈنى، «جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقامى سەنئىتى» بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ 3- تۈركۈمدىكى «ئىنسانلارنىڭ ئاغزاكى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى»لىكىگە ئىلتىماس قىلىشتىن ئۆتتى. 70 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرى ئۈنۈملۈك قوغدالدى ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىندى.
■ ⑤ 2009- يىلى 9- ئاينىڭ 21- كۈنى، جۇڭگونىڭ غەربىي رايونلارنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشتىكى بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش، دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ئايرىش بىلەن خىمىيە سانائىتى بىر گەۋدىلەشكەن قۇرۇلۇش − جۇڭگو نېفىتى مايتاغ نېفىت- خىمىيە سانائىتى باش زاۋۇتىنىڭ 10 مىليون توننىلىق نېفىت ئايرىش، 1 مىليون توننىلىق ئېتىلېن ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى.
■ ⑥ 2011- يىلى 9- ئاينىڭ 30- كۈنى، ئىلى كەڭساي كۆۋرۈكىدە رەسمىي قاتناش باشلىنىپ، كەڭساي تاشيولىدىكى ئۇزاقتىن بۇيان كىشىنى تىت - تىت قىلىپ كەلگەن «بوغما» يول بۆلىكىنىڭ تەبىئىي توسۇقى راۋانلاشتۇرۇلدى.
■ ⑦ 2007- يىلى سايرام كۆلىنى ئايلىنىش تاشيول ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلدى، 2013- يىلى مەملىكەت خاراكتېرلىك مۇسابىقە دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى. نۆۋەتتە بۇ مۇسابىقە دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىشتىن سىرتقى تاشيول ۋېلىسىپىت مۇسابىقىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
■ ⑧ 2005- يىلى يېزا - كەنت بازارلىرىدا كۆرگەزمە قىلىنغان پىكاپلار ئېشەك ھارۋىسىنى ھەيدەپ بازار ئايلانغىلى كەلگەن دېھقانلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى.